تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېرنى تەبرىكلىدى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن راكېتا ئارمىيەسىنىڭ جېڭۋېيى يولداش شۈ جۇڭبوغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن راكېتا ئارمىيەسىنىڭ جېڭۋېيى يولداش شۈ جۇڭبوغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن شۈ جۇڭبو رەتلىك قىياپەتتە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى پاگونى تاقىغان شۈ جۇڭبو شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.