تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ جېڭى، چوڭ سىنىقىدا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ سىن يىغىنىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ جېڭى، چوڭ سىنىقىدا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەننىڭ شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، مۇئاۋىن زۇڭلى سۈن چۇنلەن شىنجاڭغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىش، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇئاۋىن زۇڭلى سۈن چۇنلەننىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، «تۆت تەرەپ»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۈرۈمچىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرمۇتۈر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى بىرىنچى چوڭ ئىش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك؛ باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىچكى جەھەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، نورمال ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىپ - چىقىشى، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ يىغىلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرى ۋە ئىمپورت قىلىنغان توڭلىتىلغان، خام، يېڭى يېمەكلىكلەرنى كارانتىن قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى ھەقىقىي زىچ توقۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئاساسىي خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي كۈچلەرنى تەڭشەپ سەپلەپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك، دۆلەتنىڭ 7 - نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى بويىچە، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ خىل پەنلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئېغىر ئاغرىققا، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىققا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، كاپالەتلەندۈرۈش، تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، بازار تەمىناتىنىڭ تولۇق، باھانىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نۇقتىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، تەڭشەپ سەپلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، 24 سائەت خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى سىجىل يېتىلدۈرۈش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك. ئونىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - چاڭلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.