تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يامغۇر ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا كۆزىتىپ، ئۆلچەپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، كەلكۈن، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلار، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان نۇقتىلارنى چارلاش - قوغداشنى كۈچەيتىش؛ سۇ مەنبەسىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ يۆتكەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ ساقلاش، سۇغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ مۇھىم، زور قۇرۇلۇش، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش تەلىپى بويىچە، رايونغا ئايرىلغان، دەرىجىگە ئايرىلغان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۈرۈمچى يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلمىي ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھەللە، كوچىلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك؛ باشقا ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي پۇختا قۇرۇشى كېرەك. دەل جايىدىكى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، مۇھىم مەيدان - سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش - تىزىملاش، دېزىنفېكسىيەلەش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك؛ ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قىزىپ قالغان كىشىلەرنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، سېلىنمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا ئېغىر نامراتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى، بولۇپمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇختا ھالدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.