تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئاچتى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن ھەم دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈ جىڭجىن ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ۋاقىت جەھەتتە مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تەدبىر جەھەتتە دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ۋىرۇسنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا تېببىي كۆزىتىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك؛ «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىستىل جەھەتتە ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. تەكشۈرۈش خادىملىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ سەپلەپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل يول ئېچىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاش كېرەك. تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋرىشكە سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكى، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، تەكشۈرۈلگەن ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۈ جىڭجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار كەسكىن، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈشكە يوللاش، تەكشۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، مەنبەدىن تەكشۈرۈش، مەھەللە باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، بارلىق ئاغرىقلارغا قارىتا «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشى، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئاپتونوم رايوندىكى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.