تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، دوختۇر - سېسترالار، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رادىيو - تېلېۋىزىيە مەھەللىسى ئىتتىپاق ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نەق مەيدانىغا بېرىپ، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدە، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇمنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ھەم ئۇلارغا چېتىشلىق خادىملارنى ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رادىيو - تېلېۋىزىيە مەھەللىسى ئىتتىپاق ئولتۇراق رايونىدا، ھەر مىللەت ئاھالە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەرتىپلىك ھالدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈۋاتاتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، دوختۇر - سېسترالار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: نەق مەيدان تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، «بىر مېتىر ئارىلىق» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بىلەن تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇختا تۇتۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى كۈچەپ تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ پۇختا توقۇشى كېرەك؛ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىگىلەپ، ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تەشۋىقات، تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى يۇقۇمغا توغرا، ئىدراكىي قاراپ، ئۆزى ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، ئىشنى نەق جايىدىن باشلاپ، ئىشنىڭ ئىنچىكە يېرىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، جايىدا تۇتۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى چېچىۋەتمەي، خىزمەتلەرنى ئۈزۈپ قويماي، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.