تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى

چېن چۈەنگو دوكلات قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو دوكلات قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈ جىڭجىن، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جيەن، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لېي جېڭلۇڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن دوكلات قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

يۈ جىڭجىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى بىرىنچى ۋاقىتتا قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشى، تارقىلىپ كېڭىيىشى، يامرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ دەللىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى، يۇقۇم ئۇچۇرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت دائىرىسىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەيدان - سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەشنى ياخشى قىلىپ، ماسكا تاقاش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، تىزىملاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى ھەقىقىي تۈردە زىچ توقۇش كېرەك. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇتەخەسسىسلەر، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بۇ قېتىم يۇقۇمدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ئومۇميۈزلۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئېرىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىشىپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى. بىز قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىدە ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق، تۈركۈمگە ئايرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئۆزى مۇداپىئەلىنىشىنى پۇختا ياخشى قىلىپ، دوختۇرخانىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز.

لېي جېڭلۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ قېتىم يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاغرىق مىساللىرىنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى پائال قانات يايدۇردى، خىزمەتلەر ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولدى. بىز پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار كەسپىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تارقىلىش يوللىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى پەرقلەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھازىرقى خىزمەت نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن پائال پايدىلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قاتلاممۇقاتلام رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، يۇقۇش مەنبەسى، تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەدبىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىك تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، ئاغرىق مىسالىنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جاڭ چۇنلىن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار دوكلات قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.