تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يەنىمۇ قاتتىق، يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى

يەنىمۇ قاتتىق، يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تىيانشان رايونى خەلق يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى تەنتەربىيە سارىيى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كېلىپ، مەھەللە كادىرلىرىدىن ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئائىلىدە ئايرىش مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى يېڭى بېييۈەنچۇن بازىرىنىڭ كۆكتات سودا رايونى ۋە تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونىدىكى خەلق يولى جەنۇبىي مەھەللىسى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مال كىرگۈزۈش يوللىرى، تاۋارلارنىڭ باھاسى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەڭشەپ تەقسىملەش، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش، يوللارنى كېڭەيتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم، ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باھانى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازار باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش تۈرلۈك قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سودىگەرلەرنى قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر خەلق يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى تەنتەربىيە سارىيى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئولتۇراق رايونغا كىرىپ، مەھەللە كادىرلىرىدىن ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئائىلىدە ئايرىش مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، كودنى تەكشۈرۈش، تىزىملاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى پائالىيەت مەيدان - سورۇنلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش، تازىلاشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەلىپى ۋە قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ھەل قىلىپ، ئامما خىزمىتىنى چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەتئىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يەنىمۇ قاتتىق، يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا بولۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئىلغاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق، خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇش، مەنبەنى دەل جايىدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايونغا ئايرىلغان، دەرىجىگە ئايرىلغان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇن ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىلغاپ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەھەللە، كوچىلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تىزىملاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زىچ تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، تەڭشەپ تەقسىملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىق»، «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توشۇش «يېشىل يولى»نى ئېچىپ، بازار تەمىناتىنىڭ تولۇق، باھانىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۇچۇرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا پائال تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن تەۋرەنمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا مۈجمەل بولماسلىق، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشتا بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بازا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىقنى قەتئىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پۇختا پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.