تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆرۈلۈشى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى. بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئاغرىق مىسالىنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھازىر بار بولغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە تېببىي كۆزىتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلمىي، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان، چىقىدىغانلارنى باشقۇرۇش ۋە شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكىلىپ تۇرىدىغانلارغا قارىتا يۇقۇم جەھەتتىن كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەھەللە، يېزىلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىدە ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇش كېرەك. ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى تەڭشەپ يۆتكەپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇلۇشى - داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچ - ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈچ يىغىپ، كۈچ توپلاپ، كۈچ ئېلىپ، ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقلىقى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىستاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامرات ئامما قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پائال سۇپا ھازىرلاپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلىشى، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش ۋە ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، سېلىنما، ئىستېمال، تاشقى سودا يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. سېلىنما، ئىستېمال، تاشقى سودىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق ئالغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، سېلىنمىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، پورت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىشتەك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىچكى قىسىمغا ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ماكرو سىياسەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، مىكرو سىياسەتنىڭ جانلىق بولۇشى، جەمئىيەت سىياسىتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەتلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، سالماقنى ئاشۇرۇپ ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

ئونىنچىدىن، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك؛ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، چەكلىك مەبلەغنى دەل جايىغا، مۇھىم جايغا ئىشلىتىش كېرەك.

ئون بىرىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

ئون ئىككىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماسلىق، مېخانىزمنى ئۆزگەرتمەسلىك، خىزمەتنى بوشاشتۇرماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.