تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى سۆزلىشىش يىغىنى ئالاھىدە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى سۆزلىشىش يىغىنى ئالاھىدە يىغىنى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى سۆزلىشىش يىغىنى ئالاھىدە يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى رەھبەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى، ئەرەب مىللىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەت قەدىمىي يىپەك يولىدا كىرىپ - چىقىپ دوستانە ئۆتۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا قول تۇتۇشۇپ ھەمراھ بولۇپ، دۆلەتنى باي - قۇدرەتلىك قىلىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارماقتا. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سىنىقى ئارقىلىق، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، خەلقنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ باشتىن - ئاخىر ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بەردى. جۇڭگو تەرەپ كەڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى سۆزلىشىش يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سۇپا. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ سۇپىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى، ئەرەب مىللىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى سۆزلىشىش يىغىنى ئالاھىدە يىغىنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، باش تېمىسى «يېڭى دەۋردە جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلايلى». ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى گارزۇۋانى، پەلەستىن فاتاخنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ئابباس، سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، زۇڭتۇڭ بەشىر، ماراكەش ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، باش ۋەزىر ئوسمانى قاتارلىق ئالتە نەپەر ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبىرى يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ 60تىن ئارتۇق رەھبىرى قاتناشتى. ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھاسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز؛ جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ھەم ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز؛ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، شياڭگاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئىشلار جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ئىدىيەدە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.