تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، ليۇ چى، شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ چى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون بىلەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خىزمەت سۆھبىتى ۋە جياڭشى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جياڭشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈلگە كۆرسىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلاردىن بولۇش»تەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جياڭشىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى. بىز جياڭشىنىڭ ياخشى تەجرىبىسى، ياخشى ئۇسۇلى، ياخشى ئىستىلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۈچنى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە مۇجەسسەملەپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن مىننەتدار. شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، جياڭشى خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

ليۇ چى شىنجاڭنىڭ جياڭشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىدى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى سىڭگەن.

ليۇ چى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش تاماملىنىدىغان يىل. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە كادىرلار، ئاممىغا زىچ تايىنىپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاشقا كۈچ قوشۇشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇشنى تۈپ تەدبىر قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز. شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جياڭشى - شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەر تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جياڭشى كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا مەدەت بېرىپ، ياردەم بېرىپ، ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئالاقىدار يولداشلار قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى، نامراتلارنى يۆلەش سېخى، كەنت كومىتېتى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق بازىسى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، پورت قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، نامرات ئاممىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن چېن شىڭچاۋ، خۇ چياڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، پېڭ جيارۈي، بادەي، جاۋ چىڭ، چېڭ جېنشەن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.