تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلار يىغىنى باشلانغاندا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تاراتقۇ ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ئالاھىدە مەزگىلدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى يۇقۇم سەۋەبىدىن، بىز سىنلىق ئالاقىلىشىش شەكلىدە مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتۇق، مېنىڭچە بۇ ئارىلىق ئارىمىزدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ۋاقىت چەكلىك، كۆپچىلىك سوئال سورىساڭلار بولىدۇ.

رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر پەيدا قىلدى، نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمىتى نەچچە تىرىليون دوللارلىق مالىيە ۋە پۇل تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن زەربىسىگە تاقابىل تۇردى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بېكىتىلمەپتۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۆلچەرەن ھېسابلىشىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مالىيە تەدبىرى جۇڭگونىڭ 2019 - يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %4ىنى ئىگىلىگەن، بۇ كۆلەم بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كۆزلىمىسىدىن تۆۋەن، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىدا تۇنجى قېتىم نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تارىيىش كۆرۈلدى. كەلگۈسى نەچچە ئايدا، جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ زور كۆلەملىك تۈرتكە بولۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويامدۇ - يوق؟ تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو تەرەپنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇمنىڭ سىجىل يامرىشىغا ۋە ئۈزلۈكسىز جىددىيلىشىۋاتقان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تاقابىل تۇرالايدىغان يېتەرلىك سىياسەت قورالى بارمۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە پەيدا قىلدى، تارىختا ئاز كۆرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. يېقىندا نۇرغۇن ئاساسلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مىنۇس %3، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئاللىقاچان چوڭقۇر سىڭگەن، ئۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ يىل بىز GDPنىڭ ئېشىشىنىڭ مىقدارلاشقان كۆرسەتكۈچىنى بېكىتمىدۇق، بۇمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەنلىك. بىراق بىز ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» نىشان ۋەزىپىسىنى بېكىتتۇق، بۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇھىم ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئەمەلىيەتتە خەلق ئاممىسىغا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە قىلىش. تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ ۋە ئاساس. ئەگەر بىرتۇتاش ھېسابلىساق، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى، بولۇپمۇ ئالدىنقى «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرساق، بىز بۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شۇنداقلا بەلگىلىك نىسبەتنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

سىز بايا بىز ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت كۆلىمىنىڭ كۆزلىمىدىن تۆۋەن بولغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاسلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز، لېكىن مەنمۇ نۇرغۇن جەھەتتىكى ئىنكاسلارنى ئاڭلىدىم، بىز ئوتتۇرىغا قويغان كۆلەملىك سىياسەتنىڭ يەنىلا سالمىقى بار دەپ قارايمەن. بۇ زەربىگە تاقابىل تۇرۇشتا، بىز ھەم سالماقنى ئىگىلىشىمىز، يەنە پۇرسەتنىمۇ ئىگىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامرىغان چاغدا، بىزمۇ بىر قىسىم سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بىراق شۇ چاغدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەنىلا ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، كەسىپنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، بىر قىسىم سىياسەتنىڭ تامامەن ئەمەلىيلىشىشىگە مۇمكىن بولمىدى، كۆپلىگەن ئادەم ئۆيىدە تۇردى. بۇ جەرياندا، بىزمۇ تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. دەل ئالدىنقى مەزگىلدىكى تەجرىبە ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتكە بولغان ھۆكۈمگە ئاساسەن، بىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغان كۆلەملىك سىياسەت - تەدبىرنىڭ سالمىقى بار دېيىشكە بولىدۇ.

ئىلگىرى بىز «باستۇرۇپ سۇغىرىش» قىلمايمىز دېگەن، ھازىر ھېلىھەم شۇنداق قىلىۋاتىمىز، بىراق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە پەۋقۇلئاددە سىياسەت بولۇشى كېرەك، بۇنى بىز «سۇ قويۇپ بېرىپ بېلىق بېقىش» دەيمىز. يېتەرلىك سۇ بولمىسا، بېلىق ياشىيالمايدۇ. مۇبادا سۇ يېيىلىپ كەتسىلا، كۆپۈكچىلەر شەكىللىنىپ، بەزىلەر ئارىدىن پايدا ئۈندۈرۈۋالىدۇ، بېلىقنىمۇ باققىلى بولمايدۇ، يەنە بەزىلەر سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدۇ. شۇڭا بىز قوللانغان تەدبىر قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك، بۇ دېگەنلىك تومۇرنى توغرا تۇتۇش، دورىنى توغرا بېرىش كېرەك دېگەنلىكتۇر. پۇل نەدىن كېلىدۇ، قەيەرگە ئىشلىتىلىدۇ، ھەممىسىدە يېڭى يولدا مېڭىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى كۆلەملىك سىياسەتتە تەييارلانغان مەبلەغ ئىككى چوڭ بۆلەككە ئايرىلدى: بىر بۆلىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە تارقىتىلىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى بولۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون يۈەن. يەنە بىر تېخىمۇ چوڭ بۆلىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش بولۇپ، بەزى دۆلەتلەر ئىش ھەققى بېجى دەپ ئاتاپ ھەم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قالدۇقىدىن ئىشلىتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى، تەبىئىي مونوپول خاراكتېرىدىكى كارخانىلارنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ بۆلەك قوشۇلسا تەخمىنەن ئالدىنقى بۆلەكنىڭ ئىككى ھەسسىسى بولىدۇ. بىز بۇ مەبلەغلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىگە تىرەك قىلىمىز. بۇ مەبلەغلەرنى بىزنىڭ ھازىرقى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى بولغان 40 نەچچە تىرىليون يۈەنلىك ئومۇمىي گەۋدە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نىسبەت ئىككى خانىلىق سانغا يېتىدۇ.

تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى پۇل نەگە بارىدۇ؟ بىز بۇ قېتىم كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن قوللانغان كۆلەملىك سىياسەت، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ، ئاھالىلەرنى ئىستېمال ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ، بۇ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ يولى دېيىشكە بولىدۇ.

پۇل پۇلنى تاپىدۇ، خەلققە ئىشلىتىلگەن پۇل يېڭى بايلىق يارىتىپ، باج مەنبەسىنى ساقلاپ قېلىپ، مالىيەنى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلىدۇ. بىز چوقۇم ھازىرقى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، لېكىن، قاتتىق دەسسەپ، چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ كەينىدىكىلەرنىڭ يولدىن ئېزىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئىقتىسادىي جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە يەنە چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، بىز يەنە سىياسەت بوشلۇقى قالدۇردۇق، مەيلى مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەتتە بولسۇن ھەممىسىدە سىياسەت زاپىسى بار، يېڭى سىياسەتنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ، شۇنداقلا ئىككىلەنمەيمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، چوقۇم ھازىرقى قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئاساسىي ھالەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، دۇنيا ئۈچۈن قوشۇلغان تۆھپە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

پېڭ بو ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يېشىلمىگەن سىر بولۇپ، ئالىملار بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىش كەلگۈسىدە كەڭ تارقىلىشچان كېسەل يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق دەپ قارىدى. بەزىلەر مەنبە مەسىلىسىدە خەلقئارالىق قاراپ چىقىشنى قانات يايدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو تەرەپ تەكشۈرۈشكە قارىتا قانداق مەيداندا تۇرىدۇ؟ سىزنىڭچە بۇنداق تەكشۈرۈش قانداق مەقسەتكە يېتىشى كېرەك؟ نېمە مەسىلىدىن ساقلىنىش كېرەك؟

لى كېچياڭ: جۇڭگو ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. يېقىندا ئېچىلغان دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا ئالاقىدار قارار ماقۇللاندى، جۇڭگومۇ قاتناشتى. چۈنكى مەنبەنى ئىلمىي سۈرۈشتۈرگەندە تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىقى ئۈچۈندۇر.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز يۈز بەردى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي يېڭى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغانلىرى مەلۇم بولغانلىرىدىن يەنىلا كۆپ دېيىشكە بولىدۇ. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، ئۇ پۈتۈن دۇنيا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەۋاتىدۇ، ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ھازىرغىچە تېخى مۇكەممەل تەجرىبە يوق. بىز يۇقۇمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كونترول قىلىپ، ۋاكسىنا، ئۈنۈملۈك دورا، تەكشۈرۈش دورىلىرى تەتقىقاتىدا بۆسۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك، بۇ، ئىنسانلارنىڭ بۇ ۋىرۇس ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىكى كۈچلۈك قورال. جۇڭگو ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، بىزمۇ خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز. بۇ مەھسۇلاتلار يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلات، بىز ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنى ۋىرۇستىن ئىبارەت بۇ دۈشمەن ئۈستىدىن ئورتاق غالىب كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايمىز.

جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، ئاشكارا، ئوچۇق مەسئۇلىيەتچان بولغان ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. لېكىن ھازىر يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا تارقىلىۋاتىدۇ، جۇڭگودىمۇ ئاخىرلاشقىنى يوق، يەنە ئاغرىق مىسالى تارقىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئالىملار يەنىلا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئاشكارا، ئوچۇق بولۇش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم بايقالغان ھامان، قەتئىي باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ھەرقانداق يوشۇرۇشقا يول قويمايمىز، بەلكى ئىلمىي ئالدىنى ئالىمىز - داۋالايمىز.

ھازىر نۇرغۇن كىشى يۇقۇم قىسقا مۇددەتتە ئاخىرلاشماسلىقى، يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن دېيىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەت قوش خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىككى جاۋاب قەغىزى ئىشلىشى كېرەك: بىر جەھەتتىن يۇقۇمنى كونترول قىلىش؛ بىر جەھەتتىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ ئىككىسى زىددىيەتلىك، ئەگەر بىرلا جەھەتتىكى ئىشنى قىلسا ئوخشاش بولمايدۇ. بىز ھازىر زىددىيەت ئىچىدە تەڭپۇڭلىشىشقا، ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەشكە موھتاج، بولۇپمۇ خەلقئارا ھەمكارلىققا موھتاج. مەيلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن ياكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىنسانلارنى بۇ مەيدان غايەت زور دولقۇننىڭ زەربىسىدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: سىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سىياسىتىنى شەرھلىدىڭىز. ھۆكۈمەت قايسى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ مەبلەغلەرنىڭ كارخانىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشىگە، قۇرۇق ئايلىنىشتىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئادەتتىكى پۇقرالارغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغىلى بولامدۇ؟

لى كېچياڭ: بۇ بىر قېتىملىق ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زەربە، بىزنىڭ يېنىك ھارۋا بىلەن تونۇش يولدا مېڭىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، پەقەت چوڭ ھارۋا بىلەن قىيىن يولدا ماڭىمىز. شۇڭا بىز سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەن بايا دېدىم، بىز يولغا قويغان كۆلەملىك سىياسەت قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش دەپ ئاتىلىدۇ، ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇل قۇرۇلۇش تۈرىگە بېقىنىپ قالماسلىقتۇر. چۈنكى، ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىق تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، بەلكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار جەلپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بىز بۇ قېتىم قوللانغان كۆلەملىك سىياسەتتە، %70 ئەتراپىدا مەبلەغ ئىشلىتىلىپ، بىۋاسىتە ياكى بىر قەدەر بىۋاسىتە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىگە تىرەك قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرگىلى، بازارغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇم سەۋەبىدىن، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئىستېمالنى تىزگىنلەيدىغانلىقىدەك ناھايىتى چوڭ بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق. بىزنىڭ مۇشۇنداق يۆنىلىشتە سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزمۇ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى.

ئۇنىڭدىن قالسا، بىز سىياسەت، مەبلەغنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىنى، كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىنى، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىنى تەكىتلەيمىز. يېڭىدىن كۆپەيگەن قىزىل رەقەم ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايوم مەبلىغىنىڭ ھەممىسى يەرلىككە يۆتكەپ بېرىلىدۇ، ئۆلكىدىمۇ پەقەت «يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بايلىق ئىلاھى» بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ. ئېھتىمال بەزىلەر: ئۇنداقتا ئاساسىي قاتلام بۇ پۇلنى ياخشى ئىشلىتەلەمدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. بىز ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمىنى قوللىنىپ، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى كارخانىلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۆۋەن كاپالەت، ئىشسىزلىق، كۈتۈنۈش ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. راست نام تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ساختا ھېسابات قىلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ، ساختىپەزلىك قىلىشقىمۇ ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ قاراپ تۇرىمىز، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنىمۇ قارشى ئالىمىز. بىز قوللانغان تەدبىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمىنى بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق ئاممىسى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ قېتىم باشلامچى بولۇپ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈردى، بىز مەركەز تارماقلىرىنىڭ جىددىي زۆرۈر بولمىغان، مۇقىم بولمىغان چىقىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قىسقارتىپ، يۆتكەپ چىقىلغان مەبلەغنى ئاساسىي قاتلام، كارخانا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتتۇق. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك، شەكىلۋازلىق قىلىشقا، بەتخەجلىك قىلىپ پۇل خەجلەيدىغان ئاشۇنداق ئىشلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

بايا مەن ئىستېمالنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كۆپرەك توختالدىم، لېكىن بۇ مەبلەغ سالماسلىق كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بىز يەنە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىمىز. بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈر زايومى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە بىر قىسىم زايومنى قوشقاندا، 2 تىرىليون يۈەنلىك كۆلەمگە ئىگە بولىدۇ، بۇ، كۆلەملىك سىياسەتتە %20 - %30نى ئىگىلەيدۇ. بىزنىڭ مەبلەغ سېلىشىمىزدىكى مۇھىم نۇقتا «ئىككى يېڭى، بىر مۇھىم» يەنى يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مۇھىم، زور تۈرلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلاھ قىلىش چارىسىنى قوللىنىپ، بۇ مەبلەغلەرنى ئىشلىتىپ ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىنمىسىنى قوزغىتىمىز. تۈرنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى، پايدىسى بولۇشى، ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتۈشى، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش، يامان ئاقىۋەت قالدۇرماسلىق كېرەك.

جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىن يۇقۇم سەۋەبىدىن 5 - ئايغا سۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ۋاقىت نۇقتىسى دەل «20 · 5»غا ناھايىتى يېقىن. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەھۋالدا، كەلگۈسىدە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدىكى ئومۇمىي ئوي نېمە؟ كەلگۈسىدە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قانداق قىلىپ داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ؟

لى كېچياڭ: مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بىزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان زور سىياسەت - فاڭجېنىمىز ئىزچىل، شۇنداقلا كىشىلەر ئورتاق بىلىدۇ، دېدىم. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بۇ سىياسىي ئاساستا، بىز تەيۋەندىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە زاتلار بىلەن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلىشىپ، كېڭىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز، بىز ئەڭ زور سەمىمىيلىك، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، بىز ئەزەلدىن سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدۇق. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى ھەل قىلالىغۇدەك ئەقىل - پاراسىتى بار، ئىقتىدارى بار.

بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى قېرىندىشىمىز، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن دەپ قاراپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىنكىگە ئوخشاش، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار چىقمىدى. يۇقۇم ئالدىدا، بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئامان - ئېسەن، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرى: بۇ يىل سىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى، شەھەر - بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقۇرلىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز. كەسكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھۆكۈمەت ئىشسىزلىق دولقۇنىنى قانداق توسىدۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟

لى كېچياڭ: بۇ يىل بىز شەھەر - بازارلاردا 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتتۇق، ھەقىقەتەن بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تىرەك بولۇشى كېرەك. بىز شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %6 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتتۇق، بۇ يىل 4 - ئايدا شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %6 بولدى، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەنلىك.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، بىر ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى چوڭ ئىش. بۇ بىر نەچچە كۈندە مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆردۈم، تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈستىدە توختالغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر دېھقان ئىشلەمچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 50 نەچچە ياشتا بولۇپ، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغىنىغا 30 نەچچە يىل بوپتۇ، ھەر يىلى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەمما بۇ يىل تېخىچە خىزمەت تاپالماي، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. يەنە بەزى يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەتنى توختاتقىنىغا نەچچە ئاي بوپتۇ. بىر قىسىم تاشقى سودا كارخانىلىرىدا ھازىر زاكاز بولمىغاچقا، خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، ئەمما نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. جۇڭگودا 900 مىليون ئەمگەك كۈچى بار، ئۇلار ئىشقا ئورۇنلاشمىسا، پەقەت تاماق يەيدىغان 900 مىليون ئېغىز ھېسابلىنىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلاشسا، غايەت زور بايلىق يارىتالايدىغان 900 مىليون جۈپ قول ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر بار بولغان ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىياسەتنىڭ قوللىنىشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق قوللىنىلدى، سېلىنغان پۇلمۇ ئەڭ كۆپ بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بىز كۆلەملىك سىياسەت مەبلىغىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىشىگە يول قويىمىز، ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، ئۆسۈم ياردىمىگە ئىشلىتىشىگە يول قويىمىز. بۇنداق تەدبىر قوللىنىشىمىز كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش ئۈچۈندۇر. بىز يەنە كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىمىز، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا 35 مىليون ئادەم قېتىم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قالدۇق مەبلىغى ئارقىلىق ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزىنى تەڭشىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئىشسىز قالغان تەقدىردىمۇ، يەنە تىرىشىپ ئۇلارنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىمىز. ھازىر يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 100 مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. بىزنىڭ كۈنلۈك ئىشلەمچىلىك ئىگىلىكىمىزدىمۇ 200 مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. تېخىمۇ كۆپ يۆلەش سىياسىتىنى قوللىنىپلا قالماي، بەلكى مۇۋاپىق بولمىغان ھەر خىل رامكا - قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى يېتىلدۈرىمىز. بۇلتۇر بىزنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ساپ كۆپەيگەن كارخانىمىز 10 مىڭدىن ئاشتى، بۇ يىلمۇ مۇشۇ نىشان بويىچە تىرىشىمىز.

خەلق ئاممىسى چەكسىز ئىجادچانلىققا ئىگە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى ئەسلىسەك، زور تۈركۈمدىكى زىيالىي ياشلار شەھەرلەرگە قايتقان، شۇ چاغدا بىر «چوڭ چىنە چاي»لا قانچىلىغان ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغانىدى! ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، مەن غەربىي قىسىمدىكى بىر شەھەردە، شۇ جاينىڭ قائىدىسى بويىچە 36 مىڭ كۆچمە تىجارەتچى ئۈچۈن يايما ئورنى تەسىس قىلىنغانلىقى، نەتىجىدە بىر كېچىدىلا 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردۈم. جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، جۇڭگونىڭ بازارلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېچىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارىتا، بىزنىڭ نۇقتىلىق يۆلەش سىياسىتىمىز بار. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر سانىدا يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلىپ، 8 مىليون 740 مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ، ئۇلارنى «يىپى ئۈزۈلمەيدىغان لەگلەك»كە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن سىجىل تەمىنلەيمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا، مەيلى دائىم تۇرۇشلۇق جايدا ياكى يۇرتىغا قايتقاندا بولسۇن، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيمىز. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە قارىتا، ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن تۈزىدۇ. بۇ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشىگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ - يوق، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دىن ۋاز كەچكەنلىك بولامدۇ - يوق؟ نۆۋەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسىغا سىز قانداق قارايسىز؟

لى كېچياڭ: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، مەركىزىي ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ كەلدى، قەتئىي ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللىدى، بۇ ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. سىز تىلغا ئالغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەمدىلا ماقۇللىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارار «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىم بولۇشىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى: ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە كەڭ تارقىلىشىنى داۋاملىق جۇڭگوغا دۆڭگەۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ قاراشلار پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى يەنە قانداق قىلغاندا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، سىز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ۋە يول قويۇشى ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارامسىز؟ ئەگەر ھەمكارلىشىش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولسا، جۇڭگو ئىقتىسادى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ۋە «ئالاقىنى ئۈزۈش» تەھدىتىگە تاقابىل تۇرالامدۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: ھازىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھەقىقەتەن بەزى يېڭى مەسىلىلەر، يېڭى خىرىسلار كۆرۈلدى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم، ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردە، ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان ھەمدە ھەمكارلىشىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان جايلار بار، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت جەھەتلەردىمۇ كەڭ ئالاقىسى بار، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەت مەۋجۇت. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بەزى مەسىلىلەر يۈزبەرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ. سىز تىلغا ئالغان «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»قا كەلسەك، بىز ئەزەلدىن «سوغۇق ئۇرۇش» تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. ئاتالمىش «ئالاقىنى ئۈزۈش»نى ئىككى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ «ئالاقىنى ئۈزۈشى» دېيىشكە بولىدۇ، بۇ ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس، شۇنداقلا دۇنياغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، ماسلىشىش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسى رىتىم قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھازىرغىچە داۋاملىشىشى ئاسانغا توختىمىدى، ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا بۇنىڭدىن پايدا ئالدى. بۇ، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ جۇڭگو ۋۇخەندىكى مەبلەغ سېلىش تۈرىدە ئىش باشلىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئېسىمگە سالدى. بۇ مېنىڭ سودا ئېلانى بەرگىنىم ئەمەس، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن، شۇڭا تەبرىك خېتى ئەۋەتتىم. بۇ مىسال شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، جۇڭگو - ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ئېھتىياجى بار، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىدا سودا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا بازار تاللىشى، كارخانىچىلار ھۆكۈم قىلىشى، ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىشى، ھۆكۈمەت سۇپا قۇرۇش رولىنى ئوينىشى كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار، زىددىيەت مەۋجۇت، ئىختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مەسىلە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇرەككەپ بولدى، بۇنىڭدا ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. قىسقىسى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. بۇ ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ، دۇنياغىمۇ پايدىلىق.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا توختالغاندا، بىز ئاڭلىغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ سۆز دەل «مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «كاپالەتلىك قىلىش» بولدى. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، بۇنىڭ بىلەن بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟

لى كېچياڭ: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 نەچچە يىللىق تەجرىبىلىرى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، قانچىكى قىيىنچىلىق بولسا، ئىسلاھاتتا شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «كاپالەتلىك قىلىش»قا بازار سۇبيېكتى ئارقىلىق تىرەك بولۇنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بازار سۇبيېكتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى دەل بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدىكى ئۇسۇللاردۇر.

بىز ئالدى بىلەن بازار سۇبيېكتىنى جانلاندۇرىمىز. سىياسەتنىڭ ھەقىقىي ئالتۇن - كۈمۈشى ئاساسلىقى بازار سۇبيېكتىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈندۇر. ھەقىقىي ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك، دېيىلدى. بىزدە ھازىر 120 مىليون بازار سۇبيېكتى بار، ئۇلار دەل كەلگۈسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلار، ئۇلار ئېلىپ قېلىنسا، كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

بازار سۇبيېكتىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئۇلارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، مۇۋاپىق بولمىغان ھەر خىل رامكا - قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئادىل رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ خىل تەدبىر قارىماققا شەكىلسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شەكىللىك بايلىق يارىتالايدۇ، ياخشى ئىشلىگەندە، ئۇ ھەقىقىي ئالتۇن - كۈمۈش سېلىنمىسىدىن قېلىشمايدۇ.

يەنە بىر گەپ، يېڭى بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىلدۈرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، توردىن مال سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش، بۇلۇت ئارقىلىق ئىش بېجىرىش قاتارلىق بەزى يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىدە ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىش كۆرۈلۈپ، بەزى تىجارەت كىرىملىرى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئېشىپلا قالماي، بەلكى ھازىر يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى يەنە ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ بۇ يىللاردىن بۇيانقى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرغانلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى بازار سۇبيېكتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. بۇ يىل بىز كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ ئەتراپىدىكى كارخانىنى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆزىتىدىغان بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ.

بىزنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز چوڭ كارخانىلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمىز ئەمەس، يەنىلا چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بىللە گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا بەزى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ كارخانىلاردىن بولۇپ يېتىلىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يىل بىز قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىگە قاراپلا قالماي، يەنە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ روشەن بولغان - بولمىغانلىقىغىمۇ قارايمىز، بۇنداق بولغاندا كۆپەيتكۈچى ئېففېكتى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.

ياپونىيە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يامرىشى سەۋەبلىك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا، جۇڭگو يۇقۇمنى تىزگىنلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش پىلانى بارمۇ - يوق؟ جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە ئەركىن سودا سىستېمىسى ئورنىتىش جەھەتتىكى پىلانىنى قانداق ئالغا سىلجىتىدۇ؟ جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (TPP)گە قاتنىشىش ئويى بارمۇ؟

لى كېچياڭ: بۇلتۇرقى شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىرقاتار يىغىنلىرىدا، 15 دۆلەتنىڭ رەھبىرى بۇ يىل رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى قەرەلىدە ئىمزالاشقا ئورتاق ۋەدە بەردى، مەن بۇ ۋەدىنىڭ يوققا چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. بىزمۇ جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيەنىڭ ھەممىسى يېقىن قوشنىلار، بىز ئىقتىسادىي چوڭ ئايلىنىش داۋامىدا جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئىقتىسادىي كىچىك ئايلىنىشى بەرپا قىلىشنى خالايمىز. مەسىلەن، يېقىندا جۇڭگو بىلەن كورېيە سودا ئىشلىرى، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى خادىملار ئوڭۇشلۇق بېرىش - كېلىش قىلالايدىغان تېز، قولايلىق يول ئاچتى، بۇ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، سۇ بويىدىكى راۋاققا ئاي شولىسى بالدۇر چۈشىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

بايا سىز تىلغا ئالغان TPPغا كەلسەك، مېنىڭ چۈشەنچەم، ئۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (CPTPP)نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. CPTPPغا قاتنىشىشقا قارىتا جۇڭگو تەرەپ ئاكتىپ، ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىدۇ.

خەلق گېزىتى مۇخبىرى: بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، لېكىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر قايتا نامراتلىشىپ كېتىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىغىلى بولامدۇ؟ ھۆكۈمەت ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى قانداق كاپالەتلەندۈرىدۇ؟

لى كېچياڭ: جۇڭگو نوپۇسى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بىزنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق كىشى بېشى كىرىمىمىز 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، لېكىن 600 مىليون ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى كىشىلەر توپى بار، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 1000 يۈەن ئەتراپىدىلا، 1000 يۈەنگە بىر ئوتتۇراھال شەھەردە ئۆي ئىجارە ئېلىشمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن، ھازىر يەنە يۇقۇمغا دۇچ كەلدۇق. يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، خەلق تۇرمۇشى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ. قانداق قىلغاندا قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىز بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز. بىز قوللانغان قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇندايمىز، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ئەسلىدىكى ھېسابات بويىچە يەنە 5 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، بىر قىسىم كىشىلەر قايتا نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىمىز، بولۇپمۇ تەدبىر قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلايمىز، بىزنىڭ بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز بار.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ دەرد - ئەھۋالىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ھەربىر تەدبىر چىقارغاندا، ھەممە ئائىلىگە پايدىلىق بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك. بۇ يىل بىز يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالاھىدە ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئويلىشىپ، تۆۋەن كاپالەت ۋە ئىشسىزلىق كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. ھازىر تۆۋەن كاپالەت، ئىشسىزلىق كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىقلار دائىرىسىدىكىلەر تەخمىنەن بىر يىلدا 60 مىليون ئەتراپىدا، بىز بۇ يىل ئادەم سانىنى بىرقەدەر كۆپ ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز. كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى يېتەرلىك، ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىز بار. بىز چوقۇم ھېساباتنى ئىنچىكە قىلىپ، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەنە 300 مىليونغا يېقىن كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغانلار بار، بۇ يىل بىز كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، دېگەن ئىكەنمىز قىلىشىمىز كېرەك.

ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىش كېرەك، ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى قالدۇقىمىز ۋە زاپىسىمىز كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا تولۇق سوممىلىق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، لېكىن خىزمەتتە ھېچقانداق سەۋەنلىك كۆرۈلسە بولمايدۇ. بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلسە، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى قالمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسى بار، بىز جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئۈمىد ئاتا قىلىمىز. تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز، بۇمۇ خەلق رايىنى خاتىرجەم قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ. خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ. بۇ جەھەتتىكى خىزمەت بىر ئىش بولماستىن، بەلكى كۆپ ئىش بولۇپ، بىز ھەممىسىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، جايىدا ئىشلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى مۇخبىرى: سىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، يەر شارىۋى يۇقۇم ۋە ئىقتىساد - سودا ۋەزىيىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ناھايىتى زور بولغاچقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بەزى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تەسىر ئامىللىرىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز. سىز نۆۋەتتە جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان تاشقى ۋەزىيەتكە قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟ جۇڭگو تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئاممىۋى سەھىيە خىرىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو قانداق رول ئوينايدۇ؟

لى كېچياڭ: بىز ئالدى بىلەن ھازىرقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ باقايلى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىپ، دۇنياغا ئېغىر زەربە پەيدا قىلىپ، غايەت زور تەسىر ئېلىپ كەلدى. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سەۋەبىدىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىق كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئەگەر يەنە داۋاملىشىۋەرسە، دۇنيا ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىدۇ، بۇ خەتەرلىك. ئەگەر دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېشىش ئەسلىگە كېلەلمىسە، كەلگۈسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشمۇ ناھايىتى تەس بولۇشى مۇمكىن. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانى ئاممىۋى مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئېھتىياجلىق، ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز يۇقۇمنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قىلىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ئازايتالايمىز.

ئىشىكنى تاقىۋېلىپ تەرەققىياتنى يولغا قويۇش ئاقمايدۇ، بۇ تېرىقچىلىق دەۋرىگە قايتقانغا باراۋەر. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا چىقىرىمىز. ئېچىۋېتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ھاۋانىڭ ئادەمگە مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بىردەممۇ ئايرىلالمايدۇ، بولمىسا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. بىز ئېچىۋېتىش داۋامىدا يەنە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە يەنە بەزىلەر كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى تەڭشەش كېرەك دېيىشى مۇمكىن. كارخانىلارنىڭ تەڭشەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا، بازار قانۇنىيىتى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك، بازار قانۇنىيىتىدە ئەسلىدىنلا كارخانىلار كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ، ھايات - مامات بولۇپ تۇرىدۇ. بىز بازار قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلساق، قارىسىغا لايىھەلىسەك بولمايدۇ، بەلكى بازارنى تېخىمۇ ئۆزئارا ئېچىۋېتىشىمىز كېرەك.

قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشتا، دوستانە ئۆتۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. دۆلەت مەيلى چوڭ - كىچىك، باي - نامرات، كۈچلۈك - ئاجىز بولسۇن، ھەممىسى مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. بىللە ئۆتۈش قائىدىسىدە ئەگەر مۇكەممەل بولمىغان تەرەپلەر بولۇپ تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كەلسە، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ھەمكارلاشقان ئىكەنمىز، ئورتاق پايدا ئېلىشىمىز كېرەك، يالغۇز پايدا ئېلىش ئۇزاققا بارمايدۇ، يالغۇز يەۋېلىشمۇ ئاقمايدۇ. پەقەت ئورتاق پايدا ئېلىش جەريانىدىلا كۆپچىلىك ئاندىن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. يەنە ئۆزئارا ياردەم بېرىشىمىز، ئۆزئارا ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، ھەممىسى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.

جۇڭگو ناھايىتى چوڭ بازار، بىز ئالغا سىلجىتىۋاتقان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان كۆلەملىك سىياسەتلەر ئىستېمال بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. جۇڭگونىڭ يەنىلا كۆپچىلىك ياخشى دەپ بىلىدىغان مەبلەغ سېلىش مۇنبەت تۇپرىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن چوڭ بازارغا ئايلىنىشنى خالايمىز.

يۇقۇمدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئاممىۋى سەھىيە خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىلغا ئالغاندا، مەن ئالدىدا كۆپ قېتىم جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. مەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمدىن كېيىن تېخىمۇ ئېچىۋېتىشىنى، چېكىنىشتىن كېيىن يېڭى گۈللىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

مۇخبىرلار يىغىنى توردا سىنلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالغا تەسىس قىلىندى، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىگە تەسىس قىلىندى. مۇخبىرلار يىغىنى تەخمىنەن 110 مىنۇت داۋاملاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.