تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلق ئارىسىدىن قۇدرەتلىك كۈچ قوبۇل قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، زوۋ ۋېي، جۇ جىچەي

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا توسۇپ زەربە بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. 2020 - يىلى قانچە تەس بولسا، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن شۇنچە ئۆزگىچە بولدى.

نەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل، خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

خەلققە رىشتە باغلاش −

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز»

خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى تەيخې دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى، ۋەكىل لو جيې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئىككى قېتىم تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.

«بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر يولىدا خۇبېيدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.» 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى ئۈستىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق بىر تەپسىلاتنى سۆزلىدى −

«بۇ ۋەكىلنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، خۇبېيدا قۇتقۇزۇپ داۋالانغان 80 ياشتىن ئاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى 3000دىن ئاشىدىكەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 87 ياشلىق بىر بوۋاي بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئون نەچچە دوختۇر - سېسترانىڭ نەچچە ئون كۈن كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، بوۋاينىڭ ھاياتى ئاخىر قۇتقۇزۇپ قېلىنىپتۇ».

«خەلق ھەممىدىن ئەلا دېگەن نېمە؟ شۇنچە كۆپ ئادەم بىر ئاغرىقنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولدى، بۇ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنى ھەقىقىي نامايان قىلغانلىق» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

باش شۇجى تىلغا ئالغان بۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دەل لو جيې. 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، لو جيې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى. ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، باش شۇجى ئۇنى تونۇۋالدى.

«سىز لو جيېغۇ دەيمەن؟»

«شۇنداق».

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ ئەھۋالىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت ئەنسىرىدى.

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايروپىلان بىلەن ۋۇخەنگە بېرىپ، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خۇبېي خەلقىگە مەدەت بەردى.

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم خۇبېي خەلقى ئارىسىغا كەلدى.

«بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا چۈشۈش قېتىم سانىنى ئازايتتى. مەن خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە چوقۇم كېلىشنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم. سىلەر خۇبېيدىكى 60 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ۋەكىلى، مەن كۆپچىلىكنى يوقلايمەن» دېدى باش شۇجى.

ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋەكىللەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، خۇبېي خەلقىنىڭ قەلبىنىمۇ ئىللىتتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بۇ قېتىمقى ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بىر مەيدان ھەيۋەتلىك خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى.

ھازىر، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت كاتتا يىغىنىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېچىلىشىنىڭ ئۆزى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنىڭ روشەن بەلگىسى.

بەش ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، باش شۇجىغا خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇم ئىچىدە «قايتا قوزغىتىش» ۋە «قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش» ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، سۆز - ئىبارىلەر ھاياجانغا تولغانىدى.

«باش شۇجى، سىز خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ۋۇخەن خەلقى تىرىك بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تەمىنلەشكە كۆپرەك تەشكىللەش كېرەك دېگەنىدىڭىز. بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، تىرىك بېلىق بىزنىڭ مەھەللىگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى. 80 نەچچە ياشلىق لياۋ بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنداق ئېغىر يۇقۇمدىمۇ يېڭى بېلىق يېيەلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، پارتىيەگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت».

سۆزلەپ تەسىرلىك جايغا كەلگەندە، ۋۇخەن شەھەرلىك 2 - يېنىك سانائەت مەكتىپىدىن كەلگەن ۋەكىل يۈ چېڭ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چوڭقۇر تەزىم قىلدى.

«كېلىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىك ماڭا چوقۇم <رەھمەت> ئېيتىشىمنى ھاۋالە قىلغانىدى! باش شۇجىغا رەھمەت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت، خۇبېي ۋە ۋۇخەننى قوللىغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە ھەر ساھەدىكى بارلىق دوستلارغا رەھمەت».

يىغىن مەيدانىدا ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

«كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى، غايەت زور قۇربانلىق بەردى. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر بولۇشقا مۇناسىپ، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپ. مەن بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا، خۇبېيدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!»

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدۇ، قىلچە تەۋرەنمەيدۇ».

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خەلق»نى ئاچقۇچلۇق سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچىدىن باشلاپ سۆز قىلىپ، بۇ ئىككى خەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىپ، قەدىمكى سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى:

«قەدىمكىلەر: <خەلق بىلەن مەنپەئەتداش بولغانلارنى خەلق ھىمايە قىلىدۇ؛ خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە تەگكەنلەرنى خەلق يەكلەيدۇ> دېگەن. پارتىيە نىزامنامىسىدە پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئىككى يىغىن ئالدىدا سەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى: «مەن داتۇڭدىكى ئورگانىك سېرىقگۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىدا كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدىم: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغانلىقىنى سىياسىي نەتىجىسىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىدۇ».

خەلق ھەممىدىن ئەلا! بۇ، دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى، دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى.

مۇشۇ «ئەسلىي نۇقتا»دا تۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ سۆزنىڭ سالمىقىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ − «خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز».

خەلققە بەخت يارىتىش −

«ئورتاق بېيىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرەك»

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ غەم يېگەن چوڭ ئىش. 2013 - يىلىدىن بۇيان، ئۇ ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

«نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەنە 52 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىدى، 2707 نامرات كەنت تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلمىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى تېخى تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى».

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ تۆمۈريولى سارىيىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر ۋەزىپە تىزىملىكىنى چىقاردى.

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئىلگىرى، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دەل ئىلگىرىكى يىللاردا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىدىغان ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى ئەڭ زور كۆلەملىك يىغىنغا قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكىنى چىقاردى. ئىككى يىغىن ئالدىدا، ئۇ يەنە توختىماستىن شەنشى، سەنشىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

«گەرچە ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى بولۇپ، يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى: «بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى!»

«بۇنىڭغا قارىتا مەندىمۇ بىر مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھېسسىيات بار.» باش شۇجى سۆزىنى سەل توختىتىپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىغان ھالدا مۇنداق دېدى:

«مەن ئالتە - يەتتە يىل دېھقان بولدۇم، ئۇ چاغدا قورسىقىم ئاچ ھالدا ئەتراپتىكى پۇقرالاردىن سىلەرچە قانداق كۈن كەچۈرۈش ئەڭ ياخشى؟ كونكرېت نىشانىڭلار نېمە؟ دەپ سورايتتىم».

پۇقرالار «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى: «بىرىنچى نىشانىمىز، تىلەمچىلىك قىلماسلىق، قورساقنى تويغۇزۇش. نېمىلا يېسەك مەيلى، يېرىم يىل توپان - كۆكتات، يېرىم يىل ئاشلىق بولسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئىككىنچى نىشانىمىز، يەرلىك تىل بويىچە ئېيتقاندا <ساپ دان> يېيىش، يەنى ساپ ئاققوناق، كوممىقوناق ئۇنى يېيىش. ئۈچىنچى نىشانىمىز، يەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىغان <ئاق ئاشلىق يېگۈسى كەلسە ئاق ئاشلىق يېيىش، يەنە دائىم گۆش يېيىش>، بۇنى <جەننەت ئۆلچىمى>، <كېيىنكى ئۆمرىمىزدىكى ئارزۇ> دېيىشىدىكەنىدۇق».

«مەن يەنە بىر كۈچەپ بېقىڭلار، يەنە قانداق تېخىمۇ يۇقىرى مەنزىل بارلىقىنى يۈرەكلىك ھالدا ئويلاپ بېقىڭلار، دېدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى − كەلگۈسىدە تاغقا چىقىپ ئىشلىگەندە ئالتۇن ئەپكەش كۆتۈرگىمىز بار!»

«ئويلاپ باقسام، ئەمەلىيەتتە بۇ نىشانمۇ ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ. بۇ <ئالتۇن ئەپكەش>نى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى دەپ چۈشىنىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چىن ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەردە مۇنداق بىر ئىدىيەۋى ھېسسىيات بار، چوقۇم پۇقرالىرىمىزنى، بولۇپمۇ دېھقانلىرىمىزنى يۆلىشىمىز كېرەك، سوتسىيالىزم يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئورتاق بېيىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرەك».

تەرەققىيات كىم ئۈچۈن؟ قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ سېرىق تۇپراقتا يىلتىز تارتقان ئاشۇ يىللاردا، جاۋاب ئاللىقاچان شى جىنپىڭنىڭ قەلبىگە ئورنىغانىدى.

بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى توغرىسىدا كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويمىدى.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مۇھىم، زور تاللاش ئارقىسىدىكى ئوينى شەرھلىدى:

«ئەگەر بىز قاتتىق نىشان بېكىتسەك، ئۇنداقتا كۆزلەش نۇقتىسى كۈچلۈك غىدىقلاش، ئېشىش نىسبىتىنى تۇتۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىز ئىزچىل تۈردە ئاددىي ھالدىكى GDPنىڭ ئېشىش نىسبىتى بويىچە قەھرىمان بولماسلىقنى تەكىتلەۋاتىمىز. بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان تەرەققىيات، ئىنتىلىدىغىنىمىز كەڭ خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى».

دەل مۇشۇنداق خەلقنى كۆزلەش، خەلققە بەخت يارىتىش چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسەت قىلىنغانلىقتىن، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا خەلقتىن ئەقىل سورىدى، خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورىدى.

− ئەستىن چىقارماي، باشتىن - ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشكە كۆڭۈل بۆلدى.

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزا ليۇ چى 16 يىل ئىلگىرى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ چۇڭچىڭنىڭ ۋۇلۇڭ ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى كۆرۈنۈشنى تىلغا ئالدى:

«شۇ چاغدا مەن ۋۇلۇڭدا ھاكىم ئىدىم، سىزگە بىزنىڭ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئويىمىزنى دوكلات قىلغانىدىم. ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئالاقىدار كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، ۋۇلۇڭ نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: «ھازىر ئۇ تەرەپنىڭ قاتناش ئەھۋالى قانداقراق؟» دەپ سورىدى.

«ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار تۇتاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولمۇ ياسىلىۋاتىدۇ».

«چۇڭچىڭنىڭ ساياھەت بايلىقى يەنىلا ناھايىتى مول. ئىلگىرىكى نۇرغۇن <چەت، نامرات جاي> ھازىر <دۇنيادىكى گۈزەل ماكان>غا ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ».

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ئۇلانچاپ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ۋەكىل فېي دۇڭبىن نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كۆپ يۈزبېرىدىغان كونكرېت كېسەلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىدى ھەم خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەشنى تاپىلىدى.

− دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، چىفېڭ شەھىرى ئاۋخەن خوشۇنىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كۆچمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل شۆ جىگو باش شۇجىغا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

«ھازىر ھەممەيلەن قايتىپ كەلدىمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«90% ئادەمنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى».

«ئەگەر يۇرتىدا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟»

«بىزنىڭ ئاۋخەننىڭ تېرىقى، قارا بۇغداي ئۇنى ناھايىتى ياخشى، يۇرتداشلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشسا بولىدۇ».

شۆ جىگونىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتتى.

باش شۇجى يەنىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ يىل مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك».

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزا ۋاڭ يىمىڭ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، «يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى «سۇ ساقلاش كۆلچىكى» ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى ئىسپاتلىدى ھەم ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقالدى، <يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى>مۇ تۇيۇقسىز يۈزبەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، <يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى>گە يانداش قانۇن - نىزام، سىياسەت تەدبىرلەرمۇ كېچىكىپ قالسا بولمايدۇ».

− ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزم ئورنىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا كەسىپلىرىنىڭ «قان ئىشلەش» رولىغا كۆڭۈل بۆلدى.

ئېنشى ئوبلاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان دېھقان ۋەكىل سۇڭ چىڭلى شۇ جايدىكى مول سېلىن كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تىلغا ئالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئايدا مەن شەنشىگە بارغان، ئەنكاڭ ئەتراپىمۇ مول سېلىنلىق بەلباغ، سىلەرنىڭ بۇ يەرمۇ مول سېلىنلىق بەلباغ، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى مول سېلىن كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئاشلىق» «كۆك - تاق»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى:

«مەن فۇجوۋدا شەھەر رەھبىرى بولغان چاغلاردا، «كۆك - تاق»نى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلغان. فۇجوۋلۇقلار «ئۈچ كۈن كۆكتات كۆرمىسەك كۆزىمىز تورلىشىپ كېتىدۇ» دەيدۇ، يېڭى كۆكتات، يېشىل كۆكتات يېيىش كېرەك. بىزگە كۆكتات بولمىسا بولمايدۇ، كۆكتات باھاسى ئۆرلەپ كەتسە تېخىمۇ بولمايدۇ. ھازىرقى شەھەر باشلىقلىرىدا يەنىلا مۇشۇنداق ئاڭ بولۇشى كېرەك.» «قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە ھودۇقۇش بولمايدۇ، دېگەن گەپ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت».

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، شىلىنغول ئايمىقىنىڭ ئايماق باشلىقى، ۋەكىل خو جاۋلياڭ ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن ئايماقتىكى %60تىن ئارتۇق رايوننى ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزۈپ، ئەمدى يايلاقتا يېڭىدىن كان ئېچىش تۈرىنى يولغا قويمايدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئېنىق يوليورۇق بەردى: «ئۇ يەرنى قالدۇرۇپ قويساق، كېيىنكى ئەۋلادلار پايدىلىنىدۇ».

باش شۇجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق بۇ يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

...

«بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە كۈرەش قىلىش پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

خەلققە تايىنىش −

«كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزا ليۇ يۇڭخاۋ باش شۇجىغا مۇنداق ئىنكاس قىلدى: ھازىر پۇقراۋى كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار «ئۈچ قىيىن بولۇش» − ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش قىيىن بولۇش، مەبلەغ سېلىش قىيىن بولۇش، نەقلەشتۈرۈش قىيىن بولۇشقا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ ئۈچ «قىيىن بولۇش»نى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پۇقراۋى كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئۈمىد دالاسىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، لېكىن باشلىنىپلا دۇچ كەلگىنى بىر پارچە قاقاسلىق بولدى. ئۇلار يوچۇقلاردىن ھاياتلىق ئىزدىدى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ يول ئاچتى، بۇ جەريان ناھايىتى جاپالىق بولدى. بۈگۈنكى كۆلەمگە تەرەققىي قىلىشى، بۈگۈنكى تۆھپىلەرنى قوشۇشى ئىنتايىن قالتىس ئىش».

باش شۇجى سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى يۆتكەپ مۇنداق دېدى: «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى تەرەققىياتى يەنىلا <قىيىن بولۇش> ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. پەلسەپەۋى مەنىدىن ئېيتقاندا، <قىيىن بولۇش> ھەرقانداق ساھەدە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى مەڭگۈلۈك تېما. ھازىر دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، <قىيىنچىلىق> ھەممە تەرەپتە مەۋجۇت. ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، يېڭى تەرەققىيات يولىغا ماڭغىلى بولىدۇ».

«قىيىنچىلىق»قا بىۋاسىتە يۈزلىنىش ھازىرقى دۆلەت ئىچكى - تاشقى ۋەزىيىتىگە بولغان ئېنىق تونۇش.

باش شۇجى مۇنداق بىر مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى: «دۇنيادىكى ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى بولىدۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىر مەيدان كىرىزىس، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە يېڭى پۇرسەتمۇ ھازىرلىدى» «كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى.

باش شۇجى بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كۆز قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزاھلىدى −

100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى ۋە 170 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ياكى تۈرلۈك كەسپىي ماھارەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلار؛

400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇراھال كىرىملىك توپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇستىن شەكىللەنگەن ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرى؛

يۇقۇم مەزگىلىدە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى كارامىتىنى كۆرسەتتى، 1 - پەسىلدە ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى %5.9 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %23.6 بولدى، تور يىغىنى، تور سودىسى، توردا تەربىيەلەش قاتارلىقلار زور دەرىجىدە ئاشتى...

«بىزنىڭ پايدىلىق شارائىتىمىز يەنىلا ناھايىتى كۆپ.» «پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.» دەل جايىدا قىلىنغان تەھلىل بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرسىتىپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا بىزنىڭ ئەڭ زور كۈچىمىز خەلقتىن كېلىدۇ.

«مەن شۇنى قايتا - قايتا تەكىتلەيمەنكى، خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى».

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ كۈچىنى مۇنداق مەدھىيەلىدى: «كەڭ خەلق ئاممىسى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئۇللۇق كۈچنى شەكىللەندۈردى» «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە خەلققە چىڭ تايىنىش كېرەك».

خەلققە تايىنىش، بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدىكى غەلىبە ئەڭگۈشتەرى؛ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، بۇ، بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كۈچلۈك ئارقا تىرەك.

ۋۇخەن شىنجوۋ رايونى چېنيۈ كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى جاڭ ۋېنشى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇ ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە باش شۇجىغا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان «كەمتۈكلۈكلەر»نى ئىنكاس قىلدى.

«بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىزنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى سىنىدى، شۇنداقلا بىزنىڭ كوچا ۋە مەھەللە، يېزا - بازار ۋە كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنىمۇ يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىر ئاساس، بىر يۈرۈش مېخانىزم سىستېمىسى بولۇشى كېرەك. ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تېما مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىندى، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

دىققەتنى بۇ قارالمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر، ئەزالار بەس - بەستە ئەقىل - چارە كۆرسەتتى.

خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، بەش ۋەكىل ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا توقۇش، زىچ توقۇش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش جەھەتتىن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش» «يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» «ئېغىر، زور يۇقۇم بىلەن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» «ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش»... ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويدى، شۇنداقلا يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە «يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش» تېمىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى:

«ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ھەم يىراققا نەزەر سېلىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا قارىتا يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم، زور يىرىك پىلان، مۇھىم، زور ئىسلاھات، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا خىزمەت تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملىشى كېرەك.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، تارىخىي چوڭ سىناقتا تارىخىي ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ −

«كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار خەلققە چىڭ تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە نامايان قىلغان روھىي قىياپىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.