تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى

(2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرى گەۋدىلىنىپ، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»، دۆلەتنى پارچىلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلەر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، چەت ئەل ۋە چېگرا سىرتىدىكى بىر قىسىم كۈچلەر شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ئارىلىشىپ، شياڭگاڭدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى قوغداش، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 31 - ماددىسى ۋە 62 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقى، 14 - تارمىقى، 16 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەر، شۇنداقلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى:

بىرىنچى، دۆلەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئالىدۇ، چەكلەيدۇ ۋە جازالايدۇ.

ئىككىنچى، دۆلەت چەت ئەل ۋە چېگرا سىرتىدىكى ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەرقانداق شەكىل بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قارشى تۇرۇپ ۋە چەكلەپ، چەت ئەل ۋە چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭدىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئالىدۇ، چەكلەيدۇ ۋە جازالايدۇ.

ئۈچىنچى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنىڭ مەسئۇلىيىتى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە قانۇن چىقىرىشنى بالدۇرراق تاماملىشى شەرت. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ھەم ئۇنى چەكلىشى ۋە جازالىشى شەرت.

تۆتىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئاپپاراتى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى شەرت. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئالاقىدار ئورگانلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئاپپارات تەسىس قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

بەشىنچى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش ۋە پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە مەنئى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا قەرەللىك ھالدا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات سۇنۇشى شەرت.

ئالتىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈپ، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، تېررورلۇق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىش ۋە پائالىيەتلەر ھەم چەت ئەل ۋە چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش، ۋە جازالاش ھوقۇقى بېرىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يۇقىرىقى ئالاقىدار قانۇنلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى»نىڭ 3 - قوشۇمچە ھۆججىتىگە كىرگۈزۈشنى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شۇ جايدا ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشىنى قارار قىلدى.

يەتتىنچى، بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.