تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» ماقۇللاندى    شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى    لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 45 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، بۇ قانۇننى ئېلان قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى، قاتناشقىنى 2886 كىشى، قاتنىشالمىغىنى 70 كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ماقۇللاندى. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەستىقلاش، 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2020 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى دائىمىي كومىتېت خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللىنىپ، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جۇڭخۇانىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

ئارقىدىن، لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. يىغىندا ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ قېلىندى، ئىككى ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا يەرلىكتە كۈنىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلەندى، ئۈچ ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى. بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق نەتىجە - ئۈنۈم تەستە قولغا كەلدى. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەھرىمانە ھەرىكىتى، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ كۈچى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلار قاراپ چىقىپ تەستىقلاندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچتىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى جۇڭگودىكى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قانۇن چىقىرىش بولۇپ، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ھەق تەلەپ قانۇن - تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز بۇ قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، رىئايە قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە بۇ قانۇن دەستۇرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت ئاڭلىق ھالدا قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنى ئازايتىپ، ھەق تەلەپ زىددىيەتلىرىنى پەسەيتكىلى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار چىقىرىلدى. بۇ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن تۈزۈپ، قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

لى جەنشۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىجادىيەت روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىغا ئىگە، بۇ بىزنىڭ بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ كۈچ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جەنشۇ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىتىيى 3 - يىغىنى يېپىلدى دەپ جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى سىرتتىن ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.