تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنى 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. يىغىن رەئىس ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، مۇئاۋىن رەئىس جېڭ جيەنباڭ بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ماقۇللىدى. ئەزالار 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ لايىھەسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىپ بىردەك قوشۇلدى ھەمدە پىكىر - تەكلىپ بەردى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى ۋە قوللىدى.

يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماق تاقابىل تۇردى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سالدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى نىشانلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى.

يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زور ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى مەۋقە قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق تەلەپ قويدى، بۇ مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، جەزمەن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە خېلى ئۇزاققىچە تاقابىل تۇرىدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى پۇختىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن پائال ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىشى ۋە ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك.

يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلاش كېرەك. يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئورنىتىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى قەتئىي قوللاپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى قوغداش كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش لازىم. تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپىغا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتنى تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يولغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.