تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

(2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 20گىچە، جەمئىي 5709 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. «تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ۋە «تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى»گە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپ 4849 پارچە، قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان تەكلىپ 118 پارچە، پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلگەن تەكلىپ 742 پارچە. رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار شەخسىي ياكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ سۇنغان تەكلىپ 4387 پارچە بولۇپ، %90.47نى ئىگىلىدى؛ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ساھەلەر، ئەزالار گۇرۇپپىلىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ 462 پارچە بولۇپ، %9.53نى ئىگىلىدى.

رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئائىت تەكلىپ 1858 پارچە بولۇپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %38.32ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سىياسىي قۇرۇلۇشقا ئائىت تەكلىپ 536 پارچە بولۇپ، %11.05نى ئىگىلەيدۇ؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەكلىپ 404 پارچە بولۇپ، %8.33نى ئىگىلەيدۇ؛ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا ئائىت تەكلىپ 1550 پارچە بولۇپ، %31.97نى ئىگىلەيدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەكلىپ 355 پارچە بولۇپ، %7.32نى ئىگىلەيدۇ؛ باشقا ئىشلارغا ئائىت تەكلىپ 146 پارچە بولۇپ، %3.01نى ئىگىلەيدۇ.

بۇ قېتىملىق يىغىندىكى تەكلىپلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: بىرىنچى، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولدى، ساھە تەكلىپلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. جەمئىي 1944 ئەزا تەكلىپ سۇندى، بۇ ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %90.38ىنى ئىگىلىدى، ساھە تەكلىپلىرى 2 - يىغىندىكىدىن 1.6 ھەسسە كۆپىيىپ، ئەزالارنىڭ تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش قىزغىنلىقى نامايان بولدى. ئىككىنچى، تەكلىپلەرنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تېما تاللاش تېخىمۇ مەركەزلەشتى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ ئىلمىيلىكى، مۇمكىنچىلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۈچىنچى، تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 699 پارچە، 528 پارچە، 666 پارچە، 487 پارچە، 308 پارچە تەكلىپ سۇنۇلدى. تۆتىنچى، توردا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %92.68كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ئارقىلىق سۇنغان تەكلىپ 2140 پارچىغا يەتتى.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەر بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندا تەكلىپ بېرىش توختىتىلغان كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن، يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى تەكلىپلەر قاتارىدا بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.