تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

− سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدا بېرىلگەن

(2020 - يىل 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى)

ۋاڭ ياڭ

ئەزالار:

مەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

1. 2019 - يىلى: 70 يىلغا تولغان قۇتلۇق يىلىمىزدا ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، بۇرچنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق

2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش ۋە ئۈچ چوڭ جەڭنى ئوبدان قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى نىشانلاپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنى چاقىردى، بۇ يىغىننىڭ چاقىرىلىشى پارتىيەمىز تارىخىدىمۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخىدىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 70 يىللىق تارىخىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىلىرى، تۈپ تەلىپى، كۈچەش نۇقتىسى توغرىسىدا مۇپەسسەل بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دېگەن «نېمە»، ئۇ «نېمە ئىش قىلىدۇ»، «ئىشنى قانداق قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەردە، يېقىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا، دائىمىي كومىتېت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېڭى تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەپ، ئاساسلىقى مۇنداق تۆت تۈرلۈك خىزمەتنى ئىشلىدى.

بىرىنچى، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، خىزمەت جەريانىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇردۇق. مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، رەئىسلەر يىغىنىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەخسۇس تېمىلار بويىچە ئۆگىنىش، مەخسۇس كومىتېتلار يىغىنىدا ھەممەيلەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇردۇق، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۇيۇشتۇردۇق، نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرگە قارىتا مەخسۇس تېما بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان تونۇشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتۇق. يىغىننىڭ تەلىپىنى نىشان قىلىپ، يىغىن ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك 65 تۈرلۈك ۋەزىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، پىكىر - تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئون جەھەتتىكى خىزمەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق.

ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەزالارنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە دائىر خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلەشكە تەشكىللىدۇق، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ۋە بىزنىڭ سىياسىي كېڭەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئاساسلىق رول ئويناپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغان چاغدىكى ئەسلىي مەقسەت ئاساسىدا ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملىدى. ئون قارار ئەزالار دەرسخانىسى ئالاھىدە پىروگراممىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشقا دائىر ھېكايىلەرنى سۆزلىدۇق، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ھېس قىلدۇرۇش تېمىسى بويىچە 132 تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، بۇنىڭغا 2149 نەپەر ئەزا قاتناشتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 پارچە مۇھىم تەكلىپنى باھالاپ تەقدىرلىدۇق، 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئاساسىي تېمىلىق ناخشا مۇزىكىسى ۋە ناخشا تېكىستى ئەسىرىنى توپلىدۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر مىنۇتلۇق قىسقا سىن ئىشلەپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئىش قىلىش روھى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىشقا تەشكىللىدۇق، «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ» قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى فىلىملەرنى ئىشلىدۇق، تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاپ، «مىسلى كۆرۈلمىگەن كاتتا ئىش − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت گېربىنىڭ دۇنياغا كېلىشى»، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىشلار خاتىرىسى» قاتارلىق رەسىملىك كىتابلارنى نەشر قىلدۇردۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى كۆرگەزمىسى قاتارلىق تېمىلاردا كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردۇق، بۇ ئارقىلىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتتۇق.

ئۈچىنچى، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشكە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشكە سۇپا تەييارلاپ، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى قۇۋۋەتلىشى ۋە بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىك ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەگە سىڭدۈرۈلگەن سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەردە چىڭ تۇردۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالاردىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 316 ئادەم قېتىم پىكىر ئالدى. سەيخانبا روھىنى ئۆگىنىش، سەنشيا قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى قاتارلىق مەخسۇس تېما بويىچە پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە 11 قېتىم تەشكىللىدۇق، نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئون قېتىم ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتۇق، 16 قارار ئەزالار دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇردۇق، مۇھىم، مەخسۇس خىزمەتلەر ئۈستىدە 26 مەيدان ئەزالار لېكسىيەسى تەشكىللىدۇق، ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالارنى يېتەكلەش، ئەزالار ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ سۇنۇش، چوڭ يىغىندا سۆزگە چىقىش، يىغىندا كېڭىشىش قاتارلىق ئەقىل كۆرسىتىش ئىشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق، سىياسىي كېڭەش مەخسۇس خەۋەرلىرى، كۈندىلىك جەمئىيەت ئەھۋالى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھىم ئىشلار تېز خەۋەرلىرى، ئەرزىيەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى تەسىس قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار ئىنكاس قىلغان ئەھۋال ۋە پىكىر - تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا يوللاپ تۇردۇق، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش يۈكسەك ئېتىبارغا ئېلىندى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

تۆتىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلاندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە كەڭ ئەزالارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى، كىچىك دائىرىدە كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، تەكلىپ بېجىرىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق رولىنى جارى قىلدۇردۇق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار جەھەتتە ئاكتىپلىق بىلەن ئەقىل كۆرسەتتۇق، ئەھۋال ئىنكاس قىلىنغان 1300دىن ئارتۇق ماتېرىيال، پىكىر ۋە تەكلىپ يوللاندى؛ ياۋايى ھايۋانلارنى كەلسە - كەلمەس يەيدىغان ناچار ئادەتنى تۈگىتىش تېما قىلىنغان قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى چاقىردۇق، «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش» تېمىسى بويىچە ئۈچ قارار ئەزالار دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر بېرىشنى كۈچەيتتۇق؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئالاقىدار تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىغا تايىنىپ مەخسۇس تۈر بويىچە سوئال قويۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئورتاق تونۇشىنى، كۆپنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملىدۇق، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %85.6كە يەتتى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەسىدىكى ئەزالىرى تەشەببۇسنامە ئېلان قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، كەيپىياتنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى.

(1) نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلىدۇق. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ئەزالىرى باشچىلىق قىلىدىغان ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىن 11نى قۇرۇپ، پىلان ۋە مەخسۇس تېما بويىچە 45 قېتىم ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردۇق. پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى يېتەكچى قىلىنغان ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ دائىملىشىشى ۋە مېخانىزملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا 79 مەيدان قېتىم ھەر خىل ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق، 15 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى ۋە بىرلىك سەپ تارىخى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق.

(2) كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. پۈتۈن بىر يىلدا 71 قېتىم كېڭىشىش يىغىنى چاقىردۇق، 97 تۈر بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشىنى قانات يايدۇردۇق. ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنىنى مېخانىزملىق ئورۇنلاشتۇردۇق، نوپۇس، بايلىق، مۇھىت، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئۈستىدە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، خەلقئارا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنى قاتارلىق سىستېمىلار بويىچە كېڭىشىدىغان كۇرسلۇق يىغىن شەكىللىرىنى ياراتتۇق. قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق كېڭىشىش پائالىيەتلىرىدە مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئورتاق مەسلىھەتلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەزالارنىڭ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئىنكاس قىلىشى بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۈجمەللىكلەرنى يېشىشىنى ياخشى ھەمتۈرتكە قىلىش، دېموكراتىك كەيپىيات بىلەن كېڭىشىش ئۈنۈمىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىي تېمىسىدىكى توپتىن 48 نى قۇرۇپ، كېڭىشىشنى يىغىن مەيدانىدىن تورغا ئېلىپ كىرىپ، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنىڭ قولايلىقىنى ئاشۇرۇپ، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان كېڭىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتتۇق، ئالاقىدار تەرەپلەر سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش سۇپىسىنىڭ رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر، تەنقىد ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى، كېڭىشىش نەتىجىلىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ تەتبىقلاندى.

(3) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى مەھكەم ئىگىلەش ئاساسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسەتتۇق. ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىرىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىن ئەتتۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، 100گە يېقىن ئاكادېمىك ئەزانى يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىدۇق، ئۇل تەتقىقاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ساھەلەر بويىچە كېڭىشىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈشكە كۈچ قوشتۇق. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى، بۈيۈك مەلۇمات كەسپى، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى قۇۋۋەت بىلەن كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭگو ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مۇنبىرى، ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، زور خېيىم - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنىڭدەك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكلىپ بەردۇق. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ئېكولوگىيە بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇق، ئورمانغا ئەھمىيەت بېرىش پائالىيىتىگە سىجىل قاتنىشىپ، شىمالىي جۇڭگودا يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش مەسىلىسىنى تۈزەش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئىز قوغلاپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى بەرپا قىلىش، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، ئاق بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى، ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردۇق، مۇھىم تەكلىپلەر قوبۇل قىلىندى.

(4) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلقنى كۆزلەيدۇ دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى نىشانلاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، نامرات ئاھالىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مەركەزلىك ئەقىل كۆرسەتتۇق، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ سىگنال بېرىش ۋە جىددىي پاناھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپ ئېتىبارغا ئېلىندى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار جەھەتتە تەكلىپ بېرىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىدىغان دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردۇق، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، ئالاقىدار تەرەپلەر مۇھاكىمە نەتىجىلىرىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ قوبۇل قىلدى. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتى، خەتتاتلىق پەن قۇرۇلۇشى ۋە چوڭ قانال مەدەنىيەت بەلبېغى قۇرۇلۇشى، ئەلنەغمىنى گۈللەندۈرۈش - راۋاج تاپقۇزۇش، كىنو كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە كېڭەشتۇق، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئۇزۇن سەپەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە قىزىل ساياھەت لىنىيەسى قۇرۇلۇشى، يۇڭدىڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈردۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرى ۋە ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردۇق، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ھال سوراش، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ۋە تەنتەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسىغا دائىر تەپتىشلىك خىزمىتى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تور مۇھىتىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بۈيۈك مەلۇمات دەۋرىدە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىقلار جەھەتتە كېڭىشىپ ئەقىل كۆرسەتتۇق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈستىدە نازارەتچىلىك خاراكتېرىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردۇق.

(5) ئىتتىپاقلىق - دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدۇق. يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم سىياسىي شەكلى ۋە تەشكىلىي شەكلى بولغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىرلىكتە كېڭىشىش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاساسىي تېمىلىق كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق، يېڭى دەۋردە شەھەر مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، مەسچىت - ئىبادەتخانىلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يولغا قويدۇق. جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ئەزالارنى ۋېنچۇەندە يۈزبەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش تۈرلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياش ئىختىساسلىقلارنى ئىچكىرى رايونلاردا ئۆگىنىش - ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش پىلانىنى سىجىل يولغا قويدۇق. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چياۋمىن قېرىنداشلار مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى، شياڭگاڭ - ئاۋمېنلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دۆلەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، شېنجېنلىق، شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كېڭىشىش - تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. شياڭگاڭ رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە مەدەت بەردۇق، ھەر ساھەدىكى زاتلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، توپىلاڭنى توسۇش - مالىمانچىلىقنى تۈگىتىش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلدۇق، ئاۋمېن بىلەن خېڭچىننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىغا دائىر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق. 15 - نۆۋەتلىك خېلو مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇق، 11 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتۇق، ئىككى قىرغاقتا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاقە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردۇق. چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللىك زاتلارنى ئومۇمىي يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق.

(6) تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى ۋە كۆپ قاتلام - دەرىجىلىك ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى ۋە يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلدۇق. ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ پائالىيەتلىرىگە كىرىشكە تەشكىللىدۇق، جۇڭگو، چاۋشيەن، ۋىيېتنام، لائوس بىرلىك سەپ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق. ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى بىلەن ئالاقىدار دوستلۇق ئالاقىسىنى قانات يايدۇردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ياش پارلامېنت ئەزالىرىنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىجارەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىشنى قانات يايدۇردۇق، سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە دائىر چوڭ - چوڭ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئۈستىدە نازارەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللىدۇق. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسىگە دائىر قانۇن لايىھەسى»، ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش «2019 - يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» قاتارلىقلارغا قارىتا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، يالغان سۆز - سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، بۇ كېڭەشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە 17 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىشىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» − جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا يۈزلەندۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قوللىدۇق. جۇڭگو دىن ساھەسىدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دۇنيا دىن ساھەسىدىكىلەر تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىغا ۋە ئاسىيا دىن ساھەسىدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىشىغا مەدەتكار بولدۇق، دىندىن ھالقىپ ئالاقە باغلاش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تېمىسىدا خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدۇق.

(7) سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. رەئىسلەر يىغىنى تەركىبىدىكىلەر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلدى، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە ئۇنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، يىللىق ياخشى تەكلىپلەرنى باھالاش خىزمىتىنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇردۇق، ئادەتتىكى چاغلاردا بېرىلگەن تەكلىپنى بېجىرىشكە دائىر كېڭىشىش يىغىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. جەمئىي 5488 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدۇق، 4089 پارچە تەكلىپنى ئەنگە ئالدۇق، بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدۇق. كېڭىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىكرى ۋە سۈپەتنى باھالاش چارىسىنى يولغا قويدۇق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى مەخسۇس باھالاش - خۇلاسىلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەزالار ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش چارىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدۇق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بازىسى تەسىس قىلدۇق. سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. ئاخبارات - تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «گېزىت، تور، تېرمىنال، ئۈندىدار، ئېكران»دا كۆپ تەرەپلىك تارقىتىش ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرچى دېگەن تېمىدا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتۇق.

(8) پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ۋە مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتگۇرۇپپىسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىدىن بولغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق - نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئارخىپى تۈزۈمى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش دوكلاتى تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق، ئەزالارنى تۈركۈم بويىچە دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەشكىللىدۇق، ئەزالارنى زىيارەت قىلىش، يوقلاش، ئەزالارنىڭ ئالاقە باغلاش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئەزالارنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، نىزامنامىگە ئاساسەن ئۈچ ئادەمنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدۇق. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت يىغىنىنى چاقىرىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە خىزمەتنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رەئىسلەر سۆھبەت يىغىنى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى چاقىردۇق، يەرلىك سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش - مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئورگان كادىرلىرىنى مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. شەكىلۋازلىقنى تۈزىتىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىش بويىچە مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، «تۆت خاھىش»قا بوشاشماي قارشى تۇردۇق، ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ۋاكالەت گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق.

ئەزالار، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئەزالارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمىتىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىغا بولغان تونۇشىمىز ۋە چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشىمىزگە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر داۋامىدا ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

2. 2020 - يىلى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا بىر نىيەتتە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جەسۇرانە ئىلگىرىلەش

2020 - يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. ھازىر يەر شارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنياۋى ئىقتىساد ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ تۈردە ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش.

(1) ئىدىيە - نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزانى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى، مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچىمىز. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش باش تېما، ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت روشەن ئەۋزەللىكنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى دادىللىق بىلەن يېڭىدىغان ئىرادە ۋە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.

(2) ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك خاراكتېرىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش» مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىمىز. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش ئېلىپ بارىمىز. قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەت ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا ئىجادچان كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، «سۇغا قاراپ ئېھتىياجنى بېكىتىش»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان ياشانغانلار، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىمىز. تۇرالغۇدا «ئىجارىگە ئالغۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش»، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرىمىز. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىي ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئۇنىۋېرسال مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتىنى ئالدىن تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىن ئېتىمىز.

(3) كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش، كەڭ دائىرىدە بىرلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. ئەزالار دەرسخانىسى، چوڭ - چوڭ مەخسۇس خىزمەتلەر ھەققىدە ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەرنى ياخشىلاپ، پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش بويىچە ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇپ، ۋەكىللىك زاتلارنى مۇھىم كېڭىشىش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى بويىچە مەخسۇس كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قەتئىي قوللايمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ساھە زاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى بىلەن بىرىكىشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىمىز. تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە - گۇرۇھلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، ۋەتەنگە قايتىپ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، چياۋمىنلار خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز.

(4) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى قاتارلىق تاشقى ئالاقىنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەللەردىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلار، سىياسىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. كېڭىشىش ئاپپاراتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى، ئاسىيا ئىجتىمائىي ئىشلار سۆھبەت مۇنبىرى ۋە «سىياسىي كېڭەشكە كىرىش» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز. ئالاقىدار تاشقى دوستلۇق گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىمىز، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق گۇرۇپپىسى خىزمىتىنى مېخانىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا سەھىيە ھەمكارلىقى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش توغرىسىدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى ۋە جۇڭگو دىن ساھەسىدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللايمىز. تاشقى ئالاقىدە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تۆھپىسىنى چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھېكايىسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى ۋە يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

(5) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈم ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقات كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەرىيە جەھەتتىن مەدەتكە ئىگە قىلىمىز.

(6) خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسىنى ئاساس قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتى، تەشكىلىي باشقۇرۇش، ئىچكى يۈرۈشۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى قاپلىغان تۈزۈم، مېخانىزمنى ئورنىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەكلىپ بېرىش، يىغىندا سۆزگە چىقىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە ئۆز پارتىيە - گۇرۇھلىرى نامىدا پىكىر بايان قىلىش، تەكلىپ بېرىش، كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرىمىز. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىمىز. سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئالاقە باغلاش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. سىياسىي كېڭەش ئورگان قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىل تۈزىتىش ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق تەربىيەلەپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلىمىز.

3. ئاساسنى پۇختىلاش: يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىدە ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»دە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز جەزمەن ئۇنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

(1) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغان چاغدىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغاندىلا، بىز ئاندىن قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى كونكرېت بولىدۇ، ئۇنى جەزمەن نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەربىر ھالقىسىدا گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشى، دېموكراتىك تەرتىپ ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تىرىشىپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دائىرىدىكى ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

(2) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىمىز. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنى ھەر تەرەپلىمە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، كېڭىشىشتە كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ بار مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىدىغان، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنغان. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇ ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىكنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. خاراكتېر ۋە ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھوقۇق ئورگىنىمۇ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىمۇ بولماستىن، بەلكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، سىياسىي ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىك شەكىل ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز لازىم؛ كېڭىشىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ۋەزىپىسىنى تەشكىللەيدىغان ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان ئاپپارات بولغان سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش سۇبيېكتى بولماستىن، بەلكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم سۇپا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سىياسىي كېڭەش «بىلەن» كېڭىشىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى سىياسىي كېڭەش «تە» كېڭىشىش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز لازىم؛ ئۇنىڭ مول مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەشتە كېڭىشىشنىڭ كۆپ نۇقتىلىق ئالاھىدىلىكىنى يەنى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشتە ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن كېڭىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ھەم سىياسىي كېڭەشتىكى ھەر ساھەدىكى ئەزالارنىڭ مەسلىھەت بېرىش ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، يەنە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر ساھەدىكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشىنىڭ كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا كېڭىشىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى تەجرىبە ۋە يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق قەلبنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، قەلبنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

(3) ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەيمىز. نۆۋەتتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، كۆپ مەنبەلىك ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، توقۇنۇش مىسلىسىز دەرىجىگە يەتتى، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. توغرا مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭمۇ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنىڭ نەتىجىسى ھەتتا تېخىمۇ مۇھىم نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى كۆزدىن كەچۈرۈش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئەقىل كۆرسىتىش نەتىجىسى، ئىدىيە ھاسىلاتىنى بىر گەۋدە قىلىپ لايىھەلەپ، بىر گەۋدە قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش، «بىر خىللا» بولۇش يولىنى تۇتماسلىق، كەڭ دائىرىدە بىرلىشىش، «يەككىچىلىك» قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقى ئاستىدا، ئورتاق نىشاننى كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە نىشان كۆرسەتكۈچى قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ھاسىل قىلىپ، قۇدرەتلىك مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە قىيىن بولغىنى «مۇجەسسەملەش»، مۇھىم بولغىنى «ئورتاق تونۇش». ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش دېگەنلىك پەرقسىز بىردەك بولۇشقا زورلاش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى نىشانلىق ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش دېگەنلىك؛ يەككە يۆنىلىشلىك سىڭدۈرۈش، پەند - نەسىھەت قىلىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ھەمتۈرتكىلىك پەدىسىدە كېڭىشىش - مۇھاكىمە قىلىش دېگەنلىك؛ ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا «ھەئە» دەپ قويۇش بولماستىن، بەلكى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىك؛ تېز تاماق پەدىسىدىكى دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش دېگەنلىك. ئوخشاش بولمىغان پىكىرنى ئىش تېرىغانلىق، باشقىلارغا زورلاپ تېڭىشنى ئورتاق تونۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەتلىشىشنى ئاۋارىچىلىك دەپ قارايدىغان خاتا قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق دوست تۇتۇپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، كىشىلەرنى قائىدە ئارقىلىق قايىل قىلىپ، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق - تەنقىد - ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، تۈگۈن مەسىلىلەر ۋە ئالاھىدە توپنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە لايىقلىشىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ نىشانلىق ھالدا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، كەيپىياتنى ئوڭشاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن پۇختا سىياسىي ئاساس، ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلىشىمىز كېرەك.

(4) ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىمىز. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۇبيېكتى بولۇپ، تەسىرى چوڭ، شان - شەرىپى يۇقىرى، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى كەڭ تۈردە دىققەتكە سازاۋەر، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەيلى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە بولسۇن ياكى ئۆز خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، ئىلگىرىلەشنى ئويلاپ، بىر چەتتە قاراپ تۇرىدىغان، پاسسىپلىق قىلىدىغان، نام - مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىشىمىز لازىم. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە لايىقلىشىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» بەرپا قىلىشىمىز، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەمەل قىلىش، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈمىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال، ئۈنۈملۈك قاتنىشىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقىي تۈردە زىممىمىزگە ئېلىپ، دادىل ئىشلەشنى باش ئورۇنغا، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي مەيداندا مۈجمەل پوزىتسىيە تۇتماي، سىياسىي پىرىنسىپتا تەۋرەنمەي، ھالقىلىق پەيتتە ئىشەنچلىك، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇپ، مەيدانى مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مەسئۇل ئەزالىق تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالاقە باغلىغان ساھەلەردىكى ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئالغا بېسىشىمىز، بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ئەزالار! «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى

(تەرجىمىسىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.