تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 2 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 2 - قېتىملىق يىغىنى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي ئايرىم - ئايرىم بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى، قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ ئايرىم - ئايرىم بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۇنيىڭ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم قاراپ چىقىلدى.

يىغىن ئالاقىدار لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش نۇسخىسى، قارار لايىھەسى ۋە دوكلاتىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.