تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ دوكلاتى ۋە ئالاقىدار قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: 2019 - يىلىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيمىز.

جاڭ شىن، رۇقىيە مەتسەيدى، لياۋ چاۋياڭ، ئادالەت ئېزىز قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: خەلق سوت مەھكىمىسى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەريانىدا قانۇن يۈرگۈزۈش يولى بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن بويىچە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

مەمتىمىن قادىر، ھۆرنىسا قادىر، لى بىن قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى دېلولارنى سوتلاشنى كۈچەيتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پائال تۈردە تېخىمۇ مۇقىم، باراۋەر، ئوچۇق، مۆلچەرلەشكە بولىدىغان قانۇنچىل تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

پۇربە تۈگېجېجاپ، جاۋ جىنلۇڭ، ئادىل ئابدۇرازاق، مۇقىيات جارمۇقامېت قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: تەپتىش ئورگانلىرى چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم بۇرچ دەپ بىلىپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زىيان يەتكۈزۈش، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش - ئۆلتۈرۈش ۋە ئېلىپ - سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شۈ تاۋ، نىياز ھاشىم، رىيزا باغدۆلەت، لاچىن بايئەكە قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇلىنى ھېلىھەم زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. چوقۇم يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شەھەر رايونىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىغا پائال قاتنىشىش؛ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تەپتىشلىكى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاممىۋى سەھىيە، ئاياللار - بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، تور زىيانكەشلىكى، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىۋى مەنپەئەتنى زىيانغا ئۇچرىتىش دېلولىرىنى پائال، پۇختا بېجىرىش كېرەك.

قاراپ چىقىشتا، ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.