تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۆيۇڭ، لى شۈەنلياڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملىشى كېرەك.

يىغىندا، لى يۇڭ، خې لېي، ۋاڭ خەي، لى خوخۇي، سۈي يۈلىڭ، جۇڭ جىمىڭ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ليۇ گۇاڭبىندىن ئىبارەت سەككىز ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، يۇقۇم شارائىتىدىكى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى ئارمىيەمىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى. خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە.

شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مەيدان يۇقۇم دۇنيا ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شارائىتىدا ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلمىي تەڭشەش - تىزگىنلەشنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ ياخشى قىلىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇشقا مايىللاشقان ھەربىي مەشىقنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا بولغان بىر قېتىملىق ئەمەلىي تەكشۈرۈش بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىسلاھاتقا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، يولدىن ئېغىپ كەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، بېكىتىلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى جەريانىدا ئاشكارىلانغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئارمىيەمىزنىڭ مېدىتسىنا پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دورىسى ۋە ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك، يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن جەڭگىۋار كۈچ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا ئاچقۇچ ئادەمدە، «ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان» ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرى چاسا ئەترىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدىكى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنىڭ تاماملىنىشىغا، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنىڭ زور ئۆسۈشىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈشتە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى قىلىپ، يىرىك پىلاننىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، ھەربىي خىراجەتنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، خەجلىگەن ھەربىر پۇڭ پۇلنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە بۇ نۇقتا تولۇق نامايان قىلىندى. ئارمىيەمىز ھەربىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا مەدەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.