تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم، قۇربان نىياز، دىلشات قېدىرقان، چېن لياڭ، مېھراي ئىبراھىم، ئېرجان جۇۋانقان، زۇمرەت ئوبۇل ۋە ۋاڭ گاڭ، پەرھات روزى، ليۇ باۋزېڭ، خې شىڭلياڭ، سۈي جيۇشيۇ، جوۋ شۈيۇڭ، پاتىمە، سۈن چۇنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ تېز تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدىن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يەتتى. ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشكە، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سودا قىلىش ۋە يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردى، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قوزغاتتى، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قانۇن مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت خاسلىقى، دەۋر خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇش كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇنى ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قانۇن توپلىمى. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئوبيېكتىپ ئېھتىياج. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇكەممەل ھەق تەلەپ قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا تايىنىدىغان ئاساسى. پەقەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان ئەھۋالدا، شياڭگاڭ جەزمەن بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى بىردەك قۇۋۋەتلەپ، قارار لايىھەسى يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن لايىھەسى بولۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يۈزبەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە كۈچلۈك ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنى توسۇيدۇ ۋە جازالايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى كەسكىن مەيدانى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ قارىدى.

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم ئالدىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە جازالاش، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىنى جازالاش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق پىكىرلەرنى ئۆز ئالدىغا ياكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى قوغدىدى، چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. سوت سىستېمىسى پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنى يېتەكلەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، دېلو بېجىرىش ئۆلچىمىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش يىلىدا، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس ئالدىدا، تەپتىش ئورگانلىرى جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مۇقىم ئىلگىرىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.