تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى    ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمى بىلەن ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزنى مۇھىم مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زۆرۈر بولغان ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا، زىچ توقۇش كېرەك. پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاپ، سىستېمىلىق قايتا يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى، ئېغىر، زور يۇقۇم بىلەن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇل شارائىتنى ياخشىلاش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىي - ساغلام، يېشىل - مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش؛ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجغا ماسلىشىپ بازار ئىستېمالىنى كېڭەيتىش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش؛ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ياخشى تۇتۇش كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» سالمىقىنى زورايتىپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، «مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «كاپالەتلىك قىلىش» ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى بوشاشماي دائىم تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.