تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

چېن لياڭ، قۇربان نىياز، جاڭ شىن، لياۋ چاۋياڭ، سۈن چۈنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش مۇھىم بەلگە ئەھمىيىتىگە ئىگە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقا قاراپ مېڭىشىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان قانۇن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دەستۇرى تۈزۈش، چىقىرىشقا يول ئاچتى، بۇ، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق تەلەپ يەككە قانۇنلىرىنى سىستېمىلىق تۈزۈپ، تۈزىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ قانۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال قانۇن دەستۇرى قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش - قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھوقۇقى، مەسئۇلىيىتى بار. شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى رېئال تەھدىتكە ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەققىدىكى قانۇن چىقىرىشنى ئۆز ئالدىغا تاماملىيالمىغان ئەھۋالدا، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.