تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش قومانداننىڭ چوڭقۇر رىشتىسى

− ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شۆيۇڭ، مېي چاڭۋېي ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىبىن، فېي شىتىڭ

2020 - يىلىدىكى چاغان «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن»دىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرگە ئۆزگىچە ياشلىق ئەسلىمىسى قالدۇردى − 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن كۆپچىلىككە جاۋاب خەت يېزىپ قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان روھ»نى تېخىمۇ كەڭ جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

بۇ يىلقى چاغاننى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغانلاردىن يەنە غەربىي جەنۇبىي چېگرادا تۇرۇۋاتقان مەلۇم چېگرا مۇداپىئە يىڭىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرمۇ بار − 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ بىرمىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا، ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي، بۇ يىڭغا كېلىپ، جەڭچىلەرنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

گېڭزى يىلىدىكى بۇ باھارنى ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدىكى ھەربىي دوختۇر - سېسترالار چوقۇم ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ − 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆپچىلىكنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ جاپا چەككەنلىكى، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى!

باش قوماندان مىليونلىغان ئەسكەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش - ھەرىكىتىگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بەرگىنى ئاساسىي قاتلام، ئەڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ئەسكەرلەر بولدى، نەچچە ئون قېتىم چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىگە بېرىپ، قاراۋۇلخانىلارغا چىقىپ، بەن، پەيلەرگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام قىياپىتى يېڭىلاندى.

«ئاساسىي قاتلامغا، ئەسكەرلەرگە رەئىس شى جىنپىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، رىشتىسى ئالاھىدە چوڭقۇر!». ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئۈستىدە پاراڭلاشقاندا، قاتتىق ھاياجانلاندى، چوڭقۇر ئويلارغا چۆمدى.

«ئاساسىي قاتلام قىسىمنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، قىسىمنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرىنچى سەپتە ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرىشتىمۇ پۈتۈنلەي ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش كېرەك»

− شى جىنپىڭ

ۋەكىللەرنىڭ يۈرەك ساداسى: باش قوماندان ئاساسىي قاتلامنىڭ ئورنى، رولىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە، مۇھىمى ئاساسىي قاتلام. رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ئەسكەرلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

2012 - يىلىنىڭ ئاخىرى، لىڭنەن، مەلۇم جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام قىسىمنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، قىسىمنىڭ بارلىق خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرىنچى سەپتە ئىستىھكامغا بۆسۈپ كىرىشتىمۇ پۈتۈنلەي ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش كېرەك».

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى داۋامىدا باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئارمىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ».

ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكىنىمىزدە، كۆپچىلىك باش قومانداننىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئورنى، رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

2013 - يىلى يازدا، ھەربىي كومىتېتنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىم ۋە زېھنىمنى ئاجرىتىپ، ئىمكانقەدەر قىسىمغا كۆپرەك بېرىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىغا بېرىپ كۆرۈپ، ئارمىيەنىڭ تەرەققىياتىدىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىم كېرەك».

ۋەكىل جاڭ شياۋيەننىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا مۇنداق بىرقانچە سان ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە − تۆت كۈن، بىر يېرىم كۈن، ئۈچتىن ئىككى قىسىم. 2012 - يىلى 12 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىنىغا بىر ئاي بولمايلا، رەئىس شى جىنپىڭ ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي گۇاڭدۇڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

«تۆت كۈن ئىچىدە، قىسىمغا بېرىپ تەكشۈرۈش بىر يېرىم كۈننى ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ قىسىمدا ئىككى ۋاق چۈشلۈك تاماق يېدى، ھەر ئىككىلا قېتىمدا ئەسكەرلەر ئاشخانىسىدا جەڭچىلەر بىلەن بىللە تاللا تامىقى يېدى.» جەنۇبىي ئۇرۇش رايونىدىن كەلگەن بۇ ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى مۇنداق دېدى: بۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى ۋەزنىنى نامايان قىلدى.

ۋەكىل لى يەنمىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا مۇنداق ئەسلىمىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى − 2017 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيە ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يىل بويى دېڭىزدا يۈرىدۇ، خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمى بىرقەدەر زور. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، پىسخىكا مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ دېڭىزدا يىلتىز تارتىش، دېڭىز - ئوكياندا تۆھپە قوشۇش ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك».

«رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشقا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئەزەلدىن شۇنداق.» قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى ۋەكىل ياڭ چېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم جىتۇەنجۈنگە قاراشلىق مەلۇم قىسىمغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ ھال سورىغان، مەيلى قوشۇن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەپ كېلىش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشى بولسۇن، ياكى ئۇرۇش تەييارلىقى يولى ياساش، مۇھىم، زور مانېۋىرلاردا ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش كاپالىتى قاتارلىقلار بولسۇن، قانداق قىيىنچىلىق بولسا شۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغان، ئۇ كۆپ قېتىم يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلارغا مۇنداق تاپىلىغان: قىسىمنىڭ ئىشىنى ئالاھىدە ئىش قاتارىدا ئالاھىدە بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش، بېجىرگەندىمۇ ياخشى بېجىرىش كېرەك!

2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن چىقىپ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم ليەندۈيگە كەلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدى.

«كېلىڭلار، ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى!» «ۋاڭ جيې بەنى» بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇلايىم ھالدا كۆپچىلىكنى چاقىردى. جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى، چىرايلىرىدىن چىن كۆڭلىدىن ئۇرغۇپ چىققان خۇشاللىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

«ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتۇڭلارمۇ؟ مەشىقنى قانداق قانات يايدۇرۇۋاتىسىلەر؟ تۇرمۇش كاپالىتى ياخشىمۇ... جەڭچىلەر بۇ يېقىملىق ئەھۋال سوراشلارنى ئەسلىگىنىدە ھېلىمۇ ھاياجېنىنى باسالمايدۇ.» قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل مياۋ جۇڭ مۇنداق دېدى: قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونىنىڭ سابىق چېگرا مۇداپىئە مەلۇم تۇەنى 1 - ليەنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسىمىنىڭ مىللىي 6 - ليەنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 31 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم شىسىنىڭ سابىق «قىزىل 4 - ليەنى»، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى سابىق چېگرا مۇداپىئە مەلۇم تۇەنىنىڭ 10 - ليەنى... رەئىس شى جىنپىڭ بارغان ئاساسىي قاتلام ليەندۈيىدىن ئون نەچچىسى بار.

«ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىش قېتىم سانى نىسبىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى، بارغان ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلەرنىڭ بۇنداق كۆپ بولۇشى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى!» دېدى ۋەكىللەر چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ.

«پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام، جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام، قانۇن - ئىنتىزامى چىڭ، كەيپىياتى دۇرۇس بولغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇستەھكەم ئاساس ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك»

− شى جىنپىڭ

ۋەكىللەرنىڭ يۈرەك ساداسى: ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاشتا، باش قوماندان ئىنتايىن يىراقنى ئويلىدى

يېڭى دەۋردە قانداق ئاساسىي قاتلام قۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى قانداق قۇرۇش رەئىس شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، ئويلىنىپ كەلگەن مۇھىم، زور مەسىلە.

ئۇ، ۋەكىل ۋاڭ بونىڭ ئېسىدە ھازىرلا يۈزبەرگەندەك ئېنىق ساقلىنىپ قالغان بىر باھار −

2015 - يىلى 1 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە 14 - جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈردى. جىتۇەنجۈننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ «پارتىيە تەشكىلاتىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر سۇبيېكتىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش» مۇھىم ئىدىيەسىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا يېڭى يېتەكچى تۇرغۇزۇپ بەردى.

ئۇ، ۋەكىل لى خۇڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر قېتىملىق يىغىن −

2019 - يىلى 11 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام، جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام، قانۇن - ئىنتىزامى چىڭ، كەيپىياتى دۇرۇس بولغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇستەھكەم ئاساس ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«تۆتنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش»تىن «ئۈچتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن» ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقىچە بولغان جەريان ھەققىدە ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دەۋر ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر قېتىملىق ئاساسىي قاتلام سەپىرىدە قايتا - قايتا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، قايتا - قايتا ئىلمىي پىلانلاپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»، رەئىس شى جىنپىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام قۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ئۆلچەم بېكىتىپ بەردى.

ئاساسىي قاتلام قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشتە، ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشى كېرەك. ۋەكىل داڭ زېڭلۇڭنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە، 2012 - يىلى 12 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەردانە، جاراڭلىق، تەنتەنىلىك قىلىپ: «بىز ھەممىدە غەلىبە قىلالايمىز، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، دۈشمەنگە باش ئەگمەيمىز، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش بىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش روھىمىز، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىمىزدۇر. بىز ئىلگىرى مۇشۇنداق قىلغان، ھازىر شۇنداق قىلىۋاتىمىز، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قىلىمىز» دېدى.

قەلبتە روھ بولسا، مەزمۇت يىلتىز تارتقىلى بولىدۇ. 2017 - يىلى 1 - ئاي، سەيبېي تۇپرىقى ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەن بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 65 - جىتۇەنجۈننىڭ سابىق مەلۇم پىيادە ئەسكەرلەر لۈيىنىڭ «تۆھپىكار 3 - ليەن»ى ئۆگىنىش ئۆيىدە، ليەندۈينىڭ نەزەرىيە تايانچلىرى تەسىرات ئالماشتۇرۇپ، «ئۆگىنىش ھەربىي لاگېرى» يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق پۈتۈن ليەنگە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تارقىتىۋاتقانىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆگىنىش ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋرگە يېقىنلىشىپ، ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە يېقىنلىشىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ «تۆتكە ئىگە» يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈپ، «تۆتتە پولاتتەك» قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىملارنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ ليەندۈيلەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلاتتىن كېلىدۇ، تەشكىلات كۈچلۈك بولسا، ئارمىيە كۈچلۈك بولىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەدىن كەلگەن ۋەكىل ياڭ لېي مۇنداق دېدى: 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرى، رەئىس شى جىنپىڭ سابىق جىنەن ھەربىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئالايىتەن تىلغا ئېلىپ: 54 - جىتۇەنجۈندە بىر داڭلىق «قىزىل 1 - ليەن» بار، 1927 - يىلى 9 - ئايدا «سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش»تە، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆزى بۇ ليەندۈيدە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان ھەم يېڭىدىن ئالتە پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ «ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش»ىغا يول ئاچقان، دېدى. رەئىس شى جىنپىڭ: پۈتۈن ئارمىيەنى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئارمىيەمىزنىڭ ئارمىيە روھى ۋە جېنى، مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

«جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇش» رەئىس شى جىنپىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام بەرپا قىلىشقا غەلىبە قىلىش ئۆلچىمى بېكىتىپ بەردى.

«ئارمىيە ئالدى بىلەن بىر جەڭگىۋار قوشۇن، جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.» مەيلى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بولسۇن ياكى يىغىنلارغا قاتناشقاندا بولسۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ھۇجۇمدا چوقۇم غەلىبە قىلىش، مۇداپىئەدە چوقۇم مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىققا ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلدى، جەڭ قىلالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇشنى ئەڭ كۆپ تەكىتلىدى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەكىلى شيې جېڭيى مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ: 2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ مەلۇم قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ مەشىق مەيدانىغا كېلىپ، تىك ئۇچار - 10 ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا چىقىپ، مەخسۇس قالپاقنى كىيىپ، ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان قوراللار ۋە كۆزىتىش - قارىغا ئېلىش سىستېمىسىنى ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ، جابدۇقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

بۇ، ۋەكىل چيەن شۇمىننىڭ قەلبىگە ئەڭ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بىر ئىزنا: 2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوتى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى، سونار ئاۋازىنى ئاڭلاش مەشىق ئۆيىدە سوئال چىقىرىپ ئارىلاپ ئىمتىھان ئالدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بەس - بەستە جاۋاب بەردى. بىر جەڭچىنىڭ بەرگەن جاۋابىنىڭ توپتوغرا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئۇنى ماختىدى.

«رەئىس شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇنچىۋالا چىڭ تۇتىدۇ؟» ۋەكىل چيەن شۇمىن مۇنداق دېدى: تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئارمىيە باش قوماندانى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى، ئۇرۇش قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامدا كۈچەيتسە، ئاساسىي قاتلام چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

«قانۇن - ئىنتىزام چىڭ بولۇش، كەيپىيات دۇرۇس بولۇش»، رەئىس شى جىنپىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئاساسىي قاتلام بەرپا قىلىشقا ئىستىل ئۆلچىمى بېكىتىپ بەردى.

ھەربىي بۇيرۇق قاتتىق بولغاندا ئاندىن ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىنى تىكلىگىلى بولىدۇ، ئەمر - پەرمان قاتتىق بولغاندا ئاندىن دۆلەتنى قانۇن - ئىنتىزام بىلەن تەرتىپكە سالغىلى بولىدۇ. شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ۋەكىلى جوۋ ۋۇگاڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا، رەئىس شى جىنپىڭ سابىق نەنجىڭ ھەربىي رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارمىيەنى ئىدارە قىلىپ ئەسكەر باشقۇرۇشنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامى، شۇنداقلا قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئارمىيەنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىن كۆپ، پائالىيەت كۆپ، ھۆججەت - تېلېگرامما كۆپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى كۆپ، تەكشۈرۈش، باھالاش كۆپ قاتارلىق «بەش كۆپ» مەسىلىسىنىڭ يەنىلا گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ «بەش كۆپ» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «بەش كۆپ» مەسىلىسىنى قەتئىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.

«ناھايىتى تېزلا، <ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە> تارقىتىلىپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش، يىغىن، ھۆججەت، تېلېگراممىلارنى ئازايتىش، چوڭ پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى قاتتىق تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىلمىي، مۇۋاپىق، كونكرېت، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، <بەش كۆپ>نى تۈزەش قانۇنچىللىق يولىغا قاراپ ماڭدى.» ۋەكىل شيۇ چاڭجى ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىپ، قىسىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىرىش جەريانىغا گۇۋاھ بولدى، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ھەم ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان «بەش كۆپ» مەسىلىسىنى چىڭ تۇتتى، ھەم ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى. بۇلار ھەم يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، شۇنداقلا ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردە ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى، ئىككى ئايدىن كېيىنلا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يەنە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى فۇنكسىيە، يېڭى بۇرچ بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن قائىدە - نىزاملار ۋە قانۇن - تۈزۈملەر ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدا ئاساس قىلىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.» قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەكىلى شى چاۋفېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام قىسىملىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىشلىرىغا ئىنتايىن قاتتىق قائىدە تۇرغۇزۇشتىن يېڭى بىر ئەۋلاد ئورتاق نىزام ئېلان قىلىشقىچە، «ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كەيپىيات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چىقىرىشتىن لۈي - تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئاساسىي قاتلام كەيپىياتىنى رېۋىزىيە قىلىش ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قۇرۇشقىچە... ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز ساپلىشىۋاتقان ئىستىل مۇھىتى جەزمەن ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

«مەن كۆپچىلىكنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردۇم، ئالايىتەن كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدىم»

− شى جىنپىڭ

ۋەكىللەرنىڭ يۈرەك ساداسى: ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە رىشتە باغلىدى، باش قومانداننىڭ مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر

بۇ يىل يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى، «بىر ئۆمۈر نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەن جاڭ فۇچىڭ» «ئۆز بەدىنى بىلەن سەپداشلىرىنى قوغدىغان دۇ فۇگو»نى تىلغا ئالدى...

باش قومانداننىڭ چوڭقۇر رىشتىسى ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تەسىرلەندۈردى. ۋەكىل ۋۇ چاڭجيې ئىلگىرى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ ئايال جەڭچىسى ئىدى، ئۇ دۇ فۇگونىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىرقەدەر پىششىق بىلىدۇ، يەنە ئوخشاشلا ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان، بۇنى ئۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ: «ئەينى چاغدا، مەن تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغانىدىم، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەپدىشىمنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆز يېشىم شۇ ھامان تۆكۈلدى».

«ئاساسىي قاتلامنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئەسكەرلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك...» ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا، ھەر دەرىجىلىك ئەسكەر يېتەكچىلىرىگە قايتا - قايتا تاپىلىدى ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى.

دېڭىز ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل جاۋ يەنچۈەن شۇنى ئۇنتۇيالمايدۇ − خەيكوۋ ناملىق پاراخوتنىڭ ماتروسلار بۆلمىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ماتروسلارنىڭ ياتاق شارائىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ماتروس شيې يۇڭشياڭنىڭ كارىۋىتى ئالدىغا كېلىپ، شيې يۇڭشياڭ بىلەن جاڭ شىننىڭ ئالدىنقى كۈنى نۆۋەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇ كۈنى دەم ئالغانلىقىنى بىلگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن كېلىپ سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلارغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويدۇممۇ؟»

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل چى خۇگۇاڭ ئۇنتۇيالمايدۇكى − سابىق گۇاڭجوۋ ھەربىي رايونى مەلۇم بىرونېۋىك تۇەنى بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلەر 1 - ليەنىنىڭ تازىلىق ئۆيىدە، مۇنچا جۈمىكىدىن ئىسسىق سۇ چىقتى، رەئىس شى جىنپىڭ قولىنى سۇنۇپ سۇ ئالدى، ئىسسىق سۇ شارىلداپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالقىنىغا چۈشتى، شۇنداقلا چاچراپ ئۇنىڭ يەڭلىرىنىمۇ ھۆل قىلىۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن سىناپ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «نېمىدېگەن ياخشى - ھە، جەڭچىلەر مەشىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر ۋاقىت ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدىكەن، ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن!»

ھاۋا ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل لى خۇڭ ئۇنتۇيالمايدۇكى − رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئايرودۇرۇمدا بازىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلغاندا، قىلغان تۇنجى سۆزى «مەن ئىزچىل كۆپچىلىكنى ياد ئېتىپ تۇردۇم، كۆپچىلىكنى ئالايىتەن يوقلاپ كەلدىم» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇ كۈنى ھاۋا بەك سوغۇق بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پەقەت قىشلىق ئادەتتىكى كىيىم كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پەلتو كىيمەپتۇ، مەنمۇ سېلىۋېتەي» دېدى. سۆزلىگەچ پەلتوسىنى سېلىۋېتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە كۆيۈنۈش. ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ غېمىنى يېيىشى ئالاھىدە كۆپ، ھېسسىياتى ئالاھىدە چىن بولدى.

ئاشۇ ئىللىق سۆزلەر بېيجىڭ ۋېيشۇچۈدىن كەلگەن ۋەكىل جياڭ يۇڭنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە. 2019 - يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭ ۋېيشۇچۈنى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈردى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «مەن تېلېۋىزوردىن بۇ يىللىق يېڭى يىل كۈنىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەنىدىم، ئۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، دۆلەت بايرىقى قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر سەل نېپىز كىيىنگەن ئىكەن، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش - ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭلار».

«قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قەلبى بىردىنلا ئىللىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەر ۋاقىت غېمىنى يەيدىغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدى» دېدى ۋەكىل جياڭ يۇڭ.

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن كەلگەن ۋەكىل ماخپال مۇنداق دېدى: 2014 - يىلى 4 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەر دەرىجىلىكلەرگە مۇنداق دەپ تاپىلىغانىدى: «شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايونىنىڭ كۆپ قىسمى چۆللۈك، قۇملۇق، ئېگىزلىك، تاغلىق، نۇرغۇنلىغان جايلاردا ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ، بەزىلىرى ھاياتلىق چەكلەنگەن رايونغا تەۋە. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بۇنداق جايدا پوستتا تۇرىدىغان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان، قاراۋۇللۇقتا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ناھايىتى جاپالىق. ھەر دەرىجىلىكلەر ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىشى، بولۇپمۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان رايونلاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈش، كېسەل كۆرسىتىش، لايىق تېپىش، بالىلىق بولۇش، يېڭى كۆكتاتلارنى يېيىش، ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك».

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر قىسىملار ئۈچۈن ئوكسىگېن ئىشلەش - تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، ئېگىزلىكتىكى قەھرىتان سوغۇقتا قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر <2 - ئەۋلاد ئوكسىگېن> سۈمۈرەلەيدىغان بولدى، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش، ئوكسىگېن ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كېسەل كۆرسىتىش، يېڭى كۆكتات يېيىش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.» ۋەكىل ماخپال خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى، بۇلتۇر ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىم يەنە 53 ماددىلىق ئەسكەرلەرگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەمدىن خالاس قىلغان.

ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ئۈچ ئارمىيەنى رىغبەتلەندۈردى. ۋەكىللەر قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مىليونلىغان ئەسكەرلەر بىلەن رىشتە باغلاپ، ھەربىر ھەربىي گازارمىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، جەزمەن پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ئاساسىي قاتلامدا تۆھپە يارىتىشتەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئۇزاققىچە ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.