تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى

خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدىن ئىلگىرى، ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلق داھىيسىنىڭ سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى قىممەت يۈزلىنىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە چىڭ تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇنى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان يېڭى سەھىپىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ياخشى تۇتۇپ، «مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «كاپالەتلىك قىلىش» ئاساسىدا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا خىزمەت تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى زورايتىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئونىنچىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شۆھرەتپەرەسلىك قىلماي، ساختا ئىش قىلماي، نام - ئاتاق قوغلاشماي، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.