تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى داۋاملىق تەكشۈردى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى دوكلاتىنى داۋاملىق تەكشۈردى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

ئادالەت ئەزىز، لياۋ چاۋياڭ، مۇساجان نۇردۇن قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، تەرەققىيات - ئىسلاھات ۋە مالىيە تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تۆت ئاڭ» «تۆت ئىشەنچ» «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

لى بىن، مىن شياۋچىڭ، ھۆرنىسا قادىر قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا غايەت زور زەربە ئېلىپ كەلدى. يۇقۇمنىڭ كەسكىن سىنىقى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندۇق. ئەمەلىيەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلىتىمىز دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

پەرھات روزى، پۇربە تۈگېجېجاپ، شۈ تاۋ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېنىق تونۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە تەسىرىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك.

ئادىل ئابدۇرازاق، سۈن چۇنۋاڭ، مەمتىمىن ئابدۇغېنى قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: خەتەر بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، خەتەرنى يەڭگەندىلا پۇرسەت كېلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولغاچقا، قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بولغاچقا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، بىز چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىيالايمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايمىز.

پاتىمە، خې شىڭلياڭ، سۈي جيۇشيۇ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى تۈزۈمى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن - تۈزۈمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇكەممەل ھەق تەلەپ قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جاۋ جىنلۇڭ، رۇقىيەم مەتسەيدى، ياسىن سىدىق قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق، مۇھىم، زور قانۇن چىقىرىش قۇرۇلۇشى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت ۋە مەۋقە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ قانۇنچىللىق تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى تولۇق ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يېڭى دەۋردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ياخشى قانۇن دەستۇرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

قەيسەر ئابدۇكېرىم، جارقىن ئاقات، ئەكبەر مەتناسىر قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە قانۇن چىقىرىش ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، قانۇننى دەستۇرلاشتۇرۇش شەكلى بىلەن ھەق تەلەپ ئىشلىرى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ئارقىلىق قانۇن چىقىرىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن - تۈزۈمىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.