تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«مەن تېلېۋىزوردا سىزنى كۆردۈم»

− باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

«مەن تېلېۋىزوردا سىزنى كۆردۈم».

5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدا، خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، شىيەن شەھىرى تەيخې دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى ۋەكىل لو جيې ئەمدىلا سۆز قىلىشىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى تونۇۋالدى.

«سىز لو جيېغۇ دەيمەن؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«شۇنداق» لو جيې ھاياجېنىنى باسالماي قالدى.

«سىز ۋەكىللەر يولىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنىڭ ئون نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ مەخسۇس داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 87 ياشلىق بىر بوۋاينى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋالغانلىقىڭلارنى سۆزلىدىڭىز. ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە مەن سىزنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىش مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، دېدىم. بۇ سۆز گېزىتكىمۇ بېسىلدى» دېدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

كېيىنكى سۆزىدە، لو جيې بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىكى تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى: «نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرخانىلاردا ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتە يەنە بىر قىسىم كەمتۈكلۈكلەر بار، ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ ئەسلىھە شارائىتى ناچار، كارىۋات، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە كەسپىي دوختۇر - سېسترالارنىڭ ھەممىسى يېتەرلىك ئەمەس.»

«بۇ قېتىم شىيەندە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي قانچە؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«672 كىشى» دەپ جاۋاب بەردى لو جيې.

«كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى قانچە؟» دەپ سورىدى باش شۇجى كەينىدىن.

«1.19%، بىز جەمئىي 664 ئاغرىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ داۋالىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاپ ساقايتقان ئەڭ چوڭ ئاغرىق 87 ياش، ئەڭ كىچىكى پەقەت 29 كۈنلۈك بوۋاق.»

«ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش خىزمىتى يەنىلا بىرقەدەر ياخشى ئىشلىنىپتۇ.» باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتىپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

«دوختۇرخاناڭلاردا يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالايدىغان دوختۇر - سېسترادىن قانچىسى بار؟»

«يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىدە 16 سېسترا، ئون دوختۇر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى دوكتورلۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.»

«ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشاش بۇنداق ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل بولمىسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھۆددىسىدىن چىقالامسىلەر؟»

«ئەگەر قىسقا ۋاقىتتا بۇنچە كۆپ ئاغرىق بولمىسا، تامامەن ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدۇ.»

باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتتى.

بۇ قېتىم خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

«بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا چۈشۈش قېتىم سانىنى ئازايتتى. مەن خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا چوقۇم قاتنىشىشنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم. سىلەر خۇبېيدىكى 60 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ۋەكىلى، مەن كۆپچىلىكنى يوقلايمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن شۇنداق دېدى.

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى بىلەن ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، لو جيې قاتارلىق ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

«كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش» «يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» «ئېغىر، زور يۇقۇم بىلەن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» «ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش» ... باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلىلەرنى بەش جەھەتتىن چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويدى، شۇنداقلا يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

يىغىن مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولۇپ، ۋەكىللەر ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. يۇقۇم ئازابىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەرقايسى ۋەكىللەر باش شۇجىنىڭ سۆزى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى. مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، خۇبېي، ۋۇخەندىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغاچقا، بۇ قېتىمقى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن خۇبېي، ۋۇخەن چوقۇم قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.»

ئىللىق سۆزلەر قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى نامايان قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.