تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»

− باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، زۇ ۋېي

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىدە «يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى»گە قانداق قاراش كېرەك؟ خەلقئارا قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قەرەلىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نېمە ئۈچۈن بۇنچە مۇھىم؟ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگىمۇ - ئەمەسمۇ...

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالار ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. ھازىر جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئامما يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى ھەم بىر - بىرلەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم سىگنال يەتكۈزدى.

ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ھازىرقى قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى ئىشەنچنى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

«يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى» توغرىسىدا توختالدى:

«يۈرۈشلەشكەن قانۇننى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ»

ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش تەبىئىيلا ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان سۆز تېمىسى بولۇپ قالدى.

ئەزا ۋاڭ يىمىڭ ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە يېمەك - ئىچمەك، قاتناش، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىرمەھەل كەڭ كۆلەمدە توختاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى توردا پارچە سېتىش، توردا تەربىيەلەش، سىن يىغىنى ئېچىش، يىراقتىن ئىش بېجىرىش قاتارلىقلار ئالدى، بۇ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇن جانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى».

ئۇنىڭ قارىشىچە، خەتەر ئىچىدە پۇرسەت بار ئىكەن، «يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى» يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەن.

ئەزا ۋاڭ يىمىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇم تۇيۇقسىز كۆرۈلدى، «يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى»مۇ تۇيۇقسىز كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

«ئەلۋەتتە، <يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى>گە ماس كېلىدىغان يۈرۈشلەشكەن قانۇن - نىزام، سىياسەت تەدبىرلەرنىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.» شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇندىكى «كەمتۈكلۈك»نى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، «يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى»دىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇن كاپالىتى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

پۇقراۋى كارخانىلار دۇچ كەلگەن تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى:

«ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىقنى ئۈزلۈكسىز يېڭىش كېرەك»

«بۇلتۇردىن بۇيان، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاز - تولا تۆۋەنلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىمۇ ئاز - تولا تۆۋەنلىدى.» يىغىندا ئەزا ليۇ يۇڭخاۋ باش شۇجىغا مۇنداق ئىنكاس قىلدى: ھازىر پۇقراۋى كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار «ئۈچ قىيىن بولۇش» − ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش قىيىن بولۇش، مەبلەغ سېلىش قىيىن بولۇش، نەقلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ ئۈچ «قىيىن بولۇش»نى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پۇقراۋى كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئۈمىد دالاسىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، لېكىن باشلىنىپلا دۇچ كەلگىنى بىر پارچە قاقاسلىق بولدى. ئۇلار يوچۇقلاردىن ھاياتلىق ئىزدىدى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ يول ئاچتى، بۇ جەريان ناھايىتى جاپالىق بولدى. بۈگۈنكى كۆلەمگە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى تۆھپىنى قوشۇش ناھايىتى قالتىس ئىش».

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى تەرەققىياتى يەنىلا «قىيىن بولۇش» ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. «قىيىن بولۇش» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى مەڭگۈلۈك مەسىلە. دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز ھەرخىل قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز. ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىقنى ئۈزلۈكسىز يەڭگەندىلا، ئاندىن يېڭى باسقۇچ، يېڭى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىغا ماڭغىلى بولىدۇ.

بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا توختالدى:

«بۇ، ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىش، كامالەتكە يېتىش جەريانى بولىدۇ»

يىغىندا، ئەزا ياڭ چېڭجاڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىرى، بازار مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇشنى ئىسلاھاتنىڭ يادروسى قىلىش.

بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا: بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ ئاخىرقى قارار چىقىرىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئەركىن بازار ئىگىلىكى يولىدا مېڭىشقا قەتئىي بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ كونا يولىغا قايتىپ كېتىشكىمۇ قەتئىي بولمايدۇ.

بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز تىرىشىپ بازارنىڭ رولى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشىراق بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، بۇ، ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىش، كامالەتكە يېتىش جەريانىدۇر.

خەلقئارا قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختالدى:

«بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشىمىز كېرەك»

خەلقئارا قورۇقچىلىق بۇ قېتىمقى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ توختالغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.

يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن دۆلەت قانۇن - نىزام چىقىرىپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قويۇلىدىغان چەكلىمىنى كۆپەيتتى.

«ھازىر، خەلقئارادا قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمى كۆتۈرۈلدى، لېكىن بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ئىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مۇناسىۋەتلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا توختالدى:

«دېھقانلارنى <ئالتۇن ئەپكەش> كۆتۈرگۈزۈش كېرەك»

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە يەنە 52 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلمىدى، 2707 نامرات كەنت تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلمىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى.

بۇ سانلىق مەلۇمات ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەندىشىسى يوق ئەمەس ئىدى: «گەرچە ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى بولۇپ، يېڭىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق.» «بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».

«بۇنىڭغا قارىتا مەندىمۇ بىر مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىم بار.» شى جىنپىڭ سۆزىنى سەل توختىتىپ، كۆزىدىن نۇر چاقنىغان ھالدا ئەينى يىللاردىكى زىيالىي ياش چاغلىرىنى ئەسلىدى:

«مەن ئالتە - يەتتە يىل دېھقان بولدۇم، ئۇ چاغدا قورسىقىم ئاچ ھالدا ئەتراپتىكى پۇقرالاردىن سىلەرچە قانداق كۈن كەچۈرۈش ئەڭ ياخشى، كونكرېت نىشانىڭلار نېمە؟ دەپ سورايتتىم».

پۇقرالار شۇ چاغدا شى جىنپىڭغا مۇنداق ئۈچ جاۋابنى بەرگەن: بىرىنچى نىشانىمىز، تىلەمچىلىك قىلماسلىق، قورساقنى تويغۇزۇش، توپان، كۆكتات يېسەكمۇ مەيلى؛ ئىككىنچى نىشانىمىز، ئاق قوناق، كۆممىقوناق ئۇنى قاتارلىق ساپ ئاشلىقلارنى يېيىش؛ ئۈچىنچى نىشانىمىز، ئەينى چاغدا يەتكىلى بولمايدىغان − «ئاق ئاشلىق يېگۈسى كەلسە ئاق ئاشلىق يېيىش، يەنە دائىم گۆش يېيىش.» بۈگۈنكى كۈندە، بۇ نىشانلار بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشتى.

«مەن يەنە بىر كۈچەپ بېقىڭلار، يەنە قانداق تېخىمۇ يۇقىرى مەنزىل بارلىقىنى يۈرەكلىك ھالدا ئويلاپ بېقىڭلار دېدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى − كەلگۈسىدە تاغقا چىقىپ ئىشلىگەندە ئالتۇن ئەپكەش كۆتۈرگىمىز بار!»

پۈتۈن مەيداندا كۈلكە ساداسى ياڭرىدى.

«ئويلاپ باقسام، ئەمەلىيەتتە بۇ نىشانمۇ ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ. بۇ <ئالتۇن ئەپكەش>نى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى دەپ چۈشىنىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەردە مۇنداق بىر ئىدىيەۋى ھېسسىيات بار، چوقۇم پۇقرالىرىمىزنى، بولۇپمۇ دېھقانلىرىمىزنى يۆلىشىمىز كېرەك، سوتسىيالىزم يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئورتاق بېيىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرەك».

ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدا توختالدى:

«قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە ھودۇقۇش بولماسلىق − ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەقىقەتتۇر»

يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلگەن مەسىلە. «بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە ھودۇقۇش بولماسلىق − ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەقىقەتتۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىخچام، چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى.

ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شۇنچىلىك ئېغىر بولدى، بىراق دۆلىتىمىز جەمئىيىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلىگەنلىكىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈنلەي ئىقتىدارى بار. بىراق، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا قىلچە بوشىشىپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئازراقمۇ مۈجمەللىك قىلىشقا بولمايدۇ.

«جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىسىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى، تاماق قاچىسىدا ئاساسلىقى جۇڭگو ئاشلىقى بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يېڭى ۋەزىيەتتە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك، نۇقتىلىق ھالدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلمىسى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى جەھەتتە كۈچەپ، ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاشلىق»قا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن تارتىپ، تاكى «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىشقىچە توختالدى. «مەن فۇجوۋدا شەھەر رەھبىرى بولغان چاغلاردا، <كۆك - تاق>نى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلغان. فۇجوۋلۇقلار <ئۈچ كۈن كۆكتات كۆرمىسەك كۆزىمىز تورلىشىپ كېتىدۇ> دەيدۇ، يېڭى كۆكتات، يېشىل كۆكتات يېيىش كېرەك. بىزگە كۆكتات بولمىسا بولمايدۇ، كۆكتات باھاسى ئۆرلەپ كەتسە تېخىمۇ بولمايدۇ. ھازىرقى شەھەر باشلىقلىرىدا يەنىلا مۇشۇنداق ئاڭ بولۇشى كېرەك».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.