تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى، 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سىن شەكلى ئارقىلىق پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

ۋەكىل سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغانلىقىدا. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەپ، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەپ، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئاسراش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېشىل ئاساسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2019 - يىللىق ۋە بۇ يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىنىپ، قىيىنچىلىق، خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، نىشان - ۋەزىپىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا بېكىتىلگەن بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى قىسقا مۇددەتلىك، ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، پەقەت بىز بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويساقلا، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل شى داگاڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى تېخىمۇ تولۇقراق مۆلچەرلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەكىل لى ۋېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمى نامايان قىلىندى. تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ۋەكىل لو دۇڭچۇەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىلىپتۇ، نىشان ئېنىق بولۇپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋەكىل غانىبات سابۇكەي مۇنداق دېدى: مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بەردى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ئاممىۋى ئاساس يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى يېڭى تارىخىي پۇرسەت، چوقۇم بۇ پۇرسەتنى ياخشى ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئەمەلىي، ئىخچام، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىشچان بولۇپتۇ، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يۇقۇم تېز كونترول قىلىندى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، جاپالىق تىرىشىشتىن كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەر ئويلىشىلغان، تەدبىر چىقىرىلغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئۆز رولىمىزنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىغا پارتىيەنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

قەيسەر ئابدۇكېرىم، چېن لياڭ، قۇرماش سېرجان، زۇمرەت ئوبۇل، دىلشات قېدىرقان، ئېرجان جۇۋانقان، يوۋ لياڭيىڭ، جاڭ شىن، قۇربان نىياز، گو شياۋخۇڭ، ۋاڭ يەنچىڭ، مېھراي ئىبراھىم، مەمتىمىن قادىر ۋە ۋاڭ گاڭ، مۇقىيات جارمۇقامېت، نىياز ھاشىم، سۈي جيۇشيۇ، مۇسا مەمەت، ليۇ باۋزېڭ، جاڭ يەن، رىيزا باغدۆۋلېت، جۇ شۈيۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيمىز. ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق مىسلىسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئورۇندىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىندى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسىي نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.