تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (ئۈزۈندە)

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغان ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەممە تەرەپنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە قۇربان بېرىشى ئارقىسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر، يۇقۇم ئەھۋالى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرى ئىنتايىن مۈشكۈل. يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇندىشىمىز كېرەك.

بۇلتۇر ۋە بۇ يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر

01 بۇلتۇر پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئورۇندىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىندى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى كەسكىنلەشتى، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىپ كەتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سالدى.

− ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 99 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.1 ئاشتى. شەھەر - بازارلاردا 13 مىليون 520 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.3تىن تۆۋەن بولدى. ئاھالە ئىستېمالىنىڭ باھاسى %2.9 ئۆرلىدى. خەلقئارا كىرىم - چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتى.

− ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە رايونلارنىڭ جايلىشىشى داۋاملىق ياخشىلاندى. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 40 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ئىستېمال ئاساسلىق تۈرتكىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى. ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك بىرقەدەر تېز يۈكسەلدى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيە ساقلاندى. دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم %60تىن ئاشتى، مۇھىم رايون ئىستراتېگىيەلىرى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى.

− تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە زور بىر تۈركۈم نەتىجىلەر قولغا كەلدى. يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر داۋاملىق زورايدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى تېز ئۆستى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، كۈنىگە ساپ كۆپەيگەن كارخانا 10 مىڭدىن ئاشتى.

− ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە مۇھىم قەدەم تاشلاندى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. 2 تىرىليون 360 مىليارد يۈەن ھېسابىدا باج كېمەيتىلىپ - ھەق تۆۋەنلىتىلىپ، ئەسلىي بەلگىلەنگەن ئاز كەم 2 تىرىليون يۈەنلىك كۆلەمدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭدىن ياسىمىچىلىق ۋە كىچىك - مىكرو كارخانىلار ئەڭ كۆپ نەپ ئالدى. ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى تاماملاندى. «ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىرى تەسىس قىلىندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى تۈزۈپ چىقىلدى، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدا يېڭى بۆلەك رايون كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى. تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى.

− ئۈچ چوڭ جەڭدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. يېزىلاردا 11 مىليون 90 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلىپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %0.6كە چۈشۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىشى سىجىل ئالغا سۈرۈلدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى. پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

− خەلق تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلاندى. ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستى. شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلاردا خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئاز كەم %40 كۆپەيدى، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىندى.

بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

بىز پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللەتتۇق.

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئاساسىي سەھنىلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە رەھبەرلەرنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنى، جۇڭگو - ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىقتىساد دىپلوماتىيەسى، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

02 يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش - بىرلەشمە تىزگىنلەش مېخانىزمى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش ۋە توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى قانات يايدۇرۇلدى. كەڭ تېببىي خادىملار جاسارەت بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، پەن - تېخنىكا خادىملىرى ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاخبارات خادىملىرى ۋە پىدائىيلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، تېز يوللانما خادىملىرى، مۇھىت ئاسراش خادىملىرى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، توشۇغۇچى خادىملار جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتمىدى، يۈز مىليونلىغان ئاددىي ئەمگەكچىلەر ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشتى، ۋۇخەن خەلقى ۋە خۇبېي خەلقى ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار پۇل ۋە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلدى. جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك قورغانىنى ھاسىل قىلدى.

03 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا، بىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتتۇق، پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلىدۇق

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا، بىز ئىرادىنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا تەدبىر كۆرۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلىدۇق. جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدۇق، جايلار زور تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ھەرىكەتكە كېلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى. ۋۇخەن ۋە خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش ۋە ھەل قىلغۇچ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، قاتتىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى كەسكىنلىك بىلەن يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياردىمىنى ئىشقا سېلىپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق داۋالاش خادىمىنى تېزلىكتە ياردەمگە ئەۋەتىپ، دوختۇرخانا كارىۋاتلىرىنى تېز كۆپەيتىپ، داۋالاش ئەشيالىرىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن داۋالاپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتۇق. مەملىكەت بويىچە چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى جانلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋاقىت سۈرۈپ سەپەرگە چىقىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئامما مۇداپىئە كۆرۈش - ئامما تىزگىنلەشتە، «تۆتتە بالدۇر بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم مەنبەسىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدۇق. دورا، ۋاكسىنا ۋە تەكشۈرۈش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەشنى كۈچەيتتۇق. داۋالاش ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزدىن كېڭەيتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ھەجىمدە ئاشۇردۇق. تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، غول قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ راۋانلىقى ۋە كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، گاز تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇۋاپىق پەيتتە ئىلگىرى سۈردۇق. يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدا يامراپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ۋاقتىدا بەرپا قىلدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈشنى كۈچەيتتۇق. خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاشكارا بولۇش، ئوچۇق بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ، يۇقۇم ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردۇق.

04 يۇقۇمنى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش تولىمۇ قىيىن ۋە مۈشكۈل ئىش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقۇمنى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تولىمۇ قىيىن ۋە مۈشكۈل ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەلمۇ تۆلىدۇق، 1 - پەسىلدە ئىقتىسادتا مەنپىي ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى زەربىگە ئۇچرىدى، شۇنداقتىمۇ ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدۇق، بۇ، بىز جەزمەن چىداشلىق بەرمىسەك بولمايدىغان شۇنداقلا تۆلەشكە ئەرزىيدىغان بەدەل. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پەيتنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، سەككىز جەھەتتە 90 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش - ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدۇق، بىر قىسىم باج ۋە ھەقنى كېمەيتتۇق - كەچۈرۈم قىلدۇق، بارلىق تاشيوللاردىن ئېلىنىدىغان قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدۇق، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز تارقاتتۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى رەسمىيەت بويىچە ئالدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردۇق. دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تۇتۇش قىلدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتتۇق. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكىلەرگە ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم پۇلى تارقاتتۇق، باھاغا قوشۇپ بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق تولۇقلىما ئۆلچىمىنى بىر ھەسسە ئۆستۈردۇق. بۇ سىياسەتلەر يۈز مىليونلىغان كىشىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، ئېلىمىز ئىقتىسادى كۈچلۈك چىدامچانلىقىنى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ۋە بۇ يىلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەشتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

05 بىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇردۇق

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ زەربىسى تۈپەيلىدىن دۇنياۋى ئىقتىسادتا ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما ئازىيىپ كەتتى، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بازىرىدا داۋالغۇش كۆرۈلدى. مەملىكىتىمىزدە ئىستېمال، سېلىنما ۋە ئېكسپورت ئاجىزلاپ كەتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى كۆرۈنەرلىك زورايدى، كارخانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى گەۋدىلەندى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەر بىر ئاز يىغىلىپ قالدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم زىددىيىتى كەسكىنلەشتى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھېلىھەم بىرقەدەر گەۋدىلىك، ئاز ساندىكى كادىرلاردا ئىش قىلماسلىق، ئىش قىلىشنى بىلمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت. بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا، ئاممىۋى ساغلاملىق، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرمۇنچە ئاجىز ھالقىلار ئاشكارىلاندى، ئاممىنىڭ بىز ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بەزى پىكىر - تەكلىپلىرىمۇ بار. بىز چوقۇم تىرىشىپ خىزمەتلىرىمىزنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىللىق ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يېقىندىن چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇندىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مىسلىسىز خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن بىز ئۆزگىچە سىياسىي ئەۋزەللىككە ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسقا، غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىگە، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە ئىگىمىز. خىرىسقا دادىل يۈزلىنىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىدىغانلا بولساق، نۆۋەتتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم بۆسۈپ ئۆتەلەيمىز، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر ئۈمىدكە تولىدۇ.

ۋەزىيەت ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئويلاشقان كۆزلىمە نىشاننى مۇۋاپىق تەڭشىدۇق. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؛ شەھەر - بازارلاردا 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %6 ئەتراپىدا، شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەيمىز؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەجىمىنى %3.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەيمىز؛ ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرىمىز؛ ئاھالە كىرىمىنى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرىمىز؛ ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلايمىز؛ زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلەيمىز؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ۋە ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىش مىقدارىنى داۋاملىق ئازايتىپ، «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز.

ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىز ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتى توغرىسىدا كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويمىدۇق، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇمدا ۋە ئىقتىساد - سودا ۋەزىيىتىدە زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى پەرەز قىلىش قىيىن بولغان بەزى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنى زېھىن - كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ئوبدان تۇتۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق. «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» بۇ يىللىق «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى. «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشتىمۇ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تىرەك قىلىدىغان گەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان ئىش. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش چارىسى ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارغا تۈرتكە بولۇپ، ئېشىشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، زەربىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان يېڭى يولدا مېڭىشىمىز كېرەك.

ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. بۇ يىل قىزىل رەقەم نىسبىتى %3.6تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، مالىيە قىزىل رەقەم كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون يۈەن ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1 تىرىليون يۈەنلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى تارقىتىلىدۇ، بۇ، پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە قوللىنىلغان پەۋقۇلئاددە تەدبىر، يۇقىرىقى 2 تىرىليون يۈەن پۇلنىڭ ھەممىسى جايلارغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ، ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەبلەغ شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلاملىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، كارخانىلار ۋە خەلق بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرۈلىدۇ، ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ۋە بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، جۈملىدىن باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە مەدەت بېرىش، ئىجارە كېمەيتىش - ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشكە مەدەت بېرىش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشقا مەدەت بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىپ، ئاممىۋى مالىيەنىڭ خۇسۇسىيىتى كۈچەيتىلىدۇ، تۇتۇپ قېلىشقا، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مالىيەنىڭ چىقىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا قىلىنىدىغان چىقىمنى ئازايتماستىن كۆپەيتىش، مۇھىم ساھەلەرگە قىلىنىدىغان چىقىمنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش، ئادەتتىكى چىقىملارنى قەتئىي قىسقارتىش كېرەك، يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ئىسراپچىلىق قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەقىقىي تۈردە غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى، مەركىزىي ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇشى كېرەك، مەركەز دەرىجىلىك چىقىم مەنپىي ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جىددىي زۆرۈر بولمىغان ۋە مۇقىم بولمىغان چىقىملار %50تىن كۆپرەك قىسقارتىلىدۇ. ھەرخىل قالدۇق مەبلەغ ۋە تىنما مەبلەغدىن يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىنىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. زور كۈچ بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تۈرلۈك چىقىملاردا ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، ھەرقانداق پۇلنى چوقۇم دەل جايىغا، مۇھىم يەرگە ئىشلىتىش، بۇنى بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق ئاممىسىغا چوقۇم ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

پۇختا پۇل سىياسىتى تېخىمۇ جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ۋە قايتا قەرز بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىپ، كەڭ مەنىدىكى پۇلنىڭ تەمىنات مىقدارىنى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۇدۇل يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ قەرزنى ئوڭاي ئالالايدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. مالىيە، پۇل ۋە سېلىنما قاتارلىق جەھەتتىكى سىياسەتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەدەت بېرىش كېرەك. ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى پائال كۆپەيتىپ، ئىشسىز قالغانلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان تەدبىرلەردىن تۈزۈپ چىقىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۈزۈپ چىقىش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش چارىسىدىن قوللىنىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوللىنىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئورۇنلاش شەرت بولغان قاتتىق ۋەزىپە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قېپقالغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قايتا نامراتلاشقان ئاھالىنى كۆزىتىش، يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنىڭ باسقۇچلۇق نىشانىغا يېتىش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاز - كەم بەش ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، كېيىنكى باسقۇچتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي دائىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەردە سالماقنىمۇ ساقلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بولىدۇ، بىز پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئىرادىسىگە ۋە ئىقتىدارىغا ئىگىمىز.

ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما

01 ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، يۈز مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا بار كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى زورايتىمىز. باسقۇچلۇق سىياسەتنى كۈچەيتىپ، ئۇنى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يىراقنى كۆزلەش ئاساسىدا ئىش كۆرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقنى تۈگىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز. بۇ يىل قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتى ۋە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. يېڭىدىن كېمەيتىلىدىغان باج ۋە تۆۋەنلىتىلىدىغان ھەق 500 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 6 - ئايدىن بۇرۇن مۇددىتى توشىدىغان باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، ئاممىۋى قاتناش تىرانسپورتى، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، ساياھەت - كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە قاتارلىق مۇلازىمەتتىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىيات فوندىنى، پورت قۇرۇلۇشى ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۆھلىتى بىردەك بۇ يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر ئۇزارتىلىدۇ. كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش مۇددىتى بىردەك كېلەر يىلىغىچە ئۇزارتىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېلىقى يېڭىدىن يەڭگىللىتىلىدۇ. باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى قەتئىي تۈردە كارخانىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك.

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز. سودا - سانائەت كەسپىنىڭ توك باھاسىنى %5 تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتىنى بۇ يىل يىل ئاخىرىغا قەدەر ئۇزارتىمىز. كەڭ بەلباغلىق تور ۋە مەخسۇس لىنىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھەققىنى %15 تۆۋەنلىتىمىز، دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆي - زېمىننىڭ ئىجارىسىنى كېمەيتىمىز ۋە كەچۈرۈم قىلىمىز، ھەرخىل ئۆي ئىگىلىرىنى ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ياكى كېچىكتۈرۈپ يىغىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز ھەمدە بۇنىڭغا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىمىز. كارخانىلاردىن قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھەق يىغىشنى قەتئىي تۈزىتىمىز.

كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مەدەتكارلىقىنى كۈچەيتىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزنى دىرى ۋە ئۆسۈمى بىلەن كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتىنى كېلەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر يەنە بىر قېتىم ئۇزارتىمىز، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزىدىن كېچىكتۈرۈپ يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى كېچىكتۈرۈپ يىغىش، قىيىنچىلىقى بار باشقا كارخانىلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى كېڭىشىپ كېچىكتۈرۈش كېرەك. بانكىلارنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز، دەسلەپكى قەرز، دىرى قايتۇرۇلمايدىغان داۋاملاشما قەرزنى زور ھەجىمدە كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرىمىز. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىمىز ۋە ئۇنىڭ ھەق نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىمىز. چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىش سۈرئىتىنى %40تىن كۆپرەك ئاشۇرىمىز. كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىمىز. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى «قۇرۇق ئايلاندۇرۇپ» پايدا ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن قەرز ئالغۇچى كارخانىلارنى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، بىللە گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بانكىلارنى مۇۋاپىق مەنپەئەت ئۆتۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرىمىز. بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزگە ئېرىشىشچانلىقىنى چوقۇم كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى جەزمەن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش كېرەك.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تۈرلۈك ئامال - چارە بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەدەتكارلىقىنى كۈچەيتىمىز. بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى 8 مىليون 740 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەتلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئۈزلۈكسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. مېيىپلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىمىز. مەملىكىتىمىزدە كۈنلۈك ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر سان - ساناقسىز، بۇ يىل تۆۋەن كىرىملىكلەرگە قارىتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئىختىيارلىق ئاساسىدا كېچىكىپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چېتىلىدىغان مەمۇرىي كەسپىي ھەقنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىمىز، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىدىغانلارنى 35 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە 2 مىليون ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت ئۆستۈرۈش، ئوڭاي ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

02 ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىق، خىرىس قانچىكى چوڭ بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى شۇنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

«ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا، تەدبىرلەرنى تەڭشەپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، بازارنى، كەسىپنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىشلىرىنىڭ بىر توردىلا بېجىرگىلى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى پۈتۈنلەي توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت سورۇنىنى تىزىملىتىشىغا قويۇلىدىغان چەكنى بوشىتىپ، تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىجارەت قىلىشىغا، يۆلەش سىياسىتىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق يارىتىمىز. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىر - بىرىگە سىڭىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى داۋاملىق يارىتىمىز.

ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ كاپىتال تولۇقلىشى ۋە باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. ئىككىنچى بازارنى ئىسلاھ قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىمىز. سۇغۇرتىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى چوڭايتىمىز. ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكا ۋە سانلىق مەلۇمات بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىمىز.

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى يولغا قويىمىز. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىجتىمائىي ئىشلار فۇنكسىيەسىنى ئايرىۋېتىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز. دۆلەت كارخانىلىرى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك .

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلايمىز. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى ۋە سىياسەت مەدەتكارلىقىغا باراۋەر ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ خاراكتېرىگە چېتىپ قويۇلغان نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالدۇرغان پۇلىنى سۈرۈك ئىچىدە تولۇق قايتۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىن ۋە ساپ يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ياسىمىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ياسىمىچىلىق كەسپىگە بېرىلىدىغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇلنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىمىز. سانائەت ئالاقە تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاقىل ياسىمىچىلىقنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودا - توردا سېتىۋېلىش، توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىدى، داۋاملىق تۈردە قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، «ئالاقە تورى+»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىمىز.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتنى مۇقىم قوللاپ، كارخانىلارنى تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەيمىز. دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەپ، يېڭىچە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. نۇقتىلىق تۈرلەردىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا «باشلامچى تاللاش»نى يولغا قويۇپ، ئىشنى كىم قىلالىسا شۇنىڭغا قىلدۇرىمىز.

ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنى كۆپەيتىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئىسلاھات سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇپا ئىقتىسادى، ھەمبەھرىلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىمىز.

03 ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ تېز ئۆزگەرتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى زور، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستېمالنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قىلىش كېرەك.

ئىستېمالنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، ئاھالىنىڭ ئىستېمال ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. يېمەك - ئىچمەك، سودا سارىيى، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى قوللاپ، توردىكى ئىستېمال بىلەن تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۈتۈنۈش، يەسلى تەربىيەسى مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرىمىز. پىيادىلەر كوچىلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىنى قوللاپ، يېزا ئىستېمالىنى ئاشۇرىمىز. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىغا ماسلىشىمىز.

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس زايومى ئۈچۈن 3 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ، مەخسۇس زايومنىڭ تۈر كاپىتال سوممىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدە 600 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرىدىغان «ئىككى يېڭى، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايمىز، بۇنىڭدا ئاساسلىقى: يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، 5Gنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، توكلىغۇچنى كۆپەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرىمىز، يېڭى ئىستېمال ئېھتىياجىنى قوزغىتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىمىز. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە بازارلىرىنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى راسا كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش - ماكانلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىمىز. شەھەر - بازارلاردىكى 39 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلايمىز، كونا تۇرالغۇ بىنالىرىغا لىفىت ئورنىتىشقا مەدەت بېرىپ، يېمەك - ئىچمەك، تازىلىق قاتارلىق كۆپ خىل مەھەللە مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرىمىز. قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى كاپىتال سوممىسىنى 100 مىليارد يۈەن كۆپەيتىمىز. بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ باراۋەر قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىمىز. تۈرلەرنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاش، يامان ئاقىۋەت قالدۇرماسلىق، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەرلەر توپىنىڭ ئۇنىۋېرسال يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىمىز. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلققە قولايلىق يارىتىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا ئورتاق كۈچەش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرىمىز.

خۇبېينىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا، خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قوللاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرىمىز. نۇقتىلىق رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پاسكىنا سۇ، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى زورايتىمىز. ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش - ئۆلتۈرۈش ۋە ئېلىپ - سېتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالايمىز. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش - سېتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە زاپىسى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز.

04 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش - دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك .

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز. قېپقالغان نامرات ناھىيەلەر ۋە نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى شۇ جايدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتە كۆچۈرۈلگەنلەرگە داۋاملىق يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىمىز. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بەلگىلەپ يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى بېيىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈزلەندۈرىمىز.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەپ چىڭ تۇتىمىز. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېڭىزغا تېرىش كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرىمىز، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى ئاشۇرىمىز، زور كۈچ بىلەن ئېغىر كېسەل - ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز، تېرىلغۇ يەرنى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى جازالايمىز، يېڭىدىن 80 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىمىز. يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. چوشقا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى، كۆكتاتقا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىمىز. 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا قۇربىمىز يېتىدۇ ھەمدە جەزمەن شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.

دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن يۆلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلەش، كىرىمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىغا يار - يۆلەك بولۇپ، دېھقانلارغا قارىتىلغان ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىمىز. مەخسۇس زايوم سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ۋە تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى قوللاپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلايمىز.

05 تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تاشقى سودىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كارخانىلارنىڭ زاكازنى كۆپەيتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا مەدەت بېرىشنى چۆرىدەپ، كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇنلىشىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدە سېتىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. مۇلازىمەت سودىسىنى يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك نۇقتىدا سىناق ئېلىپ بېرىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. 3 - نۆۋەتلىك ئىمپورت يەرمەنكىسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە دۇنياغا يۈزلەنگەن چوڭ بازارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

تاشقى مەبلەغدىن پائال پايدىلىنىمىز. تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بويىچە تېخىمۇ زور ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىمىز، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىمىز. ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى يارىتىمىز.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرىمىز. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا ئورتاق قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز.

سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىمىز. رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

06 خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىق ئالدىدا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاممىۋى ساغلاملىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنى بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش، ئوچۇق تۇتۇش، ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋاكسىنا، دورا ۋە تېز تەكشۈرۈش تېخنىكىسىغا دائىر تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىمىز، كۆچمە تەجرىبىخانىلارنى كۆپەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرى كاپالىتىنى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىمىز. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم قايتا كۈچىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قەتئىي ساقلايمىز.

ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردىمى ئۆلچىمىنى 30 يۈەن كۆپەيتىمىز، ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئۈستىدە نۇقتىدا سىناق ئېلىپ بېرىشنى قانات يايدۇرىمىز. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يار - يۆلەك بولىمىز، جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، يېمەكلىك - دورىغا قارىتىلغان نازارەتچىلىك - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مائارىپنىڭ ئادىل تەرەققىي قىلىشى ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى تەرتىپلىك تەشكىللەيمىز. يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز، پۇقراۋى مائارىپنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئالىي مەكتەپلەرگە يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مائارىپ بايلىقىدىن بارلىق ئائىلىلەر ۋە بالىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشتۈرىمىز.

ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرىمىز، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. مەملىكەت بويىچە 300 مىليونغا يېقىن ئادەم كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ، بۇنى چوقۇم ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە نەپىقە بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارغا نەپىقە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل توشمىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق ئىشسىزلارنىڭ ھەممىسىنى دائىم تۇرۇشلۇق ئورنىدا كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلار ۋە يۇرتىغا قايتقانلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ۋاقتىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. ئاپەت، كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزىمىز. قىيىنچىلىقتا قالغان بارلىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىمۇ ئىشسىز قالغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، دادىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىمىز.

ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرىمىز. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرىمىز، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان بولۇشقا يېتەكلەيمىز.

جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. مەھەللە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، خەيرىيەت ئىشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى قوللايمىز. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ئەرزىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ياردىمىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىمىز. 7 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرىمىز.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىمىز. كەلكۈن - ھۆلچىلىك ئاپىتى، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويىمىز. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسىمىز.

07 ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇننىڭ، رېۋىزىيەنىڭ ۋە خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، مەۋقەنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى تىرىشىپ ياخشى قىلىشقا قويۇشى كېرەك. «تۆت خاھىش»نى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش داۋامىدا پۇت - قولىنى چۈشەپ تۇرۇۋاتقان شەكىلۋازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغانلارنى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغانلارنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۈز مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەش كېرەك، بۇ، بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشتىكى ئاساسىمىز. كەڭ كادىرلار قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلا بولساق، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

بۇ يىل «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

08 مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمى، دىن ۋە چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار خىزمىتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىز مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ۋەتەن يادىدىن چىقارمايدۇ، ئۇلار دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، چياۋمىن قېرىنداشلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە قەلبداشلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.

09 دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، خەلق ئارمىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بۇيرۇق بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارقا سەپ ۋە قورال - جابدۇق كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش كېرەك.

10 شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن - تۈزۈملەر ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز.

بىز تەيۋەن خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلاردا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە ئۇنى قەتئىي توسىمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بىز مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى جەزمەن يارىتالايمىز.

11 دىپلوماتىيە خىزمىتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئاممىۋى ساغلاملىق كىرىزىسى، ئىقتىساد ئېغىر چېكىنىپ كېتىش قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشى كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىدۇ، سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ.

12 زامانىمىزدىكى جۇڭگو خەلقى ھەرقانداق خىرىسنى يېڭەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورققان ئەمەس، زامانىمىزدىكى جۇڭگو خەلقى ھەرقانداق خىرىسنى يېڭەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.