چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.
ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول باشلاپ، رولچى بولۇپ، بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى، مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قەتئىي ياخشى قىلىنىپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مىللىي روھنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خەلق رايىنى مۇقىملاشتۇردى. تۈپتىن ئېيتقاندا، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقىدىن ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلغانلىقىدىن بولغان. بۇ مەيدان يۇقۇمغا قارشى خەلق ئۇرۇشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان بولدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتتە تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىقتىسادنىڭ «ئاساسىي گەۋدىسى»نى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ يەكۈنلىنىپتۇ، نىشان ئىلمىي تەڭشىلىپتۇ، خىزمەتلەر كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ. بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
ۋەكىل پېڭ جيارۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
ۋەكىل ياسىن سىدىقمۇ سۆز قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۇەن، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.