تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى    شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يىغىننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىندا چېن چۈەنگو شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىغا، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلاندى.

يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى، يىغىن قارالمىلىرىنىڭ لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ئالدىنقى كۈنلىرى ئاچقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چاقىرغۇچىلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيت ۋە مۇھىم تۈگۈندە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئەھمىيىتى مۇھىم، زور يىغىن، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى قوزغىتىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر - ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، كەسكىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش روھى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پائال ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، تۈرلۈك ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.