تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

لى جەنشۇ مۇنداق جاكارلىدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى.

لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.

تەييارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 174 كىشىدىن تەركىب تاپتى، ۋاڭ چېن يىغىننىڭ باش كاتىپى بولدى.

ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىلىدۇ، 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلانى لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىلىدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىلىدۇ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىلىدۇ قاتارلىقلار.

يىغىن باشلانغاندا لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەن ۋېيشىڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى. بىز يىغىن نامىدىن ۋەكىل ۋەن ۋېيشىڭنىڭ بەختكە قارشى ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر بار ۋەكىلى 2956 كىشى. 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىل 2902 كىشى. 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىغا 2889 كىشى قاتناشتى، 67 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.