تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا بىرىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 174 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلار 173 كىشى، قاتنىشالمىغانلار بىر كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئالدى بىلەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى ئاچىدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىننى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىش، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىش بېكىتىلدى، يىغىن ۋاقتى يەتتە كۈن بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر قېتىملىق يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ياڭ جېنۋۇ، شىن چۇنيىڭ، لى فېي، جاڭ يېسۈي، تاڭ فاڭيۈ، لى باۋرۇڭلارنى يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. يىغىندا جاڭ يېسۈي قوشۇمچە يىغىن باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى قارار قىلىندى. يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 12دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار چىقىرىشىغا دوكلات قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.