تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋاڭ ياڭ بەرگەن سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات (قىسقارتىلمىسى)

سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا

ۋاڭ ياڭ بەرگەن سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات (قىسقارتىلمىسى)

ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەپ، ئاساسلىقى مۇنداق تۆت تۈرلۈك خىزمەتنى ئىشلىدۇق

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەردە، يېقىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا، دائىمىي كومىتېت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېڭى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەپ، ئاساسلىقى مۇنداق تۆت تۈرلۈك خىزمەتنى ئىشلىدى.

بىرىنچى، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردۇق. مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۈگىنىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرگە قارىتا مەخسۇس تېما بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى يولغا قويدۇق. يىغىننىڭ تەلىپىنى نىشان قىلىپ، يىغىن ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان 65 تۈرلۈك ۋەزىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئون جەھەتتىكى خىزمەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق.

ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەزالارنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە دائىر خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلەشكە تەشكىللىدۇق، «مەن ۋە بىزنىڭ سىياسىي كېڭەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، ئون قارار ئەزالار دەرسخانىسى ئالاھىدە پىروگراممىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشقا دائىر ھېكايىلەرنى سۆزلىدۇق، 132 تۈركۈمدە 2149 نەپەر ئەزا قاتناشقان ئەسلىي مەقسەت بۇرچنى ھېس قىلىش مەخسۇس تېمىسىدىكى ئېكسكۇرسىيە-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 پارچە مۇھىم تەكلىپنى باھالاپ تەقدىرلىدۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇردۇق، بۇ ئارقىلىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتتۇق.

ئۈچىنچى، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشكە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشكە سۇپا تەييارلاپ، مېخانىزم بەرپا قىلدۇق، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىك ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەگە سىڭدۈرۈلگەن سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 316 ئادەم قېتىم پىكىر ئالدى. سەيخانبا روھىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق مەخسۇس تېما بويىچە پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە 11 قېتىم تەشكىللىدۇق، نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئون قېتىم ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتۇق، 16 قارار ئەزالار دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇردۇق، مۇھىم، مەخسۇس خىزمەتلەر ئۈستىدە 26 مەيدان ئەزالار لېكسىيەسى تەشكىللىدۇق، ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردۇق.

تۆتىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلاندۇق. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە كەڭ ئەزالارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى، كىچىك دائىرىدە كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، تەكلىپ بېجىرىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق رولىنى جارى قىلدۇردۇق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار جەھەتتە ئاكتىپلىق بىلەن ئەقىل كۆرسەتتۇق، ئەھۋال ئىنكاس قىلىنغان 1300دىن ئارتۇق ماتېرىيال، پىكىر ۋە تەكلىپنى يوللىدۇق؛ «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش» تېمىسى بويىچە ئۈچ قارار ئەزالار دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەسىدىكى ئەزالىرى تەشەببۇسنامە ئېلان قىلدى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەتلىرى سەككىز جەھەتتىن خۇلاسىلەندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى سەككىز جەھەتتىن خۇلاسىلىدى.

− نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ئەزالىرى باشچىلىق قىلىدىغان ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىن 11نى قۇردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق.

− كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. پۈتۈن بىر يىلدا 71 قېتىم كېڭىشىش يىغىنى چاقىردۇق، 97 تۈر بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئىشىنى قانات يايدۇردۇق. ئومۇمىي يىغىن مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنىنى مېخانىزملىق ئورۇنلاشتۇردۇق، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىي تېمىسىدىكى توپتىن 48نى قۇرۇپ، كېڭىشىشنى يىغىن مەيدانىدىن تورغا ئېلىپ كىردۇق.

− يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى مەھكەم ئىگىلەش ئاساسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل-تەدبىر كۆرسەتتۇق. ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردۇق. ئۇل تەتقىقاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ساھەلەر بويىچە كېڭىشىشنى ئۇدا قانات يايدۇردۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردۇق، مۇھىم تەكلىپلەر قوبۇل قىلىندى.

− خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلقنى كۆزلەيدۇ دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچىدۇق. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇردۇق، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىدىغان دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردۇق، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، قاتارلىقلار.

− ئىتتىپاقلىق-دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدۇق. يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم سىياسىي شەكلى ۋە تەشكىلىي شەكلى بولغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق. شياڭگاڭ رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە مەدەت بەردۇق. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلدۇق. ئىككى قىرغاقتا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردۇق. چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتتۇق.

− تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى ۋە كۆپ قاتلام-دەرىجىلىك ئالاقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلدۇق. سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە دائىر چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئۈستىدە نازارەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللىدۇق.

− سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. رەئىسلەر يىغىنى تەركىبىدىكىلەر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلدى، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە ئۇنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، جەمئىي 5488 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدۇق، 4089 پارچە تەكلىپنى رويخەتكە ئالدۇق. سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق.

− پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ۋە مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتگۇرۇپپىسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىدىن بولغان دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئارخىپى تۈزۈمى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش دوكلاتى تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق.

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەتلىرى ئالتە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2020-يىلى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ تۈردە ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا مەسئۇلىيەت ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

ۋاڭ ياڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەتلىرىنى ئالتە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

− ئىدىيە-نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى، مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچىمىز.

− ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش» مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ياخشى ئاچىمىز. خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىمىز. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىن ئېتىمىز.

− كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش، كەڭ دائىرىدە بىرلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى بويىچە مەخسۇس كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچىمىز. شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى كۈچەيتىمىز. تەيۋەن ئارىلىدىكى ئالاقىدار پارتىيە-گۇرۇھلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. چياۋمىنلار خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز.

− خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى ياخشىلايمىز. دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، چەت ئەللەردىكى ئالاقىدار ئاپپاراتلار، سىياسىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى ۋە جۇڭگو دىن ساھەسىدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللايمىز.

− خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.

− خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئالاقە باغلاش-يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

ئاساسنى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»دە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز شەرت.

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز. تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشى، دېموكراتىك تەرتىپ ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تىرىشىپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دائىرىدىكى ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

− مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىمىز. خاراكتېر ۋە ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھوقۇق ئورگىنىمۇ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىمۇ بولماستىن، بەلكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، «بىزدە بولغىنى ئۇلاردا يوق، بىز قىلالىغاننى ئۇلار قىلالمايدۇ» دېگەن سىياسىي ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىك شەكىل ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز لازىم؛ كېڭىشىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ۋەزىپىسىنى تەشكىللەيدىغان ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان ئاپپارات بولغان سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش سۇبيېكتى بولماستىن، بەلكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم سۇپا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سىياسىي كېڭەش «بىلەن» كېڭىشىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى سىياسىي كېڭەش «تە» كېڭىشىش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز لازىم؛ ئۇنىڭ مول مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەشتە كېڭىشىشنىڭ يەنە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر ساھەدىكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشىنىڭ كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىپ راۋاجلىنىشغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا كېڭىشىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى تەجرىبە ۋە يېڭى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم.

− ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەيمىز. توغرا مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭمۇ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنىڭ نەتىجسى ھەتتا تېخىمۇ مۇھىم نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز لازىم. ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش، «بىر خىللا» بولۇش يولىنى تۇتماسلىق، كەڭ دائىرىدە بىرلىشىش، «يەككىچىلىك» قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق-تەنقىد-ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، نىشانلىق ھالدا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، كەيپىياتنى ئوڭشاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.

− ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىمىز. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» بەرپا قىلىشىمىز لازىم. نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقىي تۈردە زىممىمىزگە ئېلىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئىشەنچلىك، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇپ، مەيدانى مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مەسئۇل ئەزالىق تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالاقە باغلىغان ساھەلەردىكى ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئالغا بېسىشىمىز، بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.