تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە ئېچىلىدۇ

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى بۈگۈن كەچتە تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ.

ئېچىلىش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئېچىلىش يىغىنىدا ۋاڭ ياڭنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى نەق مەيداندا بىۋاسىتە تارقىتىدۇ؛ شىنخۇا تورى ئېچىلىش يىغىنىنى نەق مەيداندا سۈرەت ۋە يېزىق شەكلىدە بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن ئېچىپ، ئۆمەك باشلىقلىرى، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىرىنى سايلاشقا كۆرسىتىدۇ؛ يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ؛ يىغىن قارالمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ. 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپنى سايلاپ چىقىدۇ، يىغىن قارالمىسى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدۇ. تەييارلىق يىغىنىدىن كېيىن، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى بىرىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. سائەت 21دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، يىغىن باياناتچىسى يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاممىۋى سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تور سىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.