تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

كىرىش سۆز

نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر خەلق داھىيسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىنى باغلىدى.

ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىدىن ھەيۋەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى بولغۇچە، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت نامرات ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، باشتىن - ئاخىر نامراتلارنى يۆلەش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى.

شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخېغا يېزىغا چۈشكەندىلا، ئۇ يۇرتداشلارنى باشلاپ قۇدۇق قېزىپ، قايما توسما، پەلەمپەي ئېتىز، پاتقاق گازى كۆلچىكى ياساپ، «بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كۆممىقوناق ئۇنى يېيەلەيدىغان بولۇش»تەك ئاددىي نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.

خېبېي جېڭدىڭدا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، ئۇ ۋېلىسىپىتىنى يۈدۈپ خۇتوخې دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 200 نەچچە كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، يېزىلارنىڭ ئىسلاھ قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

فۇجيەن نىڭدېدا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، ئۇ ھەممە يېزا - بازارلارنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقىپ، «ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش» يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى.

ئۆلكىگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، ئۇ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چىڭ كۆزلەپ، «فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقى»نىڭ نىڭشيا تۇپرىقىدا مول نەتىجە بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئالغا سىلجىتىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 20 نەچچە نامرات كەنتنى تەكشۈردى، ئۇدا تۆت يىل مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئۇدا ئالتە يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئۇدا ئالتە يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كۈنى مەزگىلىدە مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ياكى مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئۇدا ئالتە يىل يېڭى يىل تەبرىك سۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكىتلىدى، ئۇدا يەتتە يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش زور پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى، يەنە كۆپ قېتىم جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى...

دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك: «40 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگودىكى ناھىيە، شەھەر، ئۆلكىلەردە، مەركەزدە خىزمەت قىلدىم، نامراتلارنى يۆلەش باشتىن - ئاخىر خىزمىتىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولدى، بۇنىڭغا سەرپ قىلغان زېھنىي كۈچۈم ئەڭ كۆپ بولدى».

(1)

ھەقىقىي نامراتلارنى كۆرۈش ھېكايىسى −

«سىلەر ماڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسىتىشىڭلار كېرەك، ئۇنداق ھەقىقىي بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرمەيمەن»

2020 - يىلى ئەتىياز، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە تۇرۇۋاتاتتى.

پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى باشلاپ جاسارەت بىلەن «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭى قىلىش بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر يەنە بىر چوڭ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يىغىن. ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارغا توغرا، تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، سۆھبەت يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە ناھىيە دەرىجىگىچە ئاچتى.

سۆھبەت يىغىنى باشلىنىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يۇقۇم ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەندىن كېيىن ئاندىن يەرلىككە بېرىپ ئېچىشنىمۇ ئويلاشقانىدۇق، لېكىن بۇ يىل يەنە ئون ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت قالغانلىقىنى، كۈن بويىچە ھېسابلىغاندا 300 كۈن قالغانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەسلىدىنلا يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىق بارلىقىنى، يۇقۇمنىڭ يەنە ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، جەزمەن بالدۇرراق قايتا سەپەرۋەر قىلىش، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق».

ئالدىمىزغا قارىساق، 300 كۈن قاپتۇ! نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىمىز. جۇڭگو خەلقىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئارزۇسى بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇ، نېمىدېگەن ھاياجانلىنارلىق ئىش - ھە!

باشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، نەقەدەر جاپالىقلىقىنى ھېس قىلىمىز!

يېقىنقى بىر ئەسىردىكى كۈرەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلقنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا نۇرغۇن مۆجىزە يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى تىكلىدى.

بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخقا، خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يېڭىدىن سايلانغان شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جاراڭلىق ئاۋازدا: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېدى.

بۇ كۈرەش نىشانى ئالدىدا، ئۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى −

«ۋاقتى كەلگەندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغانلىقى جاكارلانغاندا، يەنە شۇنچە كۆپ ئامما نامراتلىق سىزىقى ئاستىدا ياشىسا بولمايدۇ».

نامراتلىقنىڭ ھەقىقىي تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەنلا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ سىيماسى قەھرىتان سوغۇق تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە پەيدا بولدى.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيەسى لوتوۋەن كەنتىدە، نامرات ئاھالە تاڭ رۇڭبىن ئىلگىرى كۆرگەن ئەڭ چوڭ ئەمەلدار يېزا باشلىقىلا ئىدى. شۇ كۈنى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇ رۈنجىن تاڭ رۇڭبىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يۇقىرىدىن ئادەم كېلىپ كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولدى، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدى. ئويلىمىغان يەردىن كەلگىنى دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ، تاڭ رۇڭبىن جىددىيلەشكىنىدىن بىر كېچە تەييارلىغان گېپىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى «ھەقىقىي نامراتلارنى كۆرۈش» دېدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەيلى يول قانچىلىك يىراق، شارائىت قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، ھەممىسى بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مەقسىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

باش شۇجى شۇ جايدىكى كادىرلارغا مۇنۇلارنى دېدى: «مەخسۇس بۇ يەرگە كۆپچىلىكنى يوقلاپ كېلىشىم دەل دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى نامراتلىق ھالىتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن. سىلەر ماڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسىتىشىڭلار كېرەك، ئۇنداق ھەقىقىي بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرمەيمەن. شۇڭا يىراقراق مېڭىپ، كۆرگىنىمىز ئازراق بولسىمۇ، ھەقىقىي بولسىلا، ئاندىن ئەرزىيدۇ!»

ئۆيۈڭلاردا قانچە ئادەم بار، ئاكا - سىڭىللار قانچە، نەچچە مو يېرىڭلار بار، ھوسۇل قانداقراق، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش قانداقراق ئىكەن... ھەقىقىي نامراتلىقنى كۆرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، باش شۇجى بىر - بىرلەپ ئىنتايىن تەپسىلىي سورىدى.

ئوچاق بېشىدىكى تۆمۈر قازاندىن ھور چىقىپ تۇراتتى. باش شۇجى تۇۋاقنى ئېچىپ، قازاندا موما، كۆممىقوناق قوتۇرمىچى، خۇڭشۇ، ياڭيۇ ۋە كاۋا دۈملەنگەنلىكىنى كۆردى.

تاڭ رۇڭبىننىڭ خوتۇنى قازاندىن بىر پارچە دۈملەنگەن ياڭيۇنى ئېلىپ باش شۇجىغا سۇندى. باش شۇجى بىر پارچە ئوشتۇپ ئاغزىغا سېلىپ: «تەمى ياخشى ئىكەن!» دېدى، يەنە ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە تېتىتىپ كۆردى.

تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى ھەربىر مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونغا يەتتى. دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدا، ئېتىز باشلىرىدا، بىر چاسا ئۈستەلدە، بىرنەچچە ئورۇندۇقتا، پۇقرالارنىڭ دەرد - ئەھۋالىنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىپ، نامراتلىق تۈگۈنىنى ئىنچىكە پەرقلەندۈردى. لوتوۋەن كەنتىدە يۈزبەرگەندەك بۇنداق ھېكايىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ.

(2)

ھېسابات دەپتىرىنىڭ ھېكايىسى −

«نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىن ئىبارەت»

شىبادۇڭ كەنتى شياڭشىدىكى بىر ئادەتتىكى كىچىك كەنت.

فۇپىڭغا سەپەر قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»تىن ئىبارەت مۇھىم باياننى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتى ۋۇلىڭشەن تاغ تىزمىسىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، خىلۋەت تاغ جىلغىسىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مياۋزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نامرات كەنت ئىدى. باش شۇجى شىبادۇڭ كەنتىگە كەلگەن ئاشۇ يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %57كە يەتكەن.

كەنت ئاھالىسى شى بوسەننىڭ ئېنىق ئېسىدە قېلىشىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كىرىم - چىقىم ھېساباتىنى قىلىپ، قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى، نېمىلەرنى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبىرى، ئورۇن - كۆرپىسى، ئاشخانىسى، چوشقا قوتىنىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى.

«ئۇ كۆپچىلىكتىن نېمە تېرىش، نېمە بېقىش، كىرىمنى نەدىن ئاشۇرۇشنى بىلىپ يېتىشنى، چوڭ شوئار توۋلىماسلىقنى، يەتكىلى بولمايدىغان نىشان بېكىتىۋالماسلىقنى ئۈمىد قىلدى. نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىن ئىبارەت» دەپ ئەسلىدى كەنت ئاھالىسى شى چېڭفۇ.

2016 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىللە بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىگەچ، بىر تەرەپتىن كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلىشقا باشلىدى.

«مەن <نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش>نى شىبادۇڭ كەنتىدە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغان» «ھازىر كىشى بېشى كىرىم قانچە؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«سىز ئەينى يىلى كەلگەندە 1680 يۈەن ئىدى، ھازىر 3580 يۈەنگە كۆپەيدى.» شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى گو جيەنچۈن باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: شىبادۇڭ كەنتىدە پۇقرالارنىڭ كىرىمى كۆپىيىپ، كەنت قىياپىتى ئۆزگىرىپ، ئۆلكە بويىچە مەدەنىي كەنت ۋە ساياھەتتىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ قالدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلكىسى كۆپەيدى، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ئارزۇسى كۈچەيدى، يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ياش يىگىتلەرنىڭ «بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ ئاسانلاشتى.

«بۇلتۇر قانچە ئادەم ئۆيلەندى؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«يەتتە، يەنى <بويتاقلىقتىن قۇتۇلغان> يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ياشلاردىن يەتتىسى» دېدى گو جيەنچۈن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىر مەزگىلدە بەزى چاتما خەۋەرلەرنى كۆردۈم، كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم، ئەسلىدىمۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رولى ئويناپتۇ. تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق تەپەككۇر، تېخىمۇ دەل تەدبىر ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

2016 - يىلى، شىبادۇڭ كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ھېسابات قىلىش» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى ئەڭ جانلىق شەرھلەش بولۇپ قالدى.

2017 - يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، بېيجىڭنىڭ شىمالىدىن 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكوۋ شەھىرى جاڭبېي ناھىيەسىدىكى نامرات كەنت دېشېڭ كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى شۈ خەيچېڭنىڭ ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا كىرىم - چىقىم ھېساباتىنى بىر - بىرلەپ قىلىپ بەردى: «ياڭيۇ ئەسلىي ئۇرۇقلۇقىنى ئۈچ مو يەرگە تېرىسا، مو بېشى ھوسۇلى 2000 جىڭ بولىدۇ، بىر جىڭىدىن ئىككى يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؛ ئادەتتىكى تاۋار ياڭيۇنى 15 مو يەرگە تېرىسا، ھەر جىڭى بەش مو بولىدۇ».

«بۇ باھا پەرقى بەكلا چوڭ ئىكەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات ئاھالىنىڭ كىچىك ھېسابات دەپتىرىدىن كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ياڭيۇ چوڭ كەسىپ. ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلاردىن ياڭيۇ ئەسلىي ئۇرۇقلۇق سورتىنى تېرىشتىن ئىبارەت بۇ تۈرنى كېڭەيتىشتىن ئۈمىد بارمۇ؟ دەپ سورىدى.

«ئۈمىد بار، پۈتۈن ناھىيەمىزنىڭ ياڭيۇ سورتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خاۋ فۇگو.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى يولۇڭلار بار بوپتۇ، ئەمدىكى گەپ ئۇنى قانداق بازارلاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا».

بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ناتونۇش ئەمەس.

جياڭشى جىڭگاڭشەننىڭ شېنشەن كەنتىدىكى جاڭ چېڭدېنىڭ ئائىلىسىدە، چىڭخەينىڭ خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بەنيەن كەنتىدىكى لۈ يوۋجىن ئائىلىسىدە، ئەنخۇي جىنجەيدىكى ۋاڭ نېڭباۋ ئائىلىسىدە، چېن زېشېن ئائىلىسىدە، نىڭشيا گۇيۈەن ياڭلىڭ كەنتىدىكى ما كې ئائىلىسىدە... باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش قوللانمىسىنى بىرمۇبىر ۋاراقلاپ كۆردى، «ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى» «ئاممىۋى مەنپەئەت ئورمىنى ياردەم تولۇقلىمىسى» «پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتى» «ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى»، ئۇ ھەربىر تۈرلۈك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمى ۋە چىقىمىنى تەپسىلىي سوراپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى پىلانلىدى.

نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىم - چىقىم ھېساباتىنى قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتە زادى قانچىلىك نامرات نوپۇس بار، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر نوپۇسقىچە دەل جايىدا توغرا ئېنىقلىغىلى بولامدۇ - يوق، مانا بۇ ھېسابات نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئاساسىدۇر.

«ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، خىزمەتنى ئائىلىلەرگىچە ئىشلىگىلى، دەل جايىدا ئىشلىگىلى بولىدۇ. قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشى، ھەربىر ئائىلە، ھەربىر نوپۇسنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىدا كۆڭلىدە سان بولۇشى كېرەك.» خېبېينىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىغاندا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنە شۇنداق تەكىتلىدى. 2013 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەشتە «گىرانات بىلەن بۈرگىنى پارتىلىتىدىغان ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ»، «باستۇرۇپ سۇغىرىش»قا بولمايدۇ، نامرات نوپۇسنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش، دەل جايىدا باشقۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى ئېيتقاندەك «كۆڭلىدە سان بولۇش» «دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش» نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بويىچە، بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلدى. 2014 - يىلى، نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلار سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۇنجى قېتىم كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ «ھېسابات»نىڭ بولۇشى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش «تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلى»دىكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يېڭى باسقۇچىغا كىردى.

كىچىك ھېسابات دەپتىرى، ئۇلۇغ مېھىر - مۇھەببەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاساسىدا، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ ۋە نەزەرىيەۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىنغاندىن بۇيانقى يەتتە يىلدا، جۇڭگودىكى نامرات نوپۇس 90 مىليوندىن ئارتۇق ئازايدى، بۇ، بىر ئوتتۇراھال دۆلەتتىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىگە توغرا كېلىدۇ.

(3)

چاي ۋە مېۋىنىڭ ھېكايىسى −

«<سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، بېيىغاندا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك>، بۇ سۆز ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان»

بىر ئىستاكان خۇش پۇراق ئەنجى ئاق چېيىنى قولىڭىزغا ئالغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتقان بۇ ئالتۇن يوپۇرماقلار ئىلگىرى پەقەت چەت تاغلىق كەنتتىكى ئادەتتىكى زىرائەت ئىدى.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنجى ناھىيەسى شىلۇڭ يېزىسى خۇاڭدۇ كەنتىدىكى ئاق چاي بازىسىنىڭ شۇ چاغدىكى مەسئۇلى مېي شىيىڭنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە: 2003 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شۇ چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ پاتقاق يولنى بويلاپ چايزارلىققا كىرىپ ئاق چاينى كېڭەيتىپ تېرىش ئەھۋالى − ئاق چاينىڭ قانداق كىرگۈزۈلگەنلىكى، قانداق قەلەمچە قىلىپ تىكىلگەنلىكى، يىغىش، پىششىقلاش، سېتىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى سورىغانىدى.

«ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تۇرۇپ چايزارلىقتىكى ئىشلارنى بۇنچىلىك ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن.» مېي شىيىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئەنجى ناھىيەسىنىڭ ئاق چاي كەسپى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ھۆكۈمەت «ئاق چاي يۇرتى» سۈپەتلىك ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردى، چايچى دېھقانلارنى ھەقسىز تەربىيەلىدى، چاي مەدەنىيىتى، چاي ھۈنەر - سەنئىتى، چاي يېمەكلىكى قاتارلىق ئاق چاي كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، خۇاڭدۇ كەنتىنىڭ ئاق چاي تېرىلغۇ كۆلىمى 5000 مودىن 12 مىڭ موغا كېڭىيىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئىلگىرىكى قاقاس تاغ «چاي دېڭىزى»غا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ «بىر كۈندە بىر يۈەن تېپىش»تىن يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 36 مىڭ يۈەندىن ئېشىشقا ئۆزگەردى.

بېيىغاندا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارنى ئۇنتۇماسلىق.

2018 - يىلى 4 - ئايدا، خۇاڭدۇ كەنتىدىكى 20 پارتىيە ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كەنتتىكى ئاق چاي ئۆستۈرۈپ بېيىش ئەھۋالىنى دوكلاپ قىلىپ، 15 مىليون تۈپ چاي مايسىسى ئىئانە قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، بېيىغاندا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك»، بۇ سۆز ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئويلاش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.

ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، 15 مىليون تۈپ چاي مايسىسى خۇنەن، سىچۇەن ۋە گۇيجوۋدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىنىڭ تۆت ناھىيەسىدىكى 34 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنتلەردە يىلتىز تارتتى، ئىئانە قوبۇل قىلغان جايدىكى 1862 ئائىلىدىكى 5839 نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇ يەردىكى، نامراتلارنى يۆلەش ئەزەلدىن بىر يەرنىڭ، بىر ئورۇننىڭ، بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس.

2015 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭجياخېغا قايتىپ باردى. ئۇ ئالايىتەن دالا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ تاغ قىرىنىڭ ئېگىز يېرىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باردى.

يانباغىرغا تىكىلگەن ئالمىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 4000 جىڭ ئىكەنلىكىنى، 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىغا چۈشكەندە يۇرتداشلارنىڭ جاپا تارتىپ تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ ئاران نەچچە ئون جىڭلىقىنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ ئىنتايىن خۇرسىندى.

«ئالما كەسپىنى چوقۇم قەتئىي ھالدا داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى، يەنئەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باۋتا رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىڭتاڭنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە. «بىز بۇ بىرنەچچە يىلدا باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالما كەسپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتۇق. بۇ ئىككى يىلدا مول ھوسۇل ئالدۇق، مو بېشى ھوسۇلى 8000 جىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى» دېدى ليۇ جىڭتاڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپەت سەۋەبىدىن ھوسۇل كېمىيىش، ئوخشاش مېۋىنىڭ باھاسى ئوخشاش بولماسلىق، مول ھوسۇل يىلىدا مول ھوسۇل ئالالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشتە ئىلگىرى نامرات رايونلار بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قارالغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئالما كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇقىم تىرەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشى بىلەن، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە قەرەللىك مال سودا بېرژىسى نىشانلىق ياردەم بېرىپ، يۆلىگەن شەنشىنىڭ يەنچياڭ ناھىيەسىدە، يېڭىلىق يارىتىپ ئالما «سۇغۇرتا + قەرەللىك مال» پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى − سۇغۇرتا شىركىتى باغۋەنلەرنى باھا سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا باھا داۋالغۇش خەۋپ - خەتىرى قەرەللىك مال شىركىتى تەرىپىدىن قەرەللىك مال بازىرىدا ئۇدۇللاپ تۇراقلاشتۇرۇلدى.

مەنپەئەتلەنگەن تۇنجى تۈركۈم سىناق نۇقتا ئائىلىلىرىدىن ئەنگوۋ بازىرىنىڭ ئاچىڭ كەنتىدىكى باغۋەن شياۋ جىنگۇاڭ بار. ئۇ 2018 - يىلى بىر جىڭى تۆت يۈەن بويىچە ئائىلىسىدىكى 30 توننا ئالمىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردى، كېيىن بازار ئەھۋالى داۋالغۇپ، بىر جىڭى 1.8 يۈەنگە چۈشۈپ قالدى، «ئەگەر ئىلگىرىكىدەك بولغان بولسا يەنە قايتا نامراتلىشىپ كېتەتتىم، ھازىر سۇغۇرتا شىركىتى راستىنلا تۆلەم بەردى، ئىشەنچ بولسا تېخىمۇ غەيرەت بولىدىكەن».

«ئالمىنىمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ!» شياۋ جىنگۇاڭنىڭ كەچۈرمىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. باھا سۇغۇرتىسىنىڭ «باھا»نى قوغدىشى، نامرات كونا رايوندىكى ئالمىنى «ئالتۇن ئالما»غا ئايلاندۇرۇپ، دۇبەي قاتارلىق خەلقئارا بازارلارغا يۈزلەندۈردى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، يەنئەندىكى ھەرقايسى ناھىيەلەر پۈتۈن ناھىيە بويىچە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، ئالما ھەقىقىي «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.

بىر ئىستاكان سىنچاي، بىر تال ئالما، بىر پارچە خوتۈي، بىر چەينەك ھاراق... بارغانسېرى كۆپ نامرات رايونلاردىكى خاس مەھسۇلاتلار چوڭ شەھەرلەردىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يۈزلەندى.

2018 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چېڭدۇدا نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ كۈچىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كەڭ قاتنىشىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 15 تارماق «پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش تەشەببۇسى»نى تارقاتتى. نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەشتىن ئىبارەت ئۆزئارا تولۇقلايدىغان «نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسى» تەدرىجىي شەكىللەندى.

(4)

«ئاجىز قۇشنىڭ ئالدىن ئۇچۇش» ھېكايىسى −

«نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك»

1988 - يىلى، شەرقىي فۇجيەندىكى توققۇز ناھىيەنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ «ئاجىز قۇش قانداق قىلغاندا ئالدىن ئۇچالايدۇ» دېگەن تېمىدا شەرقىي فۇجيەندىكى توققۇز ناھىيەنى تەكشۈرۈش تەسىراتىنى يازدى.

ئۇ مۇنداق يازدى: «نامراتلىققا قانائەت قىلىش»، «نامراتلىققا كۆنۈپ قېلىش»، «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»، ھەممىدىن ئاغرىنىش قاتارلىقلار، بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم تۈگىتىلىدىغان قاراشلار قاتارىدا بولۇشى كېرەك. ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇشقا ئىنتىزار بولىدۇ، ئەڭ نامراتلارمۇ ئالدىن بېيىيالىشى مۇمكىن، لېكىن «ئالدىن ئۇچۇش»، «ئالدىن بېيىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىقتا ئالدى بىلەن كاللىمىزدا مۇشۇنداق ئاڭنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

ئەينى چاغدا، نۇرغۇن يولداش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئۈمىدىنى دۆلەتنىڭ كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىشى، كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىغا باغلىۋالغانىدى. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: «بىز ئورنىمىزنى توغرىلىۋېلىشىمىز لازىم: خام ماتېرىيال، مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆزىمىزگە قويۇشىمىز كېرەك، بۇ ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشى <ئالدىن ئۇچۇش> ئېڭىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى. بىز ھەممە ئىشتا باشقىلارغا يالۋۇرۇشنى ھەممە ئىشتا ئاۋۋال ئۆزىمىزگە تايىنىشقا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.» «بىز چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بەزى ساھەدە، نامرات رايونلاردىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى ھازىرلىغان جايلاردا ئادەتتىن تاشقىرى تەرەققىياتنى ئېلىپ بېرىشقا تامامەن قۇربىمىز يېتىدۇ».

«ئالدىن ئۇچۇش»تا، «ئۇچۇشقا جۈرئەت قىلىش» كۆتۈرەڭگۈ روھىنى نامايان قىلىش كېرەك.

يولداش شى جىنپىڭ شۇنى بايقىدىكى، فۇجيەندىكى توققۇز ۋىلايەت، شەھەر ئىچىدە ئىقتىساد جەھەتتە 9 - ئورۇندا تۇرغاچقا، نىڭدېدىكى يولداشلار ئۆلكىگە يىغىنغا بارغاندا، ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى رەتتە ئولتۇرۇپ، يۇقىرىراق ئاۋازدا سۆزلەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن.

يولداش شى جىنپىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. نىڭدېغا بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆلكىگە يىغىنغا بارغاندا، ھەمىشە بىرىنچى رەتتە ئولتۇرۇپ، بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلىشنى تالاشتى. ئۇ نامراتلارنى يۆلەشتە ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەكلىكىگە، نامرات رايونلاردا كۆتۈرەڭگۈ روھنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى. نامرات ناھىيە، نامرات رايون دەپ بېكىتىلىش سەۋەبى بىلەنلا، بىزنىڭ ناھىيەمىز ئۇنداق - بۇنداق نامرات دېيىشكە كۆنۈپ قېلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، باشقىلاردىن ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاپ، روھىنى ئۇرغۇتالماي، ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى سەۋەبلىك «نامرات ناھىيە ئېڭى»نى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

«ئالدىن ئۇچۇش» ئېڭى بولغان ئىكەن، يەنە «ئۇچالايدىغان» «قانات» بولۇشى كېرەك.

شىنىڭ شەھەرلىك خۇيزۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى بەي شيۇخۇانىڭ قەلبىدە، 2016 - يىلىدىكى ئاشۇ يۈلەن گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان كۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بىرقانچە مەكتەپتە قىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئېلىپ بېيجىڭغا كېلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىدا، ئۇ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسى ھېلىھەم گەۋدىلىك، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۈچى ئاجىز».

ئوچۇق قىلىنغان سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى: «نامراتلارنى يۆلەشتە ئاۋۋال ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ بايلىقىنى باراۋەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالە پەرزەنتلىرىنىڭ باشلىنىش پەللىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا يول قويماي، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇپ ئۈزۈۋېتىش كېرەك».

پەقەت «نامراتلىق» ۋە «نادانلىق»نىڭ يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىلا، «ئاجىز قۇش» ئاندىن قانات قېقىپ پەرۋاز قىلالايدۇ.

لېكىن، بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا، «ماتەي ئېففېكتى» دېلو مىساللىرى ناھايىتى كۆپ − قانچىكى نامرات بولغان جايدا مائارىپنى يولغا قويۇش شۇنچە تەس، لېكىن قانچىكى نامرات بولغان جاي مائارىپنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق، مائارىپنى قانچىكى يولغا قويمىغانسېرى شۇنچە نامراتلىشىپ كېتىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋال باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلدى −

«مەن بىر قىسىم نامرات جايلارغا بېرىپ، بەزى بالىلارنىڭ يەتتە - سەككىز ياشقا كىرىپمۇ، تېخىچە ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەكتەپتە ئوقۇمىغانلىقىنى كۆردۈم. نامرات رايونلارنىڭ مائارىپىنى چوقۇم يۈكسەلدۈرۈش كېرەك، بالىلارنىڭ باشلىنىش پەللىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا يول قويماي، ئۇلارنى تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، داشۆدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، يەنە سەككىز - ئون يىلدىن كېيىن ئۇلار بېيىش ماھىرلىرىغا ئايلىنىپ، ھېچبولمىغاندا تاماق يېگۈدەك پۇل تېپىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، قايتا نامرات تۇرمۇش كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن».

مائارىپلا نامرات رايونلارنى تېز ئۇچىدىغان قوش قاناتقا ئىگە قىلالايدۇ، «ئاجىز قۇش بالدۇر ئۇچۇش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ!

«ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش» ئۈچۈن، ئۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆردى − ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك جاپالىق يول يۈرۈپ چۇڭچىڭنىڭ تاغ ئىچكىرىسىدىكى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ تاماق زالى، ئارقا ئاشخانىسىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش» ئۈچۈن، ئۇ چارە ئويلىدى − «نامرات تاغلىق رايونلارغا يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى كىرىشى ياكى بالىلار سىرتتا مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشى كېرەك. ھەقىقەتەن بەك چەت - يىراق رايونلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ ياتاقتا ياتقۇزمىسىمۇ بولىدۇ، ياتاقتا يېتىش نۇقتىسىغا بېرىش ئۈچۈن، بالىلار نەچچە سائەت يول ماڭىدۇ، بەك خەتەرلىك. ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشكە بولىدۇ، تەمىناتىنى ياخشىراق قىلىپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ، بۇنداق كەچۈرمىشنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك».

«ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش» ئۈچۈن، ئۇ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى − «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى(2014)» بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ گۇيجوۋ مۇھاكىمە كۇرسىدا تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، ياشلار «تىرىشىپ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلىگۈچىلىرى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئالدىن يۈرگۈچىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكلىگۈچىلەر بولۇشى كېرەك» دەپ سەمىمىي تاپىلىدى.

«ئاجىز قۇش بالدۇر ئۇچۇشقا ئىنتىزار بولىدۇ» دېگەن ئېتىقاد ۋە ئىرادە بىلەن ئۆزگىرىشلەر ئاستا - ئاستا يۈزبەردى −

«ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، غەيرەت قىلىپ ئىشلىمىسەك باش شۇجىغا يۈز كېلەلمەيمىز!» خېبېينىڭ فۇپىڭ ناھىيەسى لوتوۋەن كەنتىدە ئاددىي - ساددا كەنت ئاھالىلىرى بىردەك شۇنداق دېيىشتى.

«<ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپىمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ>، باش شۇجىنىڭ ئەينى يىلى قىلغان بۇ سۆزى ھەقىقەتەن توغرا چىقتى» دېدى يۇرتداشلار كۈلۈپ تۇرۇپ.

كىچىككىنە كەنتتە بىر يىلدا بىر خىل ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرىكى ئىسرىق ئوتى يېلىنجاپ تۇرغان كىچىك بۇتخانىنى ئۆمۈچۈك تورى قاپلىدى. «كۈجە كۆيدۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغىلى بولمايدۇ.» بىر كەنت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە چارە ئويلىشى، يول ئىزدىشى، پۇرسەتنى تۇتۇشى كېرەك، كىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئىرادىلىكلەر تاختىسى، شەرەپ تاختىسىغا چىقسا، شۇ يارايدۇ.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى كۆپ سورۇنلاردا مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ماددىي شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدۇر. بۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى تېمىسىنىڭ مەنىسى.

(5)

ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ «ئىش ئورنىغا قايتىش» ھېكايىسى −

«نامرات ناھىيەلەرنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى، ھاكىملىرى شۇ جايدا مۇقىم تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئاخىرغىچە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ <كېتىشكە بولمايدۇ>»

يېقىندا، بىر پارچە «بەش نەپەر شۇجى بىر رامكىدا» دېگەن سۈرەت ئالاقە تورىدا كەڭ تارقالدى.

سىم - سىم باھار يامغۇرىدا، شەنشى چىنبا تاغلىق رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئەمگەك قىلىۋاتقان چايچى دېھقانلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەنكاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پىڭلى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جياڭجياپىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بار ئىدى.

يىراقتىكى تاغلار خۇددى قىزلارنىڭ قېشىدەك گۈزەل بولۇپ، چايزارلىقلار خۇددى رەسىمگە ئوخشايتتى. پارتىيەنىڭ باش شۇجىسىدىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىغىچە، كىشىلەر پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئاددىي ھېسسىياتىنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى كۆردى.

ۋاقىتنى بەش يىل ئالدىغا سۈرەيلى.

2015 - يىلى 11 - ئاي، بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسى. سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن «تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم»لىك دېيىلگەن مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسىگە تەنتەنىلىك ھالدا ئۆز ئىسىملىرىنى يېزىپ ئىمزا قويدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا «ھەربىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ۋەدىنامىسى» بەردى.

ئارمىيەدە ئوينىشىدىغان ئىش يوق. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەربىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ۋەدىنامىسىنى خالىغانچە بېرىشكە بولمايدۇ، بىز دېگەن ئىكەنمىز قىلىشىمىز كېرەك».

ئۆلكە مەركەزگە «ھەربىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ۋەدىنامىسى» بېرىشى، ۋىلايەت، شەھەرلەر ئۆلكىگە، ناھىيەلەرمۇ ۋىلايەت، شەھەرلەرگە «ھەربىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ۋەدىنامىسى» بېرىشى كېرەك، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئېچىلىپ تەخمىنەن يېرىم يىلدا، 2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دابيېشەن تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ليۇئەن شەھىرى جىنجەي ناھىيەسى بىر قېتىم ناھىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ يولداش پەن دۇڭشۈنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئەمدى ئۆتىمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ليۇئەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغانىدى.

كۆپچىلىك ئويلىمىغان يەردىن، 12 كۈندىن كېيىن، يولداش پەن دۇڭشۈ يەنە قايتىپ كەلدى − ۋەزىپىسى يەنىلا ليۇئەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جىنجەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى.

ئەسلىدە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىنجەي ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى: «نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك.» يولداش پەن دۇڭشۈنىڭ «ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ» يەنە «ئىش ئورنىغا قايتىشى» دەل باش شۇجى ئۆزى بەرگەن يوليورۇق.

«ئەمدى ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى، ھاكىملىرى شۇ جايدا مۇقىم تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئاخىرغىچە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ <كېتىشكە بولمايدۇ>، بىر لوبوغا بىر ئورەك كېتىدۇ، سۇدىن چىقمىغۇچە، پۇتتىكى لاينى كۆرگىلى بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ ماددا بولمىسا، ھەممە كىشى پېشىنى قېقىپلا كېتىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان زىياپەت، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان مېھماندارچىلىق بولۇپ قالىدۇ».

2017 - يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭبېي ناھىيەسى دېشېڭ كەنتىگە كېلىپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. كەنت ئاھالىسى شۈ خەيچېڭنىڭ ئۆيىدە، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خاۋ فۇگو دېشېڭ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى سۇ خۇيبىننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ باش شۇجىغا مۇنداق دەپ دوكلات قىلدى: «بۇ، ئۆلكە ئەۋەتكەن 1 - شۇجى، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، جۈملىدىن، فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى كىرگۈزدى، قۇدۇق قېزىپ يول ياسىدى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى».

«بىزنىڭ نىشانىمىز <نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغۇچە، ئالاقىنى ئۈزمەسلىك>.» سۇ خۇيبىن ئارقىدىنلا باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: مەن 2016 - يىلى 2 - ئايدا كەنتكە كېلىپ 1 - شۇجىلىقنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، ھەر ئايدا كەنتتە 20 نەچچە كۈن ئىشلىگەنىدىم.

«پويىز تېز يۈرۈشتە پۈتۈنلەي پاراۋۇزغا تايىنىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى پاراۋۇز دەل پارتىيە ياچېيكىسى. نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتى، 1 - شۇجى ئەۋەتتۇق، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى بار بولدى، ئاچقۇچ پۇختىلاش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇشتا. 1 - شۇجى نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەپ، كەمتەرلىك بىلەن بۇ جايدا ئىشلىشى كېرەك.

سۇ خۇيبىن بۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋالدى.

«ئېغىر نامراتلىق قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنى، بۇنداق جەڭنى قىلىشقا ئەڭ ماھىرلارنى ئەۋەتىش كېرەك» − بۇ، باش شۇجى باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن قاراش.

ئۇ كۆپ قېتىم مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پۇختىلاشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەسى ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نامرات كەنتلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

1 - شۇجىنىڭ خىزمەتلەرنى قانداق قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ئۇلارغا مۇنداق چارە كۆرسىتەتتى: ھەقىقىي تۆۋەنگە چۈشۈپ، كەمتەر بولۇپ كەنتكە بېرىپ ئىشلەش، ئامما بىلەن بىللە ئىشلەش كېرەك، قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلماسلىق، ئۈچ كۈن بېلىق تۇتۇپ ئىككى كۈن تور قۇرۇتماسلىق، سىرلىق بولۇپ باش - ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك.

نامرات رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ خىزمىتى جاپالىق، باش شۇجى بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قەلبىگە پۈكتى.

2019 - يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئۇ 1 - شۇجىلارغا ئىللىق سالام يوللىدى. خەلق گېزىتخانىسىدا، ئۇ خەلق گېزىتخانىسى ئەۋەتكەن خېبېي ئۆلكىسى لۇەنپىڭ ناھىيەسى يۈيىڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق بارلىق 1 - شۇجىلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

«ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى خىزمەت، تۇرمۇشتىكى غەم - ئەندىشىلەردىن تىرىشىپ خالاس قىلىش كېرەك، ھەرقايسى تەرەپلەردىن ساپاسى ياخشى، شارائىتى ھازىرلانغانلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

2015 - يىلى 11 - ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»دا مۇنداق دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامرات ناھىيەلەردىكى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، 2015 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 459 مىڭ كىشى 1 - شۇجىلىققا تاللاپ ئەۋەتىلدى، ھازىر ئىش ئورنىدا 230 مىڭ كىشى بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنت ۋە پارتىيە تەشكىلى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنتنىڭ ھەممىسىنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئامما تەرىپىدىن «پارتىيە ئەۋەتكەن ياخشى كادىر» «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشتىكى باشلامچى» دەپ تەرىپلەندى.

(6)

يولنىڭ ھېكايىسى −

«بۇ ھەقىقەتەن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىش بولدى»

«جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش يولىنىڭ ئالاھىدە يېرى قەيەردە؟»

2019 نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سىستېمىلىق ماسلاشتۇرغۇچىسى لو شىلى مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ.

50 يىل ئىلگىرى، شەنشى لياڭجياخېدىكى سېرىق توپىلىق يەردە جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، يولداش شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ جاپاسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئاممىنىڭ دەردىنى ھېس قىلدى.

«زىيالىي ياشلار يېڭى بارغاندا ئازراق ئاشلىق بىلەن تەمىنلەندى، كېيىن ئۆزىگە تايىنىپ ئەمگەك قىلىپ پۇقرالارغا ئوخشاش قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتتى.» كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك پۇقرالارنىڭ دائىم مۇنداق دەيدىغانلىقى ئېسىدە ئىدى: « 1 - ئايدا سەمرىيمىز، 2 - ئايدا ئورۇقلايمىز، 3 -، 4 - ئايدا يېرىم جان بولۇپ قالىمىز.» ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتىدا، ھەممە ئائىلىلەر قېپقالغان ئاشلىقىنى يەر تېرىيدىغان قاۋۇل ئەمگەك كۈچلىرىگە قالدۇراتتى، ئاياللار بالىلىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلاتتى.

«دەسلەپتە، زىيالىي ياشلارنىڭ كاللىسىدىكىنىڭ ھەممىسى ئۇقۇملاشقان نەرسىلەر بولۇپ، تىلەمچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قارايتتۇق... كېيىن، بىز ئۆزىمىز تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغىلى تاس قالغاندا، ئاندىن بۇ ئىشنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنىپ، سىرتقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول خېتى كېسىپ بەردۇق، تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بەردۇق. ئۇ چاغدا، بۇ ئەھۋاللار بىزگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق جاپادا قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇق».

نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئامېرىكا دوستلۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى بايان قىلدى: «مەن ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئىش، دەل يۇرتداشلارنى تويغۇچە بىر ۋاق گۆش يېگۈزۈش ھەم دائىم گۆش يېيەلەيدىغان قىلىش ئىدى».

دەل مۇشۇنداق مۈشكۈل يولنى بېسىپ ئۆتكەچكىلا، نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلىش ئىرادىسى ئاندىن مۇشۇنداق مۇستەھكەم بولغانىدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك: «جۇڭگونىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ مۇساپىسىنى ئەسلىسەم، مەن چوڭقۇر، بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولىمەن».

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق» جاراڭلىق قەسىمىدە، مىليونلىغان «لياڭجياخې»نىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى − «ئاسفالت يول ياسالدى، يۇرتداشلار خىش - كاھىشلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئالاقە تورى ئىشلەتتى، ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار بولدى، بالىلار ياخشى تەربىيە ئالالايدىغان بولدى، ئەلۋەتتە، گۆش يېيىشتە چاتاق يوق».

فۇجيەننىڭ شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىنىڭ تاغ يولى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ئۆتكەن ئىشقا گۇۋاھ بولدى.

30 يىل ئىلگىرى، شياداڭنىڭ تاغ يولى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

«ئۇ جاي بەك چەت، يول يۈرۈش تەس بولغاچقا، يۇقىرىدىكى كادىرلار ناھايىتى ئاز باراتتى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرىدىن مەن بىرىنچى بولۇپ بارغان.» يولداش شى جىنپىڭ دائىم ئەينى يىللاردىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقىقەتەن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىش بولدى. يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چەيدو بىلەن ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭدى. ھەر بىرىمىز بىردىن بامبۇك خادىنى ئېلىپ، دەريا بويىنى بويلاپ ماڭدۇق، ئۇ مۇشۇنداق ماڭساق يېقىنراق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى».

شۇ جايدىكى پۇقرالار ئۆزلۈكىدىن يولغا كېلىپ، ھەر ئىككى - ئۈچ چاقىرىمغا چېلەك - چېلەكلەپ يەرلىك دورا ماتېرىياللىرىدىن تەييارلانغان سوغۇقلۇق شورپا قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

«گەرچە ناھايىتى ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن بەك تەسىرلەندىم.» يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇنداق جايغا بىر قېتىم بارسىڭىز، ئۇلار سىزنى نەچچە ئەۋلاد ئۇنتۇمايدۇ. ھازىرمۇ ئۇلار: ئەينى يىلى شۇجى شى جىنپىڭ شياداڭ يېزىسىغا كەلگەن، دېيىشىدۇ. فېڭ مېڭلۇڭ شوۋنىڭدا ھاكىم بولغان، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە يول مېڭىشقىلا يېرىم يىل كەتكەن. بىز بۇ خىل روھنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئەمەل تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى راھەت قوغلاشسا، فېئوداللىق دەۋردىكى مەنسەپدارلاردىن نېمە پەرقى بولسۇن».

بۈگۈن، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئەڭ نامرات جايلاردا چىڭ تۇرۇپ، كەنتلەرگە كىرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، «كېسەل يىلتىزى»نى توغرا تېپىپ، «نامراتلىق يىلتىزى»نى يۇلۇپ تاشلىماقتا.

ئىككى يىل ئىلگىرى، سىچۇەننىڭ دالياڭشەن تېغىنىڭ تاغ يولى ئېگىز - پەس بولۇپ، تىك يارلىق ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يولنى يىراق كۆرمەي ئۇ جايغا باردى، ئۇ جايدىكى يىزۇ ئاممىسىغا غەمخورلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ باردى.

ئىشىكنى ئاچسىلا تىك قىيا، ئارقىسى تىك يار - دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، ئاتۇلېر كەنتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد «يول»غا بولغان ئوبرازلىق تونۇشى قاتمۇقات تىك قىيا، قاتمۇقات تەبىئىي توسالغۇلاردىن باشلانغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 130 - يىلى، خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى تاڭ مېڭ تاغقا يولۇقسا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سېلىپ، غەربىي جەنۇبتا يول ياساشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، «ياسىيالمىغان». يول خەتەرلىك بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇش تەس بولغان. بۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرى كالتەك ۋە چىۋىق بىلەن ئەڭ خەتەرلىك جايدا چىۋىق شوتا ياسىغان، بۇ «پەلەك شوتا»سى ئۇلارنىڭ تەقدىرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ۋە ئۈمىدى ئىدى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ھالىتىنى كۆرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدۇم.» 2017 - يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭشەن ئوبلاستىدىكى «ئېگىز ھەم تىك قىيالىق كەنت»كە ئالاقىدار تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى چىرايىدا ئىپادىلەندى. شۇ جايدا يېڭى تۆمۈر شوتا ياسالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ كۆڭلى «سەل ئارام تاپقاندەك بولدى». بۇلۇت ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئېگىز ھەم تىك قىيالىق كەنت»تە ساياھەتچىلىك يولغا قويۇلۇپ، مېھمانلار جەلپ قىلىندى؛ تەشۋىشلەنگەن ئاتا - ئانىلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىش يولىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.

بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يۈز مىليونلىغان خەلققە كۈرەش يولى ئېچىپ بەردى −

«بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن، نامرات رايونلاردا يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. خاس كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز زورايدى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلار بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلدى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات زاپاس كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى».

مۇشۇ پەيتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتا ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.

«مەن كۆپ قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەرگىزمۇ ئاسانلا، بىر ھۇجۇم بىلەنلا يەڭگىلى بولمايدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتتىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقىچە، دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار يەنىلا مۈشكۈل، بوشىشىپ كېتىشكە، بوشاڭلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ دېدىم.» قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ بولۇش قاتارلىق رېئال ئەھۋاللار ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر سەگەك، سوغۇققان بولدى، تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇردى.

دەسلەپتە لياڭجياخېغا كەلگەن زىيالىي ياشتىن، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز خىزمەت قىلىدىغان خەلق داھىيسىغىچە، يولداش شى جىنپىڭ داۋانلىرى تىك، جىلغىلىرى چوڭقۇر تاغ يوللىرىنى بېسىپ ئۆتتى، قار - مۇز قاپلىغان يېزا - كەنت يولىنى بېسىپ ئۆتتى، مەۋج ئۇرغان بۇغداي دولقۇنى ئارىسىدىكى ئېتىزلار، چىغىر يوللارنى بېسىپ ئۆتتى... بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، توختىماي ئىلگىرىلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت داغدام يولدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىمەكتە.

(مۇخبىرلار جاۋ چېڭ، خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، خوۋ شۆجىڭ، لىن خۇي، شى يۈسېن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.