تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى

تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرمىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىرقەدەر پۇختا ئاساس سېلىندى، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئايلىنىش بوشلۇقىمۇ كېڭەيتىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر بولۇپ، ھېلىھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز ھالقا. يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەك. تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ نوپۇس، بايلىق، مۇھىت بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئېچىۋېتىش مۇھىتى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش؛ 2035 - يىلىغا بارغاندا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى رايونلارنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشى، شەرق بىلەن غەربنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنىڭ ماس ئالغا ئىلگىرىلىشى، مىللىي، چېگرا رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

(1) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئاساسىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قاتلام بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور جەڭنى ياخشى قىلىپ، مۇھىت ئاسراشتىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئاساسلىق خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرىنى دەل جايىدا تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلمە مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىشاڭ نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

(2) يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يادرو قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ خاس، ئەۋزەل ساھەلەردە دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلمىسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى شارائىتى ھازىرلانغان رايونلاردا دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىلىرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. شەرقىي، غەربىي قىسىمنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا بىر تۈركۈم ئەمەلىي قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى، ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، «قوش ئالدىنقى قاتار»دىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېھتىياجنى يېتەكچى، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىركىتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش فوندىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش تارماق فوندى تەسىس قىلىشىنى قوللاش كېرەك. بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، قوللىنىش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش كېرەك.

(3) زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى ھازىرلانغان كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە كەڭ قوللىنىلىشى ھەم ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىقابەت كۈچىگە باي زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزىلاردا 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزى، زامانىۋى ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق فېرمىسى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە پاختا، ياغلىق دان، شېكەر قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، قوغداش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەسى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يەر ئىشلىتىش قېلىپلاشقان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك، خاس يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىش، قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. زامانىۋى ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە «ئەقلىي ئىقتىدار +» كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «ئالاقە تورى + مائارىپ»، «ئالاقە تورى + داۋالاش»، «ئالاقە تورى + ساياھەت» قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە، مىللىي ئۆرپ - ئادەت، چېگرا مەنزىرىسى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىۋېتىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ساياھەت بىخەتەرلىكى، ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داڭلىق مەنزىرە رايونى، چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ساياھەت - ئىستىراھەت، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، بولۇپمۇ كەسپىي مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(4) ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈرنى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قېزىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈرنى دەرىجىگە ئايرىپ، سۈپەتكە ئايرىپ، باسقۇچقا ئايرىپ پايدىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن ماي ئېلىش، كۆمۈردىن گاز ئېلىش، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىر تۈركۈم نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش كېرەك. كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش، پايدىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى بالداق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم پاكىز ئېنېرگىيە بازىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولت ئېلېكتىرىنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان نۇقتىلىق توك يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زورايتىپ، پاكىز ئېلېكتىر كۈچى يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شامالدىن ۋاز كېچىش، يورۇقلۇقتىن ۋاز كېچىش، سۇدىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. توك تەقسىملەش تورىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ۋە يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، چەت، يىراق رايونلارنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇش يولى ۋە چوڭ تىپتىكى كۆمۈر زاپىسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نېفىت، گاز تارماق لىنىيەسى، تېرمىنال تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق تەبىئىي گاز زاپىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلاردا يەر ئاستىدا گازنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى قاتارلىق ئۆلچەم - تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى بار رايونلارغا مەركەزلىشىشىنى قوللاش كېرەك.

(5) شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا يېزا ئىگىلىك كەسىپكارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان كەنت قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قوغداشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، يېزىلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، رايون ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە يېزا - كەنت مەدەنىيەت كەسىپلىرى ۋە سۈپەتلىك ماركىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۆستۈرۈپ ھەم جارى قىلدۇرۇپ، شەھەرلەر توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم خاس كىچىك شەھەر - بازارلارنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا بايلىق مەنبەسى تۈگەش قاتارلىق ئالاھىدە تىپتىكى رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دائىملىق نوپۇسنى تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نوپۇسقا ئېلىنمىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆچۈپ بارغان جايدا شەھەر - بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ «بايلىقنى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش، مەبلەغنى پايغا ئايلاندۇرۇش، دېھقان (شەھەر) ئاھالىلىرىنى پايچىكقا ئايلاندۇرۇش» قاتارلىق ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، «پاينى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كەسىپنى بىرلەشتۈرۈش، پاينى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، پاينى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قەلبنى بىرلەشتۈرۈش» يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر - بازار ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپتىكى يېزا رايونلىرىغا ئۇزىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(6) ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسى، راۋانلىقى ۋە باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۈجۈپىلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى ئۇزۇنسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تىرانسپورت يولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رايونلارنى ئېچىش ئوق لىنىيەسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بايلىق، ئېنېرگىيە ئېچىش رايونى غول لىنىيە يولى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى، شاڭخەي - چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، چۇڭچىڭ - كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، شىنىڭ - چېڭدۇ تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بىلەن ئادەتتىكى تۆمۈريولنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بېكەت نۇقتىسى كۆپ، بېلەت باھاسى تۆۋەن «ئاستا پويىز»لارنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئۈزۈك يول، بوغما يوللارنى ئېچىپ، دېڭىزغا چىقىش، نامراتلارنى يۆلەش يولى ۋە ساياھەت قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال يولۇچى توشۇش تۈگۈنى، يۈك توشۇش تۈگۈنى (ئەشيا ئوبوروت رايونى) قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاۋىياتسىيە پورتى ۋە تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈگۈن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيەنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېزا، چەت - ياقا رايونلارنىڭ ئۇچۇر تورى بىلەن قاپلىنىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى، دەريا، كۆل غولىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى قۇرۇشنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇشلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا - ئېقىنلارنى تۈزەش ۋە خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئاھالىلەر تارقاق رايونلاردىكى نۇقتىلىق كىچىك تىپتىكى ئۆلچەملەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(7) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداش. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىستېرېئولاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۇختا، ئىشەنچلىك جەمئىيەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش

(8) «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ۋە سىڭىشىش. شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، غەربكە يۈزلەنگەن قاتناش تۈگۈنى ۋە سودا - ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - پەن - مائارىپ، داۋالاش - مۇلازىمەت مەركىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چۇڭچىڭ، سىچۇەن، شەنشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى ۋە ئېچىش - ئېچىۋېتىش تۈگۈنى بەرپا قىلىش كېرەك. گەنسۇ، شەنشىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىشىنى قوللاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم يول، تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. گۇيجوۋ، چىڭخەينىڭ ئىچكى - تاشقى ئېكولوگىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، يېشىل يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكى موڭغۇلنىڭ جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. يۈننەن ۋە لەنساڭجياڭ - مىكون دەرياسى رايونىنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(9) چوڭ يولنى ئېچىۋېتىش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. جۇڭگو - سىنگاپور (چۇڭچىڭ) ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى پائال يولغا قويۇش كېرەك. شىمالىي قىسىم قولتۇق پورت قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە پورت توپىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى دېڭىز - ئوكيان كەسپىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، دېڭىزغا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدە بىرلەشمە تىرانسپورتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تۆمۈريول، تاشيول بىلەن پورت، سانائەت رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. شاڭخەي - چېڭدۇ تۆمۈريولىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى ۋە پورتلاردا يىغىش - تارقاقلاشتۇرۇش توشۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىغا تايىنىپ، قۇرۇقلۇق - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى، ھاۋا - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىقلار ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلەشمە تىرانسپورت مۇلازىمەت ئەندىزىسى ۋە ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى بەرپا قىلىش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا سۇسىز پورت قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىجارەتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۈگۈن - نۇقتا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پورت، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ۋە ئۇچۇر يولى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن ئەشيا ئوبوروتى تورى ۋە چېگرا ھالقىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

(10) ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆپ قاتلاملىق ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش. چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىقلارنى خەلقئارا دەرۋازا تۈگۈن شەھىرى قىلىپ قۇرۇشنى تېزلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، كۇنمىڭ، نەننىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجوۋ، كۆكخوت قاتارلىق ئۆلكە مەركىزى (مەركىزىي) شەھەرلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىدىكى تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلار ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش سودا ساھەسىدە قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە ماس كېلىدىغان مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئىچكى قۇرۇقلۇق ئوچۇق ئىقتىساد سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك پورتلىرىنى كۆپەيتىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. تەرتىپ بويىچە چېڭدۇ خەلقئارا تۆمۈريول پورتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون قاتارلىق ئىقتىدار سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھازىر بار بولغان ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك بازا، باغچە رايونلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىق كادىرلار تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، سۈپەتلىك داۋالاش، مائارىپ، پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى كىرگۈزۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك يەرمەنكىلەرنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(11) چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش. چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى، خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىپ - چىقىشىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش كېرەك. چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقى رايونى، يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى سىناق رايونى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاشقى ئىقتىساد - سودا تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(12) يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تاۋار ۋە مۇھىم ئامىل يۆتكىلىش تىپىدىن تەدرىجىي ھالدا قائىدە - تۈزۈم تىپىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىدىن بۇرۇنقى دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكىنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىپ، مۇلازىمەت كەسپى ئىجازىتىنى تەدرىجىي كەڭ قويۇۋېتىپ، كانچىلىقنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەرتىپ بويىچە تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رايونى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاش، رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ رايون ئىچىدە ھاۋالىلىك پىششىقلاش كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە ئوچۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. غەربىي رايوندىكى ئەۋزەل كەسىپ كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش، تىجارەتتە زۆرۈر مۇھىت، جەمئىيەت ۋە تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك. بىر تۈركۈم ئەۋزەللىكى روشەن تاشقى سودىدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن بازىلارنى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈر يېتىلدۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، بازار ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى ئورتاق قۇرۇپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا بىرقانچە كەسىپلەرنى يۆتكەپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا پەلەمپەيسىمان يۆتكەلگەن كارخانىلارغا قارىتا، ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق رايوندا ئېرىشكەن تاموژنا ئىناۋەت دەرىجىسى بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

(13) رايونلار ئارا ھەمتۈرتكە بولۇش - ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىش. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك. چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىقلارنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ئېكولوگىيەلىك توسۇقى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت يولىغا تايىنىپ، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇجياڭ - شىجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ۋە بېيبۇۋەن ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، گۇاڭشىنى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماس ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايون ھالقىغان كەسىپلەر باغچە رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللاپ، «چاچما ئىقتىساد» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. غەربىي شىمال رايونلىرى بىلەن غەربىي جەنۇب رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ، ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش، ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يادرولۇق موتورنى بەرپا قىلىش كېرەك. بېيبۇۋەن، لەنجوۋ - شىنىڭ، كۆكخوت - باۋتوۋ - ئېردۇس - يۈلىن، نىڭشيادىكى خۇاڭخې بويى، ئوتتۇرا گۇيجوۋ، ئوتتۇرا يۈننەن، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلاردىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېچىۋېتىشىنى، تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا، سىچۇەن - شەنشى، زويوۋجياڭ قاتارلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە سىچۇەن - چۇڭچىڭ، سىچۇەن - يۈننەن - گۇيجوۋ، چۇڭچىڭ - گۇيجوۋ قاتارلىق ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ھالقىغان قوشنا رايونلاردا ماس ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى قوللاش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، گۈزەل غەربىي قىسىمنى قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش

(14) نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېچىش داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە، چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، مۇزلۇق، سۇلۇق يەر قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك بايلىقلارنى ياخشى قوغداش كېرەك. سۇ، تۇپراقنى ساقلاش، تەبىئىي ئورمانلىقنى قوغداش، تېرىلغۇنى ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، نۇقتىلىق ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل غەربىي قىسىمنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. دۆلەت باغچىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(15) نۇقتىلىق رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇش. چىڭخەيدىكى ئۈچ دەريا مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە بەرپا قىلىش، چىليەنشەن ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، يەنرۇڭ رايونىنىڭ تاش - چۆللىشىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، بېيجىڭ - تيەنجىن قۇم - بوران مەنبەسىنى تۈزەش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. فېنخې - ۋېيخې تۈزلەڭلىكى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى، ئۈرۈمچى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايون ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن بىخەتەر پايدىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(16) غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش. بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېشىل كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ سۇ تېجەش ھەرىكىتى ھەمدە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بايلىقتىن تەكرار پايدىلىنىش بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە باغچە رايونلىرىنى دەۋرىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇ تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دەرياغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر، كونا شەھەر رايونى ۋە شەھەر - يېزا تۇتاشقان جايلاردىكى پاسكىنا سۇنى توسۇش، يىغىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

(17) مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. كوللېكتىپ چۆللۈك يېرىنى بازارلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بېكىتىپ، شەخسلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسلىق كەسپى تولۇق رىقابەتلىك ساھە بولغان سودا تۈرىدىكى يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھا بېكىتىش تەننەرخى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. رىقابەت خاراكتېرلىك ھالقىلاردىكى توك باھاسىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىپ، توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئاشۇرۇلما توك تەقسىملەش كەسپى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر كۈچى نەق مال سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. سۇ مول مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا قويۇش قاتارلىق توك باھاسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، غەربىي قىسىم رايونلاردا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەبىئىي گاز ئېلاستىك باھا مېخانىزمى ۋە يۇقىرى - تۆۋەن لىنىيەدە باھا ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش تۆلەم تولۇقلىمىسى بازىرى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي بايلىق، مۈلۈك سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي بايلىق، مۈلۈك پايدىسىنى تەقسىملەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ چېگرا ئىچى - سىرتىدا پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاپ، شىركەتنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز تۈرىدىكى زايوم، مۈلۈك ئاكسىيەلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلاردىكى كارخانىلار تۇنجى قېتىم پېيىنى ئاشكارا بازارغا سېلىش، يېڭى ئۈچ بۆلەككە ۋىۋىسكا ئېسىش، زايوم تارقىتىش، قوشۇۋېلىش - قايتا تەشكىللىنىش قاتارلىقلاردا يېشىل يول سىياسىتى تەتبىقلىنىدۇ.

(18) پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپە دائىرىسىدە پەن - تېخنىكا نەتىجىسى ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىشتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، ئەقىل - پاراسەت كۆجۈملەشكەن تۈرلەرنىڭ ۋاسىتىلىك خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ھەم يېڭىلىق يارىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرىنىڭ مائاش تەقسىماتىدا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى كېڭەيتىپ، نەتىجە - ئۈنۈم مائاش تەقسىماتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

(19) ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش. يەرلىك ئىناۋەت قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىناۋەت گۇۋاھلىقى بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىناۋىتى ياخشى ئىناۋەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا ماس كېلىدىغان ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

(20) تىرىشىپ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى توغرىسىدا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق خىراجەتلەرنى كۈچەپ تۆۋەنلىتىش كېرەك. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرگە قارىتا تەستىقلاشتا ئېھتىياتچان بولۇش، كەڭ قورساق بولۇشتەك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خالىغانچە تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا خەلققە دەخلى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رىقابەتلىشىش سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى تېزدىن ئېنىقلاپ ۋە بىكار قىلىپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش

(21) ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچەش. شەھەر - يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىياسىتى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەربىي قىسىم رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش جەريانىدا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(22) مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى تېز ياخشىلاپ، يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپلەر، يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە رايونىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ئورنى تەمىنلەش - ئېھتىياج زىددىيىتى گەۋدىلىك بولغان رايونلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپى تەمىناتىنى تەرتىپلىك كۆپەيتىپ، «چوڭ سىنىپ نورمىسى» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىي مائارىپتىكى شەرق - غەرب ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسىي تىل - يېزىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىش، ئالاقە تورىدا يىراق مۇساپىلىك مائارىپنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللاپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىش كېرەك. شەرقىي قىسىم غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ مائارىپقا نىشانلىق ياردەم بېرىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ غەربىي قىسىم رايونلاردىكى كەسپىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارادىن ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى غەربىي قىسىم رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. مىنىستىرلىق، كومىتېتلارغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «زاكاز شەكلى»دە غەربىي قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.

(23) داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك (بىڭتۇەن تۇەنچاڭلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، سەھىيە شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جابدۇق شارائىتىنى ياخشىلاپ، تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلاردا بىرقانچە رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئالاقە تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يىراق مۇساپىلىق داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نىڭشيانىڭ «ئالاقە تورى+داۋالاش - ساغلاملىق» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش كېرەك.

(24) كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان جەمئىيەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تۆۋەن كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاسىتە قىلغان «ھەممىباب كارتا» مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

(25) كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان، مەھەللىلەرنى تايانچ قىلغان، ئاپپاراتلارنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىگە كىرىشكە پائال يېتەكلەپ، غەربىي قىسىم رايونلاردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش كېرەك.

(26) ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىدا بىرىكتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رادىيو - تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش رادىيو سۇپىسى ھەم يەتكۈزۈش، قاپلاش تورىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامما تەنتەربىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار مەيدان - سارايلارنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەقتە ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(27) تۇرالغۇ كاپالىتى شارائىتىنى ياخشىلاش. تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىلغان ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم پۇلى مەبلىغىگە مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىكار تۇرغان دېھقان ئۆيلىرىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئۇزاق مۇددەت ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى ئوتتۇراھالدىن تۆۋەنرەك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر - بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى پائال ياخشىلاش كېرەك.

(28) ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھادىسە - ئاپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسە - ئاپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ - تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش - خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى كاپالىتى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى ھەمدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پەن - تېخنىكا تىرىكى، تەشۋىقات - تەربىيە قاتارلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەر تەۋرەش ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلاردىكى ئۆي ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھەم بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى، تەجرىبە بازىسى ۋە تەجرىبە سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تايانچ قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش تېخنىكىلىق جابدۇق سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش

(29) تۈرگە ئايرىپ باھالاش. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۇنىۋېرسال باھالاش كۆرسەتكۈچى ۋە ساھەلەرگە ئايرىپ باھالاش كۆرسەتكۈچىدىن پايدىلىنىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەرقايسىسىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولغان، ھەرقايسىسىنىڭ خاسلىقى بولغان باھالاش مەزمۇنى ۋە كۆرسەتكۈچلىرىنى تەسىس قىلىپ، پەرقلىق باھالاشنى يولغا قويۇش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ باھالاشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

(30) مالىيە - باج جەھەتتىن قوللاش. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىمىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەز مالىيەسى ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى تەقسىملەشتە، داۋاملىق تۈردە مەبلەغ تەقسىملەش كوئېففىتسېنتىنى ئاشۇرۇش، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ياكى يەرلىك مالىيە سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، غەربىي قىسىم رايونلارغا پەرقلىق ياردەم پۇل بېرىشنى يولغا قويۇپ، مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ غەربىي قىسىم رايونلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىرقەدەر زور بولۇشتەك ئەمەلىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلۇپ، مەبلەغنى ھېسابلاپ تەقسىملەش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مالىيە كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولۇشتەك ئەمەلىيىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بولغان قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش كىرىمى يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھېسابلاش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىشقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىدۇ. غەربىي قىسىم رايونلاردا تەسىس قىلىنغان رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپ كارخانىلىرىغا قارىتىلغان تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى شارائىتى ھازىرلانغان ھەم ئېھتىياجى بار تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رايونىدىكى كارخانىلارغا قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى سالاھىيىتى بېرىلىدۇ. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپ تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا، سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

(31) پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش. سودا پۇل مۇئامىلىسى، ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنىڭ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى غەربىي قىسىم رايونلاردىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. دىرىنى قايتۇرماي داۋاملىق قەرز ئېلىش، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلسا، مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا داۋاملىق قەرز بېرىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىناۋەتلىك قەرز بايلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېنىك مۈلۈك ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرى ياكى تۈرلەرنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. يېشىل پۇل مۇئامىلە تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، غەربىي قىسىم رايونلار ئىقتىسادىنى يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ - خەتىرىنى بۆلۈپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

(32) كەسىپلەر سىياسىتى. پاسسىپ تىزىملىك بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى بىرلەشتۈرۈلگەن كەسىپلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ دەللىكى ۋە ئىنچىكىلىك دەرىجىىسنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئىجرا قىلىش ئاساسىدا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىياسىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان ئەۋزەل كەسىپلەر مۇندەرىجىسىگە مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە يېڭىلاش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈشى، باھالىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق تەكشۈرۈش پىلانىدا غەربىي قىسىم رايونلاردىكى تۈرلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمەن، غەربىي قىسىم رايونلاردا شۇ جاينىڭ ئۆزىدە پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش شارائىتى بار ئېنېرگىيە، بايلىق ئېچىش، پايدىلىنىش تۈرلىرىنى شۇ جايدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى قوللاش ھەم ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كېرەك. يېڭىدىن غەربىي قىسىم رايونلاردا تەسىس قىلىنغان مەركەز كارخانىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(33) يەر ئىشلىتىش سىياسىتى. پەرقلىق يەر ئىشلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى كۆرسەتكۈچىنى غەربىي قىسىم رايونلارغا يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇپ، قاقاس تاغ، قۇملۇق، چۆللۈك قاتارلىق ئىشلىتىلمىگەن يەرلەرنى ئېچىش قۇرۇلۇشى كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش تۈرلىرى ھەمدە نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونلىرى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا ئېھتىياجلىق بولغان قۇرۇلۇش يېرىگە قارىتا پىلان - كۆرسەتكۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە مايىللاشتۇرۇپ قوللاش كېرەك. تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆرسەتكۈچىنى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىدا ئۆلكە، رايون ھالقىپ تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(34) ئىختىساسلىقلار سىياسىتى. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان غەربىي قىسىم رايونلار يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېلىپ قېلىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مائاش - تەمىنات جەھەتتە مايىللىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، تېببىي خادىملار، پەن - تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلارنى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا ۋە باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە غەربىي قىسىم رايونلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈشى ھەم قانۇنلۇق ھەق ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. پېنسىيەگە چىققان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە غەربىي قىسىم رايونلاردا ئىگىلىك تىكلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

(35) ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتى. شىنجاڭغا، شىزاڭغا ۋە چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى زاڭزۇلار رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمدە گۇيجوۋغا نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلار نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى داۋاملىق يولغا قويۇشى كېرەك. ئارمىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا پائال قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. بىرلىك سەپنىڭ بىجيې سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەرلەرنى چېگرا شەھەرلەرگە ياردەم بېرىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنى نامرات ناھىيە (كەنت)لەرگە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ - يۆلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى غەربىي قىسىم رايونلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، غەربىي قىسىم رايونلاردا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەمۇرلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

(36) تەشكىلىي كاپالەت. پارتىيەنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدىكى رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن غەربىي قىسىم رايونلارنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، يانداش سىياسەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى گوۋۇيۈەن غەربىي قىسىمنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق پەيتتە باھالاپ، تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئاجرىتىپ ئەمەلىي ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار ھەم جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا داۋاملىق مەدەت بېرىشى ۋە قاتنىشىشى كېرەك.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.