تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاينام - تاشقىنلىق تەرەققىيات تارىخىنى جۇڭگو خەلقى يازغان! مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى جۇڭگو خەلقى ياراتقان! تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرغان جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى جۇڭگو خەلقى يېتىلدۈرگەن! جۇڭخۇا مىللىتى كۈتۈۋالغان ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ يۈكسىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن!

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېتىلدۈرگەن، ۋارىسلىق قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان ئۇلۇغ مىللىي روھ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھىغا ئىگە خەلق، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە خەلق، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا ئىگە خەلق، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىغا ئىگە خەلق، بۇنداق ئۇلۇغ خەلقنىڭ بولۇشى، بۇنداق ئۇلۇغ مىللەتنىڭ بولۇشى، بۇنداق ئۇلۇغ مىللىي روھنىڭ بولۇشى بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزدىكى ئىشەنچىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ بوران - چاپقۇندا توسالغۇسىز ئىلگىرىلىشىمىز، زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ كۈچ!

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ. بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن خەلقتىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ھىمايە قىلىش - قىلماسلىقى، قوللاش - قوللىماسلىقى، خۇشال بولۇش - بولماسلىقى، ماقۇل بولۇش - بولماسلىقىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولغان - بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، بارلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە بەخت ۋە شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك!

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقتە ئىشەنچ بولسا، ئاندىن دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ، ئاندىن دۆلەتتە كۈچ - قۇدرەت بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئەمگەكچان، باتۇر جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى، ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىدى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، مۆجىزىلەر جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە. بىزنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچىمىز بار. بىز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك!

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئۈمىدكە تولغان، شۇنداقلا خىرىسقا تولغان. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ھېسداشلىققا باي، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ كەلگەن، باشتىن - ئاخىر ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ ئارزۇسى سەمىمىي، جۇڭگو قەتئىي باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەرلىك قىلمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. پەقەت باشقىلارغا تەھدىت سېلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرلا، ئاندىن ھەممە كىشىنى تەھدىت دەپ قارايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش سەمىمىي ئارزۇسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ھەرقانداق كىشى خاتا چۈشىنىۋالماسلىقى كېرەك، شۇنداقلا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرمەسلىكى كېرەك. دۇنيادا ئەزەلدىن ئادىللىق بار! جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئوچۇق ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى قوشۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇياش نۇرىنى دۇنياغا چاچىدۇ!

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر ھەربىر كىشىگە مەنسۇپ، ھەربىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى. سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.