دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق سورۇنلاردا ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خېيلۇڭجياڭ، جىلىن قاتارلىق يېقىنقى مەزگىلدە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبەرگەن رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋۇخەن ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەل بېقىش ۋە يوقلاشنى باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار يېقىنقى مەزگىلدە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبەرگەن رايونلاردىن ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى يوچۇقلارنى قايتا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىلىرىنى قايتا مۇستەھكەملەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ياز پەسلىدىكى ھاۋا رايى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ يېڭى ئەھۋالى، يېڭى يۈزلىنىشىگە قارىتا، تېخىمۇ جانلىق، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، چېگرا رايونلار، پورت شەھەرلەرنىڭ سەھىيە كارانتىن ۋە ئايرىپ كۆزىتىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا قوش ئايلىنىش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق مەھسۇلاتلار كاپالىتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، باشلامچى كارخانىلار، مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈزۈك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەر، ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش - سېتىش، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك سودا سارايلار، بازارلار ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە نورمال سەۋىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئايلىنىشى، بازار ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.