تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، پورت مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، «1 - ماي» مەزگىلىدە قاتناش قوراللىرى، مەيدان، بېكەتلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مەنزىرە رايونلىرىدا خادىملارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى پائال كېڭەيتىش؛ توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىش، ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.