تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلغان پىكرىنىڭ تەلىپى بويىچە، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى بىر كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا «سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دىققەت مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈزىتىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس لايىھە تۈزدى. يىغىندىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېتتىكى يولداشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگەندى، تېخى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، سىردىشىش، سۆزلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە ھەرقايسى تەرەپتىن پىكىر - تەكلىپ ئالدى. مۇشۇ ئاساستا، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

يىغىندا، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. كۆپچىلىك ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي بولۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەرسىزلىكنى توغرا تېپىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتى.

چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي قەرەلىدە تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ ئىرادە، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، ھەرقايسى تارماقلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن جەڭ قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەم جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بايلىقى ۋە كۈچىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قىيىن مەسىلىنى قەتئىي ھەل قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قېپقالغان نامرات نوپۇسقا قارىتا ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولغانلارغا قارىتا كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، نامرات نوپۇسنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ كۆزىتىلگەن مەسىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، مەسىلىنى تۈزىتىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دائىملىق مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققان ناھىيە، كەنت، نوپۇسقا قارىتا، ھازىرقى ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ساقلاش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى سىلىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.