تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى    شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىشقا ئاساس سالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، چېن چۈەنگو، لى پېڭشىن، جاڭ چۇنلىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، چېڭ جېنشەن، كۇڭ شىنلۇڭ ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك ھالىتى، ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىش ئىرادىسى، ئاخىرغىچە تۇتۇش چىدامچانلىقى بىلەن، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى دائىمىي خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدا غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەتنى ساقلاپ، خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا قېيىپ كەتمەي، ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن جەڭ قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەم جەڭ قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بايلىقى ۋە كۈچىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشتە بوشاڭلىق قىلماي، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ھەقىقىي تولۇقلاپ، بارلىق نامرات نوپۇسنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، مەسىلە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ۋە پىكىر - تەكلىپلەرگە قارىتا، تۈرمۇتۈر ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - تۈزۈمگە توغرىلىنىپ، ھېساباتقا توغرىلىنىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، قەتئىي تۈزىتىپ، ئاخىرغىچە تۇتۇش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، خېمىغا يېنىپ كەتمەي، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئۆلچەش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدىكى ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ئورتاق تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ھەمكارلىشىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئاممىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تەربىيەلەپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى مەدەت بېرىدىغان، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.