تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىڭلار

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى بارلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىڭلار

جاۋاب خەت

ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى بارلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە:

ياخشىمۇسىلەر، يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇخەندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردۇم، سىلەرنىڭ مەھەللەڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋۇخەندىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردە تۇرمۇش تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىۋېتىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

بۇ مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، شەھەر - يېزىلاردىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، بولۇپمۇ مەھەللىلەردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتىكى ئۇلۇغ كۈچنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

ھازىر، ۋۇخەندە ۋۇخەندىن ئايرىلىش، خۇبېيدىن ئايرىلىش يوللىرىدىكى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بىكار قىلىندى، لېكىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەھەللە يەنىلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئاچقۇچ. سىلەرنىڭ ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىڭلارنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى بارلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە ئوينىغان مۇھىم رولىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئۇلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇخەندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردۇم، سىلەرنىڭ مەھەللەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋۇخەندىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردە تۇرمۇش تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىۋېتىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، شەھەر - يېزىلاردىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، بولۇپمۇ مەھەللىلەردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتىكى ئۇلۇغ كۈچنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، ۋۇخەندە ۋۇخەندىن ئايرىلىش، خۇبېيدىن ئايرىلىش يوللىرىدىكى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بىكار قىلىندى، لېكىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەھەللە يەنىلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئاچقۇچ. سىلەرنىڭ ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىڭلارنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق مەھەللە خىزمەتچىسى بىرىنچى سەپنى چىڭ ساقلاپ، شەھەر - يېزىلاردىكى 650 مىڭ مەھەللىدە يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش، كىرىپ - چىقىشنى باشقۇرۇش، تەشۋىق - تەربىيە، مۇھىتنى تۈزەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى توسۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەنخۇالى مەھەللىسى، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، ھال سورىدى. يېقىندا، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى بارلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھەم بازىنى داۋاملىق ياخشى ساقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.