تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

سوغۇقتا شەرق شامىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

(1)

بىرىنچى چوڭ پورتنىڭ كۈچلۈك يادرولۇق كۈچى

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، نىڭبو جوۋشەن پورتى چۇەنشەن پورت رايونى پىرىستانىدا باھار يامغۇرى يېغىۋاتاتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈنلۈك تۇتۇپ، يىراققا نەزەر سالدى، يىراقتىكى جوۋشەن تاقىم ئاراللىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

كۆز ئالدىدىكى كەڭ سۇ رايونىدا، بىر يىلدا كىرىپ - چىقىدىغان چوڭ تىپتىكى سودا پاراخوتى 42 مىڭ پاراخوت قېتىمغا يېتىدۇ، بۇ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئالتۇن سۇ يولى».

مەمۇرىيەت ئىشخانا بىناسىنىڭ 12 - قەۋىتىدىكى ئۆي سىرتى سۇپىسىدا، باش شۇجى يامغۇردا پورت رايونىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى، كونتېينېرلار رەتلىك تىزىلىپ تۇتاش قويۇلغانىدى، غايەت زور كۆۋرۈك كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كۆز يەتكۈسىز ئىدى، مەشغۇلات مەيدانى جىددىيلىك، ئالدىراشچىلىق بىلەن تولغان، ئەمما يەنە ناھايىتى تەرتىپلىك ئىدى. «بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىگە قاراپ بېقىڭلار» دېدى باش شۇجى خۇشال ھالدا.

نىڭبو جوۋشەن پورتى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ماۋ جيەنخۇڭ باش شۇجىغا مۇنداق دوكلات قىلدى: «بۇلتۇر بىزنىڭ نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 120 مىليون توننا بولدى، ئۇدا 11 يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، كونتېينېر كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 27 مىليون 535 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى پورتلار ئىچىدە 3 - ئورۇنغا ئۆتتى.» باش شۇجى مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ قالتىس نەتىجە!»

نىڭبو جوۋشەن پورتىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا پىلانلاپ تۈرتكە بولغان، ماسلاشتۇرۇپ ھەمكارلاشتۇرغانىدى. 2006 - يىلى 12 - ئايدا، پورتنىڭ كونتېينېر كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 7 مىليون ئۆلچەملىك ساندۇقنى بۆسۈپ ئۆتتى، ئۇ ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ 7 مىليونىنچى ساندۇقنى كۆتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى قوزغاتقانىدى.

ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، نىڭبو جوۋشەن پورتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە رايون پورتلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ «جېجياڭ ئۈلگىسى»نى بەرپا قىلىپ، باش شۇجىنىڭ ئەينى يىللاردىكى يىراقنى كۆرەرلىكىنى دەلىللەپ بەردى.

بۇ قېتىم جېجياڭدا، باش شۇجى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن بىر ئاساسىي تېما − يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بولدى.

پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بارومېتىرى. كۆپ مىقداردا مال كىرىپ - چىقىدۇ، خەلقئارا ئالاقىسى كەڭ، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى.

«ھازىر يۇقۇمنى قانداق تەكشۈرىسىلەر؟» «پاراخوتقا چىقىپ تەكشۈرەمسىلەر؟» «پاراخوت خادىملىرى قىرغاققا چىقالامدۇ؟» باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

پورت مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر پورت يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، كېمە - پاراخوت خەۋپ - خەتىرىنىڭ دەرىجىسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، يول باشلاش مەشغۇلاتى ۋە كېمە - پاراخوت مەشغۇلاتىدا ئالدىنى ئېلىش، شەخسىي كېمە - پاراخوت ۋە خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتتى، بىز تەرەپنىڭ يول باشلاش ۋە تەكشۈرۈش - كارانتىن خادىملىرى بىردەك مۇداپىئە كىيىمى كىيىدۇ، چەت تەرەپ پاراخوت خادىملىرى بىردەك پاراخوتتىن چۈشمەيدۇ، دېڭىز مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدۇق، نۆۋەتتە پورت ئارقىلىق كىرگەن گۇمانىي ياكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى تېخى بايقالمىدى. «3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ %95ى بولدى، كونتېينېر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىنىڭ %99ى بولدى».

«سىلەر ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇپسىلەر، ھەم ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۇتۇپسىلەر، پورتنىڭ نورمال مەشغۇلاتى ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەپتۇ. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھەرقايسى تەرەپ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ 2 - پەسىلدە بىرقەدەر زور كۆلەمدە ئەسلىگە كېلىشنى ساقلىشىدا يەنىلا شارائىت بار ئىكەن. مېنىڭ سىلەرگە ئىشەنچىم بار!» دېدى باش شۇجى ئىلھاملاندۇرۇپ.

ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىلەر؟ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ؟ پورت مەمۇرىيەت ئىشخانا بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى زالدا، باش شۇجى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماسكا تاقىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تۇرۇپ، مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرالىشى بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىمىزدە پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، نورمال ئىشلارنى تەدرىجىي بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ھەممىسى خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن رايونغا ئايلاندى، لېكىن يەنىلا ھەممە ئىش ئۇتۇقلۇق بولدى، دەيدىغان ۋاقىت ئەمەس، يەنە ئېھتىياتچان بولۇش، ئازراق سەۋرچان بولۇشنى ساقلاش كېرەك».

باش شۇجى ئىنتايىن سەگەكلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ھازىر، تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە خەلقئارادا يۈزبەردى. دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئالدىنقى يېرىم مەيدان، خەلقئارادا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش كېيىنكى يېرىم مەيدان. يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، ھەرقانداق بىر ئىقتىسادىي گەۋدە، دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېسە بولمايدۇ، دۆلەت ئىچىدە غەلىبە قىلغان تەقدىردىمۇ، خەلقئارا يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنە بىزگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا خەلقئارا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، سۇ كەلگىچە توغان تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ياخشى قىلىش كېرەك».

دۆلەتنىڭ ئىقتىساد خەرىتىسىدە، جەنۇب - شىمال ۋە شەرق - غەرب سۇ يولىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولغان نىڭبو جوۋشەن پورتىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار بۇ يەردە توپلانغان، ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.

«كۆپچىلىكنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟» روھى كۆتۈرەڭگۈ پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئالدىدا، باش شۇجى ئۇلارنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئۇللۇق، تۈگۈنلۈك ئەسلىھە، سىلەر ئىنتايىن قاتتىق يادرولۇق زەربىدار كۈچ».

«چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتور. ھەربىر موتورنىڭ ئايلىنىشى تېزلىتىلسە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ».

بىر ئىش ئورنىدىن بىر پورتقىچە پاراڭلىشىش، بىر رايوندىن پۈتكۈل دۆلەتكە نەزەر سېلىش، چوڭقۇر مەنىلىك، ئىلھامبەخش سۆزلەر كۆپچىلىككە ئاددىي خىزمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى شەرھلەپ بەردى.

«نىڭبو جوۋشەن پورتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممە ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن، يەنىلا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان كۈچلۈك پورت بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» سۆز ئاخىرلىشىشى بىلەن قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

(2)

ماشىنىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاش

نىڭبو جوۋشەن پورتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ نىڭبو بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى قېلىپى باغچە رايونىغا بېرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكتى.

كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ باغچە رايونىغا 70 نەچچە كارخانا توپلانغان بولۇپ، %90ىنىڭ ھەممىسى بېسىپ قۇيۇش قېلىپى كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى - تۆۋىنىدىكى يانداش كارخانىلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بېسىپ قۇيۇش قېلىپى كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى 20 كۈچلۈكى ئىچىدىكىنىڭ 11ى مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن «يوشۇرۇن چېمپىيون» بار.

نىڭبو جېنجى ماشىنىسازلىق قېلىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قاتار - قاتار ئىستانوك ئۈسكۈنىلىرى ئۇچقاندەك ھەرىكەتلىنىپ، ماشىنىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باش شۇجى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قېلىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپىنى ئىگىلىدى، بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىنى سورىدى، ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى، ناھايىتى كونكرېت سورىدى.

ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

«كۆپچىلىك، سالامەتلىكىڭلار ياخشىمۇ؟»

«ياخشى! باش شۇجىغا رەھمەت!» ئىشچىلار ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب بەردى.

«كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار! بىز ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇشىمىز، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، يەنە تەن ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى كۆپچىلىككە جېكىلىدى.

شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چۈنفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىركەتنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تەستىقتىن ئۆتتى، 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %80ى ئەسلىگە كەلدى، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى. 115 خىزمەتچى ئىچىدە، خۇبېيلىق ئىككى خىزمەتچىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا قايتىپ مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ.

«يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، 2 - پەسىللىك زاكاز تالونىدا بىر ئاز تۆۋەنلەش بولدى. ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم بەردى، يۆلىدى، سۇ، توك پۇللىرىنى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنىڭ يۈكىمىزنى يېنىكلەتتى. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئىشەنچىمىز بار.» شىركەت مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «كارخانىمىزنىڭ كېيىنكى نىشانى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قېلىپ زاۋۇتى قۇرۇپ، كىشى بېشى مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش».

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن سېخ، كارخانا مەسئۇلىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسىدىن باش شۇجى ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.

قايتماقچى بولۇپ ئاپتوموبىلغا چىقىش ئالدىدا، باش شۇجى ئالايىتەن قەدىمىنى توختىتىپ، يەنە بىر قېتىم قايرىلىپ تۇرۇپ ئىشچىلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ كارخاناڭلارنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، مەن يەنىلا ناھايىتى خۇش بولدۇم. جۇڭگودىكى پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ھاياتىي كۈچكە، ئەقىلگە، تولۇپ تاشقان روھقا ئىگە، بۇلار سىلەرنىڭ كارخاناڭلاردىمۇ گەۋدىلىنىپتۇ. شۇنچە ئېغىر يۇقۇم يۈزبەردى، بىزنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلىرىمىز يەنىلا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىمەكتە، يەنىلا توختىماي ئىلگىرىلەپ راۋاجلانماقتا. كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، بارلىق ئىشلىرىڭلارنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن!»

(3)

يۈزتۇرا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش

نىڭبو بېيلۇن داچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قېلىپلىرى باغچە رايونىنىڭ باشقۇرۇش - مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باغچە رايونىنىڭ باشقۇرۇش خادىملىرى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە سىرتقى جايلاردىن جېجياڭغا قايتقان خادىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن يۈزتۇرا، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىركەت باش دىرېكتورى، ساھەلەر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، يەنە سېخ مۇدىرى، كادىرلار ئىشلىرى دىرېكتورى، تۈر ئىنژېنېرى بار.

«بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىشىمدە سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى ئاڭلاپ باقماقچى ئىدىم. ھازىرقى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىيىتىدە، سىلەر نېمىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىسىلەر؟ قايسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا موھتاج؟» باش شۇجى ئاساسىي مەقسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قېلىپ ياساش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسى بىرقەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ھازىر چەت ئەلدە يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى بازارنىڭ كاساتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلانماق تەس، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، باجنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش - قويماسلىقىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئاپتوموبىل ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ «80 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» باش لىدىرى مۇنداق دېدى: 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىككىلەمچى زاكازنىڭ تەسىرىدە، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، ھازىر زاكاز تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. «دۆلىتىمىزدە شۇنچە چوڭ ئىستېمال بازىرى بار، ئاپتوموبىل كەسپى يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېز تەرەققىيات مەزگىلىنى كۆتۈۋالىدۇ، قىيىنچىلىق پەيتى ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ».

قېلىپ كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىدە، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش ئارقىلىق، تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ساھەنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

......

«جېجياڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىر ئىقتىسادىي گەۋدە، مېنىڭ جېجياڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىشىمدە بۇ مەسىلە مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان.» باش شۇجى بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشەندۈردى.

«ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم. مەن جېجياڭدا خىزمەن قىلغان، بۇ توغرىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، بىز قەتئىي ئۆزگەرتمەي چىڭ تۇرۇشىمىز، ئازراقمۇ گۇمانلانماسلىقىمىز ۋە تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك».

يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان زەربىسى ۋە تەسىرىنى تەھلىل قىلغاندا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى:

«ھازىر قىيىنچىلىق كەلدى، كىرىزىس كەلدى، ئوخشاش بولمىغان توپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. دۆلەت ئىچى بازىرىدا قولىمىزدىن كەلگىنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قىلىشىمىز كېرەك، لېكىن خەلقئارا بازار ئوبيېكتىپ جەھەتتە يەنىلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىز زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك».

تولۇق تەييارلىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ۋە ئۈمىدكە باش شۇجى ئېنىق ئىنكاس قايتۇردى:

«ئەمەلىيەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئويلىدى. بىز بىر يۈرۈش سىياسەت بىرىكمە مۇشتنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يەنە ۋاقتىدا تەڭشەپ، تېخىمۇ كۆپ قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بىرىمىز، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تۈپ خاراكتېرلىك، ھاياتىي كۈچى زەخىملىنىشتەك تەسىرگە ئۇچراتمايمىز، شۇنداقلا تېزدىن ياخشى ھالەتكە قايتۇرىمىز ھەم يېڭى تەرەققىياتقا ئىگە قىلىمىز».

«كۆپچىلىكمۇ ئىدىيەۋى تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، كارخانىچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بىر نىيەتتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىللىق سۆزلەر كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

(4)

خەۋپ ۋە پۇرسەت دىيالېكتىكىسى

«بۇ قېتىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىپ، جېجياڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، بىر قىسم جايلاردا نورمال گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەپتۇ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ھالىتى، كەيپىياتى بىر قەدەر ياخشى ئىكەن، ناھايىتى خۇشال بولدۇم».

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر تەسىراتىنى سۆزلىدى.

«خەۋپ ۋە پۇرسەت ھامان تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، خەۋپنى يەڭگەندىلا پۇرسەت كېلىدۇ».

باش شۇجى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس توختالدى: چېگرا سىرتىدا يۇقۇمنىڭ تېز كېڭىيىشىگە، يامرىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا پائالىيىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقىمۇ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

قانداق يېڭى پۇرسەتلەر بار؟ قانداق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى 5G تورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تىلغا ئالدى، رەقەملىك ئىقتىساد، ھاياتلىق ساغلاملىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەر قاتارلىقلاردا يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تىلغا ئالدى.

ئۇ ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «جېجياڭ <قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش>تە چىڭ تۇرۇپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك».

بۇ بىر نەچچە كۈندە، جېجياڭنىڭ كەڭ زېمىنىدا باھار يامغۇرى يېغىۋاتاتتى، ئەمما سوغۇقتا شەرق شامىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى، يامغۇر ھەممە مەۋجۇداتلارنى نەمدەپ، ھەممە نەرسە يېڭىلىنىپ، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان كۈچ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ ۋېيخەن، جۇ جىچەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.