ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئۆگىنىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك
چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىرقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشتەك ياخشى ھالەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دائىملىشىشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشتا تەۋرەنمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر مەنبەسى، خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ باشقۇرۇپ تىزگىنلەپ، پورتتا يۇقۇمنى تەكشۈرۈش، چېگرادىن كىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئايرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قوللاش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى قويۇپ بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان بىر يۈرۈش ماكرولۇق سىياسەتلىرىدىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئىشەنچىسى، جەمئىيەت ئىشەنچىسى، كارخانا ئىشەنچىسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ «قىيىن نۇقتا»لارنى ھەل قىلىشى، «توسۇق نۇقتا»لارنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى تېزلىتىپ، ئادەم، مالىيە، ماددىي ئەشيانىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ ئۈنۈملۈك راۋانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمگە يېتىشكە ماسلاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش»نى چۆرىدەپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاش، قۇرۇلۇشتا ئومۇميۈزلۈك خوتنى يۇقىرىلىتىپ سۈرئەتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنىڭ ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىستېمالنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەپ، لىنىيە يېڭى ئىستېمالىنى زورايتىپ، بازار ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، بازارنىڭ گۈللىنىشى، ھاياتىي كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئېتىز - ئېرىق بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەر ۋە مەخسۇس كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەر، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ چىقىلغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈندىلىك خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ۋەزىپىنى تەقسىملەپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس تۈزىتىش كېرەك. كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېنىق بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، بىرمۇبىر رەتلەپ، باھالاش، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ياخشىلاپ، بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.