تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش  ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش

− 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2020- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، بېيجىڭ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك پادىشاھ سالمان،

ھەرقايسى خىزمەتداشلار:

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! ئالدى بىلەن، مەن پادىشاھ سالمان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، غايەت زور قۇربانلىق بەردى، نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى، بىراق بىز يەنىلا ھوشيارلىقىمىزنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ.

جۇڭگو تەرەپ ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى جۇڭگو تەرەپكە سەمىمىي ياردەم ۋە مەدەت بەردى، بىز باشتىن - ئاخىر بۇ دوستلۇقنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز ھەم قەدىرلەيمىز.

ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىغا يامراپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلدى، ۋەزىيەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ بۇ مەيدان ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش.

بۇ ھەقتە، مەن تۆۋەندىكىدەك تۆت تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايمەن.

بىرىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. مەن بۇ ھەقتە مۇنداق تەكلىپ بېرىشنى خالايمەن: 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى بالدۇرراق ئېچىپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قول تۇتۇشۇپ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. مەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسى، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، ھەرىكەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى پايدىلىق ئۇسۇللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم يۇقۇم تارقالغان دۆلەتلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ. يۇقۇم بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن قول تۇتۇشۇپ ئەڭ پۇختا بولغان بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش تورىنى تارتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىملىرى مەركىزى قۇرۇپ، بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ دورا، ۋاكسىنا، كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. رايون ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقە مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇشىنى قوللايدۇ. مەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىكى سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

تۆتىنچى، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياجىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بولدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشكە پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك، جۇڭگو خەلقئارا بازارنى خام ماتېرىيال دورا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئاياللار، بالىلارنى قوغداپ، ياشانغانلار، مېيىپلار قاتارلىق ئاجىز توپنى قوغداپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

مەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، توسۇقنى بىكار قىلىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك سىگنال تارقىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن. بىز 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشىمىز ھەم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماكرولۇق سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋاقتىدا زۆرۈر مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالاقە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك.

ھەرقايسى خىزمەتداشلار!

مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بىز خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پەقەت بىز جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولساقلا، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالالايمىز!

كۆپچىلىككە رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.