تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋە نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم تىرەك ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىرىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى ۋە مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرنى تولۇقلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاممىۋى سەھىيە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، پۇرسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللاش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتنى نىشانلاپ تۈرنى كۆزلەپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈرنى يولغا قويۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنما، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، دىققەتنى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت نۇقتىلىق قوللاۋاتقان ئاممىۋى سەھىيە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى، خەۋەرلىشىش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلەرنى پائال پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئادەمسىز تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش، توردا ئىستېمال قىلىش، داۋالاش، ساغلاملىق قاتارلىق يۇقۇم مەزگىلىدە نامايان بولغان قۇدرەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىش يوشۇرۇن كۈچى بار يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پائال قوللاپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر قەرز مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەل ئىچى مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىنمىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى ئىلمىي، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يۈرۈشلۈك شەرت ۋە قوللاش خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش»تەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ بېكىتىلگەن مۇھىم، زور قۇرۇلۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلاشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان ۋە يېڭىدىن ئىش باشلىغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بالدۇر قۇرۇپ چىقىش، قۇرۇلۇشنى بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تۈرلەردە مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، بالدۇرراق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى تىرىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بانكا بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قوراللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈر مەبلىغى ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك؛ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، بوغما ھالەتنىڭ چەكلىمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەستىقلاش، بېجىرىش ۋاقتىنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى دەل جايىدا ھەل قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، پەيتنى قولدىن بەرمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەم قوماندانلىق قىلىشى، ھەم جەڭگە ئاتلىنىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئاخىرغىچە تۇتۇش غەيرەت - جاسارىتى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى پارچىلاپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا، ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.