تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئۇدۇللاشتى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، يېتەكچىلىك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، كۈچنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرىمىز. بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتىمىز. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. ئىككىنچى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورمال ھالەتكە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى قەتئىي تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشتا تەۋرەنمەسلىكتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكتە، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرىمىز. ئۈچىنچى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز، ماسلىشىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، يېتەكچىلىك قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا دوكلات قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ ۋە ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى پېڭشىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، رېن خۇا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار ئۇدۇللاشتۇرۇشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.