تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ گىرېتسىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى ساكېللاروپولوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كاتېرىنا ساكېللاروپولوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ۋە مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى دوست. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، مەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم، جۇڭگو - گىرېتسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىم بار. مەن جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساكېللاروپولو بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو - گىرېتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.